ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

  باش بەت   توربەت ۋەبىلوگ ياساش   مۇھەببەت   ساغلاملىق   ئىسلامى   ئىقتىسات پۇل تېپىش QQ بىلىملىرى 

  ئىشلىتىشچان دىتاللار   كۆڭۈل ئېچىش   ئۇسلۇب ۋە توربەت كودى   تور ئەسەرلىرى   يېڭى خەۋەرلەر   تېلفۇن بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ 

Google
  • 2012-02-08

    بەش ۋاق ناماز نىڭ سەۋەبى ۋە ساۋابى - [ئىسلامى بىلىملەر]

     

    بەش ۋاق ناماز نىڭ سەۋەبى ۋە ساۋابى 

    ئەلى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇھاجىر ۋە  
    ئەنسارلار بىلەن ئولتۇراتتى . بىر گوروھ يەھۇدىلەر كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەھھىسالامدىن  مۇنداق دەپ سوراشتى :  ئى مۇھەممەت بىز سەندىن،ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسالامغا نىسىپ قىلغان،ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق بىر
    مۇرسەل پەيغەمبەرگە ياكى مۇقەررەپ پەرىشتىگە بەرمىگەن ئىشلار توغرىلەق سورايمىز :
    -ئى مۇھەممەت! ئاللاھ سېنىڭ ئۈممۈتىڭگە پەرىز قىلغان 5ۋاق ناماز توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن؟
    پەيغەمبەر ئەلىھسسالام مۇنداق دىدى؛-كۈن ئەمدى چىقىشقا باشلىغاندا شەيتاننىڭ ئىكىكى مۈڭگۈزىنىڭ  
    ئارلىغىدىن چىقىدۇ، بۇ چاغدا بارلىق دىنسىزلار ئاللاھنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ،(بىز بولساق ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، تاڭ ئەمدىلا يورىۋاتقاندا) بامدات نامازنى ئوقۇيمىز .  
    كۈن چۈشلۈك تىكلىنىشتىن قىسايغاندا بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارىمىزغا تەسبىھ ئەيتىدۇ ،بىز بۇ چاغدا  
    پىشىن ئوقۇيمىز.  
    ئەسىر ۋاقىتى  ئادەم ئەلەيھىسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىگەن ۋاقىتتۇر،(بىز شۇنىڭدىن ئىبرەت
    ئېلىش ئۈچۈن ئەسىر ئۇقۇيمىز.)  
    شام ۋاقتى ئادەم ئەلەيھىسالام خاتالىغىغا تۆۋەقىلغان ۋاقىتتۇر.  
    خۇپتەن ۋاقتى بارلىق مۇرسەل پەيغەمبەرلەر ئوقۇغان نامازدۇر .  
    يەھۇدىلار راست ئەيتتىڭ دىيىشىپ ،ئۇ5ۋاق نامازنىڭ ساۋابى توغرىلىق  سوراشتى :  
    -پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى :كىمىكى 40كۈن جامائەت بىلەن  بامدات نامازنى ئوقۇسا ،  
    ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاقتىن، نىپاقتىن قۇتۇلۇش يولى بىرىدۇ.
    پىشىن ۋاقتىدا دوزاق شىددەت بىلەن يالقۇنجايدۇ، بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇغان كىشىگە ئالاھ تائالا دوزاخ  
    ئازابىنى ھارام قىلىدۇ.
    ئەسىر ۋاختى ،ئادەم ئەلەيھسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسىدىن يىگەن ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا ئەسىر  
    نامىزىنى ئوقۇغان بەندە گۇناھتىن قۇتۇلۇپ، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك مەسۇم ھالەتكە چىقىدۇ.  
    شام ۋاقتىدا  ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ تۆۋىسىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىت، ھەر قانداق بىر كىشى  
    بۇ نامازنى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن ئوقۇغاندىن كىيىن  ئاللاھ تائالادىن مەقسىدىنى تىلىسە ئاللاھ ئۇ  
    كىشىنىڭ تىلىكىنى بىرىدۇ.
    خۇپتەن نامىزى (كىچە قاراڭغۇلۇقنىڭ رەسمى باشلانغان ۋاقتى بۇلۇپ،)ھەر قانداق بىر كىشى كىچە    
    قاراڭغۇلۇقتا خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن يول ماڭسا ئاللاھ تائاللا ئۇ كىشىگە دوزاخنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى  
    ھارام قىلىدۇ،سىرات(كۆۋرىكىدىن)ئۆتكۈز دىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ.  

    مەنبە:   سەھىھە ۋە ھەدىسلەر

     


    收藏到:Del.icio.us




    سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، يازما كۈچەگەندە مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ . سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .

    ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
< p align="right">

سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن