تونۇشتۇرۇش
مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى
يۇمشاق دېتال ھەققىدە بايانات
ئىقتىدار چۈشەندۈرۈلۈشى
يۇمشاق دېتالغا ئېرىشىش ئۇسۇلى
  •  مەھسۇلات نامى:
  • تولۇق نامى: يىپەك يولى تېز خەۋىرى يانفون ئابونتلىرى ئۇچى قىسقارتىلغان نامى: يىپەك يولى تېز خەۋىرى
  •  مەھسۇلاتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلۇشى:
  • 《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》بولسا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ نازىركوم ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تور ئاخبارات تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ چىقارغان يانفون گېزىتى كەسپى. كۆپلىگەن تېلفونلارنىڭ تېرمىنالى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ھەرپلەرنى قوللىماسىلىق ئەھۋالى سەۋەبىدىن، مەزكۇر كەسىپ قائىدىلىك ئابونتلىرى ئۇچى (يانفون يۇمشاق دېتالى) ئۇسۇلىدىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى يانفون ئېكىرانىدا كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، رەڭلىك ئۇچۇرنى ئاساس قىلغان يانفون گېزىتىنىڭ مەزمۇنى سەرخىل بولماسلىق ۋە مەزمۇنى ئوچۇق كۆرۈنمەسلىكدەك مەسىللەرنى ھەل قىلدى. 《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》)J2ME(JAVA پروگرامما ئېچىش تىلىدىن پايدىللىنىپ ياسالغان بولۇپ، يانفون ئابونتلىرى ئۇچى JAVA نى قوللىغان بولىشى كېرەك.
  • يۇمشاق دېتال ھەققىدە بايانات:
  • 《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》يانفون ئابونتلىرى ئۇچى يۇمشاق دېتالى ئاساسلىقى خەۋەر مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ،بارلىق مەزمۇنلار شىنجاڭ تەڭرىتاغ تور ئاخبارات تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن قانۇنلۇق مەزمۇن. مەزكۇر يۇمشاق دېتال پەقەت GPRS كەسپىنى تەڭشەش ئارقىلىقلا ئشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى مەنبەنى تەڭشەش ھاجەتسىز. مەزكۇر يۇمشاق دېتال، يانفون سىستېمىسىدىكى ھەرقانداق ھۆججەت، كود ۋە ئەمەلىي يۇمشاق دېتالغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. شىنجاڭ نازىركوم ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەزكۇر شىركەت تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》يۇمشاق دېتالىنىڭ ئابونتلار يانفونىغا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەسىرى يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا ئېھتىياجلىق ئابونتلارنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ نازىركوم ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بېكىتكەن تور بېكەتلىرىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. باشقا ئادرېسلاردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتنىڭ مەسئۇلىيتىنى مەزكۇر شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  • ئىقتىدار چۈشەندۈرۈلۈشى:
  • 《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》مۇلازىمىتېر ئارقىلىق خەۋەر مەزمۇنىغا ئېرىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئوقۇپ-كۆرۈش، بۇرۇنقى خەۋەرلەرنىڭ ئىزدەپ كۆرۈش، 《يۇمشاق دېتال ھەققىدە》نى ئېچىپ كۆرۈش، يۇمشاق دېتالدىن چېكىنىپ چىقىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان.《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》دە، خەۋەر، ئۇچۇر، قىزىقارلىق، تۇرمۇش قاتارلىق تۆت ستون بار بولۇپ، ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىمدا يىگىرمە پارچە ئەتراپىدا مەزمۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ.《يىپەك يولى تېز خەۋىرى》يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق 7 كۈن ئىلگىركى خەۋەرلەرنى ئىزدەپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
  • ئابونتلار مۇلازىمىتى:
  • ئابونتلار مۇلازىمەت ئۇسۇلى: Web مۇلازىمەت تور بېكىتى، WAP مۇلازىمەت تور بېكىتى، تېلفون مۇلازىمىتى.
  • مۇلازىمەت تور بېكتى نامى:
  • www.yangezit.com
  • تېلفون:
  • 0991-2803100,10086

تېلېفون:10086 ياردەم:2391000    پىكىر تەكلىپ:8521981
Copyright © tianshannet.com All Rights Reserved   تەڭرىتاغ تورى 版权所有