Linkclump ماڭا ئوخشاش، بەيدۇدىن سائەتلەپ ماتىريال ئىزدەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى. بۇ قورال ئارقىلىق سىز مەلۇم تور بىكەتتىكى كۆپلىگەن ئۇلانمىلارنى بىراقلا ئېچىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.
مەسلەن: مەن بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەيدۇ تورىدىن ماتىريال ئىزدىگەن بولسام، ماڭا لازىملىق ماتىريالنىڭ قايسى ئۇلانمىدا بارلىقىنى بىلمەيمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن Linkclump ئىشلىتىپ باھارلىق ئۇلانمىنى ئېچىۋېتىپ بىر باشتىن ئالدىرماي كۆرىمەن.
Linkclump بولسا تور كۆرگۈچنىڭ سەركىسى Chrome نىڭ قىستۇرمىسى بولۇپ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
بۇ يەرنى چىكىڭ.
Linkclump ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، سىز ئاچماقچى بولغان ئۇلانمىلارنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن shift نى بېسىپ تۇرۇپ، مائۇس بىلەن رامكا سىزىپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا كۇپايە.
گوگىل تور كۆرگۈچى (chrome) بولسا Google شىركىتى ئىشلىگەن ئۇچۇق مەنبەلىك تور كۆرگۈچ. chrome ھازىر خەلقئارادىكى ئەڭ ياخشى تور كۆرگۈچ بولۇپ، ھەر قايسى تور كۆرگۈچلەرنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ. مەيلى سىز قانداقلا كومپىيۇتېر سېستىمىسى ئىشلىتىڭ، chrome ئاچقان تور بىكىتىڭىز ئەڭ ئۆلچەملىك، تۇلۇق ۋە تور بىكەتلەرنىڭ ئەڭ كۆركەم، مۇھىم ئىقتىدارلىرىنى تۇلۇق كۆرەلەيسىز.
تەپسىلاتى: تور كۆرگۈچلەرنىڭ سەركىسى chrome