-
2012-08-18
ھالى يوغان تىلەمچى - [نادىر تور ئەسەرلىرى]
بۈگۈن يەكشەنبە .بازار شۇنچىلىك قىزىغان.رامازان بولىشىغا قارىماي كوچىدا ئادەملەر شۇنچە كۆپ.
ئاپام بىلەن ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ، بازارنىڭ چىقىش ئېغىزىغا يېقىنلاپ قالغانىدۇق .ئاپام تۇيۇقسىز يەنە بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى شۇ ئىشىك تۈۋىدە ئۇنى ساقلاپ تۇرۇشۇمنى تاپىلاپ يەنە بازارغا كىرىپ كەتتى .ئۆزۈممۇ تولا يول مېڭىپ سەل چارچاپ قالغاچقا ، بىر سۆرۈن جاينى تېپىپ سالقىنلاپ تۇردۇم .
سەل ئالدى تەرەپتە بىر تىلەمچى ئەر ئولتۇراتتى .سىياقىدىن 30~40ياشلار چامىسىدا كۆرۈنەتتى.كىيىملىرى سەل كونا،ئىككى كۆزىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلاتتى ،ئىككى قولى جەينىكىدىنلا يوق بولۇپ،ئۇ شۇنچە قىينىلىپ بوتۇلكىسىدىكى سۇنى پات-پاتلا ئىچىپ تۇراتتى ، بۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالغانىدىم .
ئەتىگەندە بازارغا كىرگۈچىمۇ بۇ كىشىگە دىققەت قىلغان ئىدىم ، ئۇنىڭغا بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش ،ھېسداشلىق ھېسياتىم قوزغالغان ئىدى. مانا ئەمدى كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى:ئۇ ئالدىدىكى چېلەكتىكى كىملەرنىڭدۇر ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا بەرگەن ناننى پىرقىرىتىپ ئېلىپ يەرگە تاشلىۋەتتى .يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بەرگەن پۇللارنى بولسا ئاۋايلاپ چېلىكىگە سالاتتى .بۇلارنى كۆۈپ ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىق ئىچ ئاغرىتىش نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان، قەلبىمدە بىر خىل ئۆچمەنلىك تۇغۇلغان ئىدى .
تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم :بۇ كىشى باشقىلار بەرگەن ئاپئاق ناننى ياراتماي تاشلىۋىتىپ ، تىلەپ تاپقان پۇلىغا بازاردىن گۆش-پولۇ ئېلىپ يېمەكچى بولسا كېرەك !؟ ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇنچە قەدىرلىگەن ناننى باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە تايىنىپ جان باقىدىغان بىر تىلەمچى قەدىرلىمىسە~~~~~~(لېكىن بۇيەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنى كۆزگە ئىلمىغىنىم ئەمەس )
تۇيۇقسىز بەزىلەرنىڭ ھازىرقى تىلەمچىلەر بىزدىن باي ، بىزدەكلەردىن نەچچىنى سېتىۋالالايدۇ ^^^^^^^^^^^^^^^^^دېگەن گەپلىرى يادىمدىن كەچتى.
<