ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

  باش بەت   توربەت ۋەبىلوگ ياساش   مۇھەببەت   ساغلاملىق   ئىسلامى   ئىقتىسات پۇل تېپىش QQ بىلىملىرى 

  ئىشلىتىشچان دىتاللار   كۆڭۈل ئېچىش   ئۇسلۇب ۋە توربەت كودى   تور ئەسەرلىرى   يېڭى خەۋەرلەر   تېلفۇن بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ 

Google
  • 2012-02-27

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنىڭدەلىلى ۋە ئىسپاتى - [ئىسلامى بىلىملەر]

    بىزنى ئاللاھنى ۋە رەسۇلىنى تونۇپ ئىيمان ئېيتىشقا ھىدايەتقىلغان ياراتقۇچىمىزغا ئۆز لايىقىدا ھەمدۇ-سانا، ھەق پەيغەمبەر مۇھەممەد ئىبنىئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تا ئەبەتكىچە دۇرۇد-سالاملار بولسۇن، ئۇنىڭغائىشەنگەن، ئەگەشكەن ۋە يولىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغانلارغىمۇ ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋەبەرىكىتى بولسۇن!


    ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى، غەيبىي ئەقىدىلەرنى، شۇنداقلائاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئەمىر-پەرمانلىرىنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئەقىدە ۋەئىبادەتلەرنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بۇ ۋەزىپىگە تاللىغان ئەلچىسى ئارقىلىقلا بىلگىلىبولىدۇ  .


    ئۇنداق بولىدىكەن ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ھەقىقى ئاللاھنىڭئەلچىسى بىلەن ئۆزىنى يالغاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ داۋا قىلىۋالغانكاززاپلارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىش يولىنى بىلىۋېلىشى لازىم .


    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەقلى دەلىللىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، بۇ دەلىللەرئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئىيمان ئەھلىنى ئىيمانىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ. شۈبھىلىنىپتەرەددۇتتا قالغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، كاجلىق قىلىپ تېنىپ تۇرۇۋالغانلارنىڭدىللىرىنى قاپلىۋالغان پەردىلەرنى ئېچىۋېتىدۇ .


    ئەقلى دەلىل دېگىنىمىزدە ئىچىدە بەزى نەقلى دەلىللەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولسىمۇ نەتىجىدە ئەقىل ئۇنىڭ توغرا دەلىل ئىكەنلىكىنى قوبۇلقىلىدىغان دەلىللەر ئەقلى دەلىل بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئەقلى دەلىل بىلەن نەقلى دەلىلنىئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ  .


    تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ سان-ساناقسىز ئەقلى دەلىللىرىدىن بىرقانچىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمىز  :


      1-رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ راستچىللىقى، ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ كامىللىقى ئۇنىڭھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەقلى دەلىلىدۇر  .

    رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قېتىممۇيالغان ئېيتىپ باقمىغان، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى مەككە مۇشرىكلىرى راستچىل، ئەمىن، دەپئاتاشقان  .

    سەئىيد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن)(شۇئەرائ سۈرىسى214-ئايەت.) دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمسافا تېغىغا چىقىپ قۇرەيش جەمەتلىرىنى: «ئى فىھر جەمەتى! ئى ئەدىي جەمەتى!» دەپ توۋلىغىلىتۇردى. ھەتتا ئۇلار چىقىپ توپلاشتى. چىقالمىغانلىرى، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ كېلىشكەئادەم ئەۋەتتى. ئەبۇ لەھەب ۋە قۇرەيشلەرمۇ كەلدى. رەسۇلۇللاھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ،ئەگەر مەن سىلەرگە بۇ ۋادىدا ئەسكەرلەر ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بەرسەم،سىلەر ماڭا ئىشىنەمتىڭلار؟» دېۋىدى، ئۇلار: ھەئە، بىز سېنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىڭنىكۆرۈپ باقمىدۇق، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا مەن سىلەرنى قاتتىق ئازابتىنئالدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى» دېگەندە، ئەبۇ لەھەب: پۈتۈن كۈن ساڭا ھالاكەت بولسۇن،بىزنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن توپلىغانمىدىڭ؟ دېدى. شۇ چاغدا بۇ ئايەتلەر نازىل بولدى: (ئەبۇلەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! قۇرۇپ بولدى. ئۇنىڭغا مال-مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرىئەسقاتمىدى)(مەسەد سۈرىسى 1-2-ئايەتلەر).)(سەھىھۇل بۇخارى 4770-ھەدىس)

    رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھىي كېلىپقورقۇپ كەتكەندە ئايالى خةدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا مۇنداق دېگەن،"ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېلىنى ھەرگىز يامان كۈنگە قويمايدۇ، چۈنكى،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېلى خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىلا، راست سۆزلەيلا،ئاجىز، بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىلا، مېھمانلارنىياخشى كۈتىۋالىلا، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىلا" دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى  6982-ھەدىس)


    مانا مۇشۇنداق ئېسىل سۈپەتلەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلى دەلىلدۇر. چۈنكى ئەقىلراستچىل، ئىشەنچلىك كىشىنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىدىكى راستچىللىقىنى ئەڭ يېقىندىن بىلىدىغانئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا تەرەددۇتسىزلائىيمان ئېيتقان. بۇ ساغلام ئەقىلدىن دېرەك بېرىدىغان ئىش  .


    ھىرەقلىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقىدىن،نەسەبىدىن، كۆرسەتمىلىرىدىن سوراپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئەبۇ سۇفياندىن  :


    ـ ئىچىڭلاردا ئۇنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) نەسەبى قانداق؟ 

    ـ بىزدە ئۇنىڭ نەسەبى ئېسىل  .

    ـ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىچىڭلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانبىرەر كىشى بولغانمۇ؟ 

    ـ ياق  .

    ـ ئۇنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئىچىدە پادىشاھ بولغان كىشىبارمۇ؟

    ـ ياق  .

    -ئۇنىڭغا يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى تۈۋەنتەبىقىدىكىلەرمۇ؟ 

    ــ تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر   .

    ــ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتامدۇ؟ ئازىيىۋاتامدۇ؟ 

    ــ كۆپىيىۋاتىدۇ .

    ــ ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئىچىدە دىننى ياقتۇرماييېنىۋالغانلار بارمۇ؟ 

    ــ يوق  .

    ـ ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىيالغانچىلىق بىلەن قارىلاپ باققانمىدىڭلار؟

    ـ ياق  .

    - ئەھدىنى بۇزامدۇ؟

    ــ ياق، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا كېلىشىم بار، ئۇنىبۇزامدۇ يوق، بىلمەيمىز. (ئەبۇ سوفيان: بۇ سۆھبەتتە مۇشۇ بىر سۆزدىن باشقىنى يېنىمدىنكىرگۈزۈشكە ئىمكانىم بولمىدى» دەيدۇ  )

    ـ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلارمۇ؟

    ــ قىلدۇق  .

    ـ قايسىڭلارغالىب كەلدىڭلار؟ 

    ــ بەزىدە ئۇ غالىب كەلدى، بەزىدە بىز غالىب كەلدۇق  .

    ــ ئۇ سىلەرنى نېمىلەرنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ 

    ــ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا بوۋىلىرىڭلارنىڭ دىنىنى تاشلاڭلار، دەيدۇ، نامازئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، راستچىل بولۇشقا، ئىپپەتلىك بولۇشقا، خىش-ئەقرىبالارغاسىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ  .


    ئاندىن ھىرەقل تەرجىمان ئارقىلىق ئەبۇ سوفيانغا  :

    ــ مەن سەندىن ئۇنىڭ نەسەبىنى سورىسام ئېسىل نەسەبلىك دېدىڭ،پەيغەمبەرلەر شۇنداق ئېسىل نەسەپلىك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەردىن بىرەر كىشىپەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانمۇ دەپ سورىسام ياق دېدىڭ، ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋاسىقىلغان بىرە كىشى بولغان بولسا، مۇھەممەد ئۇنى دوراپ پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغاندۇدەيتتىم. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بارمۇ دەپ سورىسام يوق دېدىڭ،بولغان بولسا ئۇ ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تەلەپ قىپتۇ، دەيتتىم. ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىقىلىشىدىن ئىلگىرى ئۇنى يالغانچىلىق بىلەن قارىلامتىڭلار؟ دەپ سورىسام ياق دېدىڭ.ئۇ كىشىلەرگە يالغانچىلىق قىلمىغان ئىكەن، ئاللاھقا يالغانچىلىق قىلمايدۇ، ئۇنىڭغائېسىل كىشىلەر ئەگىشىۋاتامدۇ، تۆۋەن كىشىلەرمۇ دەپ سورىسام تۈۋەن كىشىلەر ئەگىشىۋاتىدۇدېدىڭ. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەرلەرگە بەكراق ئەگىشىدىغانلار ئاشۇلاردۇر. ئەگەشكۈچىلىرىنىكۈپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيۋاتامدۇ دەپ سورىسام كۆپىيىۋاتىدۇ دېدىڭ، ئىمان دېگەنتاماملانغىچە شۇنداق كۆچىيىپ كىتىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدە دىنغا كىرىپ بولۇپ ياقتۇرماييېنىۋالغان بىرەر كىشى بارمۇ دەپ سورىسام يوق دېدىڭ. ئىمان دېگەن كۆڭۈل قانائىتىبىلەن سىڭىشىپ كەتكەندە شۇنداق بولىدۇ. ئەھدىنى بۇزامدۇ دەپ سورىسام ياق دېدىڭ، پەيغەمبەرلەرشۇنداق، ئەھدىنى بۇزمايدۇ. سىلەرنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ دەپ سورىسام، يالغۇزئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىققا، بۇتلارغائىبادەت قىلماسلىققا، ناماز ئوقۇشقا، راسچىل بولۇشقا، ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ،دېدىڭ. ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولىدىغان بولسا، ئۇ پات ئارىدا مۇشۇئىككى قەدىمىمنىڭ ئورنىنىمۇ ئىگىلەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇنىسىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن چىقىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، ئەگەر مەن ئۇنىڭ قېشىغا بارالايدىغانبولسام، قانچىلىك قېيىنچىلىققا يولۇقۇشۇمغا قارىماي چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقاباراتتىم، ناۋادا ئۇنىڭ يېنىدا بولىدىغان بولسام، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى يۇيۇپقوياتتىم، دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 7-ھەدىس)


    دېمەك ھىرەقلىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىم سەۋىيىسى بىلەنئادەتتە پەيغەمبەرلەردە تېپىلىدىغان سۈپەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ ئاشۇ سۈپەتلەرنى پەيغەمبەرلىكنىڭدەلىلى دەپ قاراپ كۆڭلىدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەك-شۈبھىسىزھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەن  .

    جانابى ئاللاھ قۇرئاندا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭئېسىل ئەخلاق سۈپەتلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: (سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققائىگىسەن)(قەلەم سۈرىسى 4-ئايەت)

    بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى ۋە ئەڭ ئەخلاقلىقى ئىدى، بەكئېگىزمۇ ئەمەس، بەك پاكارمۇ ئەمەس ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 3549-ھەدى)


      2-قۇرئان كەرىم 


    قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا نازىل قىلغانكالامى بولۇپ، بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى  ۋەدەلىلىدۇر  .

    قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكى ئاللاھ تائالا پۈتۈنئىنسى-جىنلاردىن ئاشۇ قۇرئاننىڭ ئەڭ قىسقا بىر سۈرىسىدەك بىر سۆزنى قىلىپ بېقىشنىتەلەپ قىلغان بولسىمۇ تا بۈگۈنگە قەدەر مەخلۇقلار بۇنداق بىر سۆزنى قىلالمىغان. پۈتۈنئىنسى-جىنلار بىرەر قىسقا سۈرىسىگە ئوخشاش سۆزنى قىلالمىغان قۇرئاننى مۇھەممەدئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەكىلەلىگەنلىكى ۋە بۇنى ئۆزىگە مەنسۇپقىلىۋالماي ئاللاھنىڭ سۆزى دەپ ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغانلىقى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر .

    قۇرئان كىرىمنىڭ ئۆزى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرى بىلەن تولغان. مەسىلەن:

    قۇرئاندا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭقىسسىلىرى، كەچۈرمىشلىرى، تارىخىي ۋەقەلىكلىرى بايان قىلىنغان. بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئۈستىدەمۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولمىغان، بىرەر كىتابتىنمۇئۇ ۋەقەلىكلەرنى ئوقۇپ باقمىغان. بىرەر مۇئەللىمنىڭ قولىدىمۇ ئۆگىنىپ باقمىغان.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (يەنە شۇ چاغنى ئەسلىگىنكى،پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنىپۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئەۋزەل قىلىپ تاللىدى. ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەتقىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇئ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇئ قىل». بۇ غەيب خەۋەرلىرىدىنبولۇپ، بۇنى بىز ساڭا ۋەھى قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار قايسىلىرى مەريەمگەئاتىدارچىلىق قىلىدۇ، دەپ قەلەملىرىنى تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوقئىدىڭ، ئۇلار ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ)(ئالى ئىمران سۈرىسى 42-44-ئايەتلەر).

    يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكلىرىمۇ شۇنداق. (بۇ غەيبخەۋەرلىرىدىن بولۇپ، بۇنى بىز ساڭا ۋەھى قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار سۈيقەست قىلىپ بەلباغلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، سەن ھەرقانچە ھېرىسمەنلىك قىلساڭمۇ ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ساڭا ئىشەنمەيدۇ.)يۈسۈف سۈرىسى 102-103-ئايەتلەرگە قارالسۇن.


    دېمەك بۇ تۈردىكى ئايەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچ بىر مەخلۇقبىلمەيدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ راستچىللىقىغا ئىسپات سۈپىتىدەۋەھىي قىلىپ بەرگەن.


    بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي قۇرئان كەرىم كېيىنچە كېلەچەكتەيۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلىكلەرنىمۇ ئالدىن خەۋەر قىلغان.

    مەسىلەن مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى ھەققىدە ئاللاھ تائالامۇنداق دېگەن: (ھەقىقەتەن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە: ئاللاھ خالىسا، خاتىرجەم، باشلىرىڭلارنىتولۇق چۈشۈرگەن ھەم قىسقارتقان ھالدا مەسجىدى ھەرامغا چوقۇم كىرىسىلەر، قورقمايسىلەر،دەپ ھەق بولغان چۈشنى كۆرسىتىپ راست ئېيتقان بولۇپ. ئاللاھ سىلەر بىلمىگەننى بىلگەچكە،ئۇنىڭغىچە يېقىن بىر فەتھىنى مۇيەسسەر قىلدى.)(فەتھ سۈرىسى 27-ئايەت)


    يەنە رىملارنىڭ ئىيرانلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنىمۇرەسۇلۇللاھ قۇرئاندا ئالدىن خەۋەر بەرگەن. (رىم سۈرىسى 1-5-ئايەتلەر)

    ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنىئىقرار قىلىپ دېگەن سۆزلىرىنى مەريەم سۈرىسى 30-34-ئايەتلەردە يەنە مائىدە72-77-ئايەتلەردە بايان قىلىپ، خرىستىئانلارنىڭ ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى ياكى ئىلاھ دەۋالغانيالغانچىلىقلىرىنى پاش قىلغان.

    ئەسلىدەخرىستىئان تائىپىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەۋېلىپ بۇ ئەقىدىلىرىنىئۆزلىرىنىڭ ئاۋاملىرىدىنمۇ يوشۇراتتى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقدىننى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار بۇ دىننى يوقىتىشقا، رەسۇلۇللاھنى يالغانچى قىلىپچىقىرىشقا ھېرىسمەن ئىدى، ئۇلار: مۇھەممەد بىزگە مەنسۇپ قىلغان بۇ ئەقىدىلەريالغان ياكى بوھتان، بىز بۇنداق ئېتىقاد قىلمايمىز دەپ جاكارلاپ رەسۇلۇلۇللاھنىيالغانغا چىقىرىشى ئاسان ئىش ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بۇنداق قىلالمىدى.

    رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاندا ئېلىپكەلگەن ۋەھىي ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قىلمىش-جىنايەتلىرىنى، يوشۇرغانئىشلىرىنى پاش قىلىپ ئۇلارنى رەسۋا قىلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغازەھەرخەندىلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۆچمەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدۇ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەكەلگەن قۇرئانئايەتلىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرالمىغان.

    رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلگەنچاغدا ئەھلى كىتابلار بولسۇن، ئەرەب مۇشرىكلىرى بولسۇن يەككە-يېگانە ئاللاھقاباشقا بىر مەخلۇقنى شېرىك قىلىشىۋالاتتى، ئوقۇش بىلەن يېزىشنى بىلمەيدىغان رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ پەقەت ياراتقان ۋە رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان يالغۇزبىر ئاللاھ  ئەقىدىسىنى ئېلان قىلىپ پۈتۈنتائىپىلەرنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى رەت قىلىنمايدىغان پاكىتلار بىلەن بىكار قىلىۋەتكەن.

    بۇ تۈرلۈك خەۋەرلەر، ئەقلى دەلىل-پاكىتلار قۇرئاندا ۋە رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىگە ئۆز ئالدىغا دەلىل بولالايدۇ.


    قۇرئان مۆجىزىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ بىردىنبىر دەلىلى ئەمەس، لېكىن ئەڭ چوڭھەم مەڭگۈلۈك دەلىلىدۇر.


    يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭدەلىللىرى قاتارىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ھىجرىتىدە، مۇنازىرىلىرىدە، جىھاتلىرىداقوللاپ نۇسرەت ئاتا قىلغانلىقى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ بەرگەن گۇۋاھلىقى،نۇرغۇنلىغان دۇئالىرىنى شۇ ھامان ئىجابەت قىلغانلىقى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە نۇرغۇنلىغان غەيبىي ، كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى خەۋەرقىلغانلىقى، بۇ ئىشلارنىڭ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك ۋۇجۇتقاچىققانلىقى ۋە چىقىۋاتقانلىقى، قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن ھەدىسلەردە نۇرغۇنلىغانئىلمىي ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتلەر بارلىقى، بۇلارنىڭ ئەينى چاغدا ئاشۇنداق جاھالەتقاپلىغان شارائىتتا ياشىغان، ئىلىم-پەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ساۋاتسىز بىرئىنساننىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقى، بارلىق تالانتلىق ئىنسانلار يازالمىغان، تۈرلۈكئىلىملەرنى بىلەن تولغان كىتابنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەقىل ئىگىلىرىگە يېتەرلىكئەقلى دەلىل بولالايدۇ. ساغلام ئەقىل، ساغلام تەبىئەت چوقۇم بۇنداق بىر ئىلىم-مەرىپەتبىر ئىنساندا پەقەتلا ئىلاھىي تەلىم-تەربىيە ئارقىلىقلا تېپىلىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ.


    ئۇندىن باشقا ئىلگىرىكى كىتابلاردا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن بىشارەتلەر، رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلۇغ شەرىئەت قانۇنلىرىنى بېكىتىش جەريانى، شۇنداقلاھەر بىر سۆزى ۋە ئىش-ئىزلىرى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


    (ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغائاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقىئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ،ئۇنداق بولىدىكەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممىيپەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»)(ئەئراف سۈرىسى 158-ئايەت)


    ۋەللاھۇ ئەئلەم.


    مۇئەللىپ: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

     


    收藏到:Del.icio.us




    سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، يازما كۈچەگەندە مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ . سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .

    ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
< p align="right">

سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن