ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

  باش بەت   توربەت ۋەبىلوگ ياساش   مۇھەببەت   ساغلاملىق   ئىسلامى   ئىقتىسات پۇل تېپىش QQ بىلىملىرى 

  ئىشلىتىشچان دىتاللار   كۆڭۈل ئېچىش   ئۇسلۇب ۋە توربەت كودى   تور ئەسەرلىرى   يېڭى خەۋەرلەر   تېلفۇن بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ 

Google
  • 2012-01-23

    ئۈچ تالاق ھەققىدە - [ئىسلامى بىلىملەر]

     

    جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.
     
    ئىسلام دىنىمىز ھەربىر مۇسۇلمان ئەر كىشىگە ئايالىنى ئۈچ قېتىمدا ئايرىم ئايرىم ئۈچ تالاق قىلىش ھەققىنى بەرگەن.
     
    بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە ئەر كىشى ئايالىنى(ئۈچ تالاق) دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن تالاق قىلسا، ياكى ئايالىنىڭ بىر قېتىملىق پاك ھالىتىدىلا ئۈچ قېتىم ئايرىم ئايرىم ئۈچ تالاق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۈچ تالاقنى بىر بىرلەپ قىلىشنى، ھەر بىر قېتىمدىن كېيىن ئويلۇنۇپ ۋە ئۆزىنى توختۇتۇپ قارار قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشنى يولغا قويغان.
     
     قۇرئان كەرىمدە ((قايتا يارىشالايدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر))،(بەقەر سۈرىسى229-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دەپ كۆرسەتكەن.
     
     دېمەك بىر قېتىمدا بىر سۆز بىلەن ئۈچ تالاق دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ پۇشمان قىلىپ يېنىۋېلىش يولىنى تاقىۋەتكەن بولىدۇ، ئايالىنىڭمۇ قايتا بىللە ئۆي تۇتۇش يولىنى تاقاپ قويغان بولىدۇ.
     
    بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۈچ قېتىمدا قىلىدىغان ئۈچ تالاقنى بىر قېتىمدا بىراقلا ياكى بىر سۆز بىلەنلا جۇغلاپ قىلغان كىشى، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا زىت ئىش قىلغان بولىدۇ، ھەمدە ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ ئايالىنى بىراقلا ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئاچچىقىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىپ: مەن ئاراڭلاردا تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىلىۋاتامدۇ يەنى ئوينىشىۋاتامسىلەر؟ دېگەن، بۇنى ئاڭلاپ ساھابىلەردىن بىرى:"ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمەيمۇ؟"دېگەن. (سۈنەنى نەسائى 5594-ھەدىس).
     
    لېكىن بۇنداق تالاق قىلىش ھەقنى قوللىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىن گۇناھ بولسىمۇ بۇنداق قىلىنغان تالاق ھېساب بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ ھېساب بولىدىغان بولسا قانچە تالاق ھېساب بولىدۇ؟
     
    كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق تالاقنى ھېساب بولىدۇ دەپ قارىغان، ئاز بىر قىسىم ئالىملار ھېساب بولمايدۇ دەپ قارىغان. ھېساب بولىدۇ دېگەن كۆپچىللىك ئالىملار ئۈچ تالاق ھېساب بولامدۇ ياكى بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ دەپ ئۈچ خىل قاراشقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. نەتىجىدە ئالىملار بۇ مەسىلىدە تۆت خىل قاراشقا بۆلۈنگەن.
     
    بىرىنچى قاراش: بىرمۇ تالاق ھېسابلانمايدۇ دېگۈچىلەر بىر گۇرۇپ تابىئىيلار بولۇپ ئۇلار بۇنداق تالاق قىلىش ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت، ئۇنداق بولىدىكەن بۇ تالاق بىدئەت تالاق قاتارىغا كىرىدۇ، بىدئەت دېگەن ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ، دېمەك بۇ تالاق ھېسابقا ئېلىنمايدۇ دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) بىر نەرسە پەيدا قىلىدىكەن، ئىناۋەتسىزدۇر».(سەھىھەين: بۇخارى 2697-ھەدىس. مۇسلىم 1718-ھەدىس)
     
    ئىككىنچى قاراش: ئۇچ تالاق ھېساب بولىدۇ دەپ قارىغانلار ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ كۆپچىلىكى، شۇنداقلا تۆت مەزھەب ئىماملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: "ئالىملار ئايالىغا سەن ئۈچ تالاق دېگەن كىشى ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ، شافىئىي، مالىك، ئەبۇ ھەنىيفە، ئەھمەد ۋە سەلەپ بىلەن خەلەپنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرى ئۈچ تالاق چۈشىدۇ، دەپ قارىغان."(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 10/70).
     
    بۇلار كۆپ دەلىللەرنى كەلتۈرگەن. بۇ دەلىللەرنىڭ كۈچلۈكلىرى تۆۋەندىكىچە:
     
    ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلغان بولسام قايتۇرىۋالالايتتىممۇ؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ياق، سەندىن تولۇق ئاجراپ كەتكەن بولاتتى ھەمدە گۇناھمۇ بولاتتى، دەپ جاۋاب بەرگەن. (سۈنەنى دارىقۇتنى-كىتابۇتتالاق 84-ھەدىس)
     
    ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى ئەسسامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ چوڭ دادام ئايالىنى مىڭ تالاق قىلغان ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: چوڭ داداڭ ئاللاھتىن قورقماپتۇ، ئۈچ تالاق ئۇنىڭ، توققۇز يۈز توقسان يەتتىسى زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قىلغانلىق، ئاللاھ خالىسا ئۇنى ئازابلايدۇ، خالىسا كەچۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.(مۇسەننەفى ئابدۇرراززاق 11339-ھەدىس).
     
    يەنە ھەزرىتى رۇكانە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ئۈزۈل تالاق قىلىۋەتكەندە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ: نېمە مەقسەت قىلغانتىڭ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: بىر تالاق، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئاللاھ بىلەن قەسەم، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا سەن نىيەت قىلغىنىدەك بوپتۇ، دېدى. (سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد 2208-ھەدىس).
     
    دېمەك بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بىر تالاقلا نىيەت قىلغانلىقىغا قەسەم قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەگەر ئۇ ئۈچ تالاقنى ئىرادە قىلغان بولسا ئۈچ تالاق چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   .
     
    ئۈچىنچى قاراش: بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىغانلار بەزى ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنۇل قاييىم قاتارلىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان. بۇلار بىرقانچە دەلىلگە تايانغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
     
    ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خىلاپىتى دەۋرىدە ۋە يەنە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىككى يىل خىلاپىتىدە ئۈچ تالاق بىر ھېسابلىناتتى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىشىلەر ئالدىرىماي قىلىدىغان تالاقنى ئالدىراپ قىلىۋېتىدىغان بولۇپ قالدى، ئۈچنى ئۈچ ھېسابلىساق بولغۇدەك) دەپ ئۈچ ھېسابلىدى.(سەھىھۇ مۇسلىم 1472- ھەدىس).
     
    يەنە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رۇكانە ئايالىنى بىر ئولتۇرۇشتا ئۈچ تالاق قىلىپ ئۇنىڭغا بەك كۆڭلى يېرىم بولدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن: قانداق تالاق قىلغانتىڭ؟ دەپ سورىغاندا ئۇ: ئۈچ دېدى، رەسۇلۇللاھ: بىر ئولتۇرۇشتىمۇ؟ دەپ سورىۋىدى ئۇ: ھەئە دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ: ئۇ دېگەن بىر تالاق، خالىساڭ ئايالىڭنى قايتۇرۇۋال، دېدى، ئۇ ئايالىنى قايتۇرىۋالدى.(مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد 2387-ھەدىس).
     
    تۆتىنچى قاراش: ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولغان بولسا ئۈچ تالاق ھېسابلىنىدۇ، تېخى بىر يەردە بولمىغان ئايال بولسا بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىغانلار ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ھەزرىتى ئىبنى ئابباسنىڭ بەزى شاگىرتلىرىدۇر.
     
    ***
     
     يۇقىرىقى قاراشلار ئاساسلانغان دەلىللەرگە قارىغاندىن كېيىن شۇنى ئېيتالايمىزكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئۈچ تالاقنى بىر ھېسابلىغان، ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئىككى يىل بىر ھېسابلىغاندىن كېيىن كىشىلەرنى ئەدەپلەش ۋە شەرئى سىياسەت قىلىش جەھەتتىن ئۈچ تالاق ھېسابلىغان، بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئۈچ ياكى بىر ھېسابلاشتا ھاكىم ئۆزى كىشىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر ياكى ئۈچ ھېسابلاشنى يولغا قويسا بۇ بىر قانۇن شەكلىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئىش، چۈنكى بۇ ئىش بۇ دائىرىگە كىرمەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، ھەزرىتى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمىڭ پەتىۋاسىنى ئۆزگەرتمىگەن بولاتتى، باشقا ساھابىلەرمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلمىغان بولاتتى.
     
    دىيارىمىزدا كىشىلەردىكى دىنىي ئاڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ تالاق دېگەن سۆزنىڭ ئۇنداق خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولساق، دىيارىمىزدا بىر سۆز بىلەن ئۈچ تالاق قىلغان ئەھۋالدا بىر تالاق ھېسابلاشنىڭ ئىسلام روھىغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
     
    ۋەللاھۇ ئەئلەم.
     
     
    پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

     


    收藏到:Del.icio.us




    سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، يازما كۈچەگەندە مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ . سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .

    ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
< p align="right">

سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن