تەيۋەنلىك بىر ئايال توردىشىنىڭ ئالما تېلېفونىنى ئارىيەت ئېلىپ تۆت تال ئالما بىلەن ھېسابنى تۈگەتمەكچى بولدى

تەيۋەنلىك بىر ئەر توردا تونۇشقان بىر ئايالغا ئالما تۆت تېلېفوننى ئارىيەت بېرىپ تۇرغان، ئەمما كېيىن ئايال قايتۇرۇپ بەرمىگەن ۋە ئەرگە تۆت تال ئالما ئەۋەتكەن. ئەر قارىشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلىقىنى بىلىپ ئاچچىقىدا ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
جۇڭگو خەۋەر تورى 22 - ئۆكتەبىر تېلېگىراممىسى، تەيۋەن " كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى"نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەندىكى بىر ئىنژېنېر توردا بىر ئايال بىلەن تونۇشقان، قارىشى تەرەپ ئۇنىڭ ئالما تۆت تېلېفونى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشنى ئېيتقان. ئىنژېنېر ئەر قوشۇلۇپ ئارىيەت بېرىپ تۇرغان، ئەمما قارىشى تەرەپ كېيىن قايتۇرۇپ بەرمىگەن. ئەر قارىشى تەرەپتىن سۈرۈشتە قىلغاندا ئايال ئۇنىڭغا تۆت تال ئالما ئەۋەتكەن. ئەر ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئاچچىقىدا ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، " ئەمىسە ئالما بەشنى ئارىيەت ئېلىپ بەش تال ئالما بەرسە بولغۇدەك" كۈلكە قىلىشقان.
بۇ دېلو شىنجۇ شەھىرىدە يۈزبەرگەن، ئەرنىڭ فامىلىسى لو بولۇپ بۇ يىل 27 ياش ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇ تور چايخانىسىدا شىنبېي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 21 ياشلىق لىن فامىلىك ئايال بىلەن تونۇشقان. ئۇلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىدىغاان بولۇپ بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكەنىكەن. بۇ يىل 2 - ئايدا لىن شىنجۇغا ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلغىلى كەلگەندە، لو ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈن ھەمراھ بولغان. شۇ چاغدا لىن ئۆزىنىڭ تېلېفونىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقاندا، لو مەردلىك بىلەن يېڭىلا سېتىۋالغان نىمكەش ئالما تۆت تېلېفوننى ئۇنىڭغا ئىشلىتىپ تۇرۇڭ دەپ بەرگەن.
لىن ئۆزىنىڭ تېلېفونىنى رىمۇنىت قىلىشقا بىر ھەپتە كىتىدىغانلىقىنى، تېلېفونى رىمۇنىت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئالما تۆتنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لو بۇ گەپلەرگە ئىشەنگەن، ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ ئايال جەنۇپتا ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ تېلېفوننى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن لو ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشقان، ئۇ لودىن " ئالمىنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەك، شۇنداقمۇ؟" دەپ سورىغاندا، لو " شۇنداق" دەپ جاۋاپ بەرگەن. نەتىجىدە ئۈچ ئايدىن كېيىن لو قارىشى تەرەپ ئەۋەتكەن تۆت تال ئالمىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
لو قارىشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلىقىنى بىلىپ ئۇ ئايالغا جازا يۈرۈش قىلماقچى بولغان، ئەمما ئۇ ئايال ئۇنى كۆزگە ئىلمغان، تېلېفوننى ئالمىغان ياكى ئېتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن لو ئاچچىقىدا ساقچىغا مەلۇم قىلغان. لونىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر قارىشى تەرەپ تېلېفوننى قايتۇرۇپ بەرسە ئۇ ئەرزىنى قايتۇرۋالدىكەن ۋە تۆلەم تەلەپ قىلمايدىكەن.
评论