ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

http://bbs.uyblog.cn

  • 2012-06-05

    ھەزرىتى ئۆمەرنى يىغلاتقان قىز - [ئىسلامى بىلىملەر]

    ھەزرىتى ئومەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندىن كىيىن ،پات-پات كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ،پۇقراچە ياسىنىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ،پۇقرالارنىڭ ھال ئەھۋالىنى ئىگەللەيتتى .ئۇ مەلۇم بىر كېچىسى مەدىنە كوچىلىرىنى ئارىلاپ تاڭ ئاتارغا يىقىن ھېرىپ كېتىپ بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ .ئۆينىڭ ئىچىدىكى گەپ -سۆزلەر سىرتقا ئاڭلىنىپتۇ .ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ئايال :
    -قىزىم ،تېز ئورنۇڭدىن تۇر ،سۈتچى كېلىپ بولغىچە ،سۈتكە بىر ئاز سۇ ئارىلاشتۇرىۋەت ، دەپ قىزنى ئويغىتىۋاتاتتى .قىز ئانىسىغا :
    -ئانا ،بۇ گەپ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى ؟خەلىپە ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇشنى مەنئىي قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ ؟دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .ئانىسى :
    -توۋا قىزىم ،خەلىپە ئۆمەر ھازىر كۆرپىسىدە راھەت ئۇخلاۋاتىدۇ ،بىزنىڭ سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرغانلىقىمىزنى  قانداق بولسۇن ؟دەپتۇ .قىز قەتئىي ئاھاڭدا :
    -خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇخلىغان بىلەن ئاللاھ ئۇخلامدۇ ؟ئاللاھ بىزنى كۆرىدىغۇ ؟قىلغىنىمىزنى بىلىدىغۇ ؟دەپتۇ .ئانىسى قىزغا دىگۈدەك گەپ تاپالماپتۇ ،خاتالىقىنى چۈشىنىپ قىلغان گىپىگە پۇشايمان قىپتۇ ۋە تەۋبە قىپتۇ .
    بۇ گەپلەرنى سىرتتا تۇرۇپ ئاڭلاپ قالغان ھەزرىتى ئۆمەر تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ .چۈنكى ئۇ قەدەر گۈزەل ،ئىمانى بار بىر ئەسلاد ياشلار يىتىشتۈرىلىۋاتقان ئىدىكى ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ ،قورقۇش بۇ ياشلارنى يامان ئىشلاردىن چەكلەۋاتاتتى .ھەزىرىتى ئۆمەر بولسا ،مۇشۇ ياشلارنىڭ يىتىشىپ چىققانلىقىدىن خوش بولۇپ ،ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ ،خۇشاللىقىدا يىغلىغان ئىدى .
           ھەزرىتى ئۆمەر ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپتۇ .سەھەردە تۇنجى قىلغان ئىشى ،‹‹ئاللاھ ھەمىشە بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ››دەپ سۈتكە سۇ قوشمىغان قىزنى ئوغلى ئاسىمغا ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ ،ئەلچىلىككە بېرىش بوپتۇ .بۇ قىز ‹‹ئىككىنچى ئۆمەر ››دەپ ئاتالغان ئۆمەر بىننى ئالدۇلئەزىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى بوپتۇ .ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئادىل ۋە دۇرۇس ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەت ئىنتايىن ئاۋاتلىشىپتۇ ۋە تەرەققى قىپتۇ .ھەتتا خەلق شۇ قەدەر باي بولۇپ كېتىپتۇكى بېرىلگەن زاكاتنى ئالغىدەك كەمبەغەل قالماپتۇ .

    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاللاھنىڭ ئىسمى قوللىنىدىغان ئورۇن

    يىقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلغاندا :
    ‹‹ئاللاھقا تاپشۇردۇم ››دەيمىز .
    يىقىن كىشىلىرىمىزنى ئۇزاتقاندا :
    ‹‹ئاللاھقا ئامانەت !ئاللاھ بالا-قازادىن ساقلىسۇن !›› دەيمىز 
    خەۋپ-خەتەرگە يۇلۇققاندا :‹‹ئاللاھ ساقلىسۇن ،ئاللاھ ساقلىدى ››دەيمىز .
    بىر ئىش قىلماقچى بولغاندا :
    ‹‹ئىنشائاللاھ ، ئاللاھ خالىسا ، خۇدايىم بۇيرۇسا ››دەيمىز .
    بىرسىگە ئاچچقىلانغاندا :
    ‹‹ئۇنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلدىم ،ئۇنى ئاللاھقا قويدۇم ،ئاللاھ جاجىسىنى بەرسۇن ››دەيمىز ياكى يىقىنلىرىمىزغا ئاچچىقىمىز كەلگەندە ،بەتدۇئا شەكلىدە سۆزلىگەندەك قىلغان بىلەن ،ئەمەلىيەتتە دۇئا بىلەن ‹‹ئاللاھ غەزەپ قىلمىسۇن ،ئاللاھ جاجىسىنى بەرمىسۇن ››دەپ ياخشى دۇئا قىلىمىز .
    بىر ئىشتا مۇۋەپىققىيەت قازىنىشنى كۆزلىگەندە :
    ‹‹ئەۋۋەل ئاللاھ ئۇنى قىلىمەن ››دەيمىز .
    بىر ئىشقا ھەيران قالغاندا :
    ‹‹سۇبھانەللا!(ئاللاھ نۇقسانلاردىن پاكتۇر )دەيمىز .
    بىر ئىشنى خاتا قىلىپ سالغاندا :
    ‹‹ئەستەغفىرۇللاھ ››(ئاللاھتىن كەچۈرۈم تىلەيمەن )
    يىيىش ياكى بىر ئىشنى باشلىغاندا :
    ‹‹بىسمىللاھ ››(ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )دەيمىز .
    يىمەك-ئىچمەكتىن كىيىن ياكى بىر ئىش تۈگىگەندە :
    ‹‹ئەلھەمدۇلىللاھ ››(ئاللاھقا شۈكۈر ،رەھمەت )دەيمىز .
    گۈزەل بىر نەرسە كۆرگەندە :
    ‹‹ماشائاللاھ ،(ئاللاھنىڭ خالىغىنى بوپتۇ )دەيمىز .

    مەنبەسى -دىنىمنى ئۆگىنىمەن ناملىق كىتابتىن ئېلىندى 

    分享到:

ئەگەر ئىنكاس يازىدىغان يەر چىقمىسا كۇنۇپكا تاختىسىدىن f5 نى بېسىڭ

<