ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
بىلىملەرنى كۆرۈپ تۇرىمەنيۇ تىما يوللاش ئىقتىدارىغا تازا دىققەت قىلماپتىمەن، بۈگۈن بىر يوللاپ باقاي. سىلەرگە ئۇبۇنتۇ-ئۇيغۇرئىكىس تۇغرىسىدىكى مەزمونلارنى سۆزلىسەم بەك كۆپ. ئالدى بىلەن ئەڭ ئاسان ئەڭ قۇلايلىق بىر خىل ئۇسۇلنى ئورتاقلىشىپ باقاي.
بۇ مەشغۇلات پۈتۈنلەي ۋىندوۋس (windows ) شارائىتىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ پەقەت بىر نەچچە مىنوتلا يىتەرلىك. ئالاھىدىكى تىز قولغا چىقىدۇ. مەشغۇلاتىڭىز كومنى ئەتكەندىن كىيىن ساقلانمايدۇ. بىر دانە 2G دىن چوڭ بارماق دىسكا بولسىلا بولدى. بارماق دىسكىدىن قوزغالغاندىكى مەشغۇلات سۈرئىتى تىز ھەم بىر خىل يىنىك.
ئالدى بىلەن Ultraiso دىتالىنى چۈشۈرۈپ ئورنىتمىز
1. ئاندىن ئازادە-ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرىمىز.
2. Ultraiso نى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ:
https://www.baidu.com/s?tn=25017 ... F-8&wd=ultraiso
3. بارماق دىسكىنى فورماتلايمىز( 格式化) ئاندىن ultraiso نى ئىچىپ مۇنۇ تەرتىپ بۇيىچە مەشغۇلات قىلىمىز.
继续使用--文件--打开--iso文件--启动--写入硬盘映像--写入
4. ئۇيۇشنى باشلايمىز. تەخمىنەن 5 مىنوتلاردا ئۇيۇش تاماملىنىدۇ. بىز دىتالدىن چىكىنىپ كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ بارماق ئۇيغۇرئىكىس نى ئىشلەتسەكلا بۇلىدۇ. قايتا قوزغاتقاندا bois تىن usb genric دىگەندەكنى بىرىنچى قوزغىلىش قىلىمىز.
ئەڭ يڭى نەشىرىدە دەسلەپتە كۈيىۋاتقان توپنىڭ رەسىمى چىقىدۇ تىزراق كىرەي دسىڭىز Enter نى بىسىۋىتىڭ. مىللىيچە ئىمارەت چىققاندا ئىشلىتىشىنى باشلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بارماق دىسكىڭىزنىڭ سۈپىتى سىستېمىنىڭ سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.