تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1033|ئىنكاس: 5

قىزىل چىراق فىلىمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3932

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1244
مۇنبەر پۇلى
1994
ئىشەنىچ
1244
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 09:17:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قىزىل چىراق فىلىمى  توغرىسىدا
( «1–ئاۋغۇست كىنو سىتودىيىسى  1975-يىلى ئىشلىگەن )
شىنجاڭ ئوپرا ئۆمىگى 12مۇقام ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ  سەھنىلەشتۈرگەن.

        
ئاساسلىق روللاردا:
لى يۈخې-ئابلىمىت سادىق،ھېيتەم ھۈسەن  
لى موماي-ئايشەم كېرىم
لى تېيمېي-تۇنىسا سالاھىدىن
ۋاڭ لىيەنجۈي-مەخمۇت ھامۇت
               جىيۇ شەن- ئابدۇكىرىم باقى
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ياپۇن باسقۇنچىللىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە لوڭتۇەن پويىز ئىستانسىسى تۆمۈر يولىدا ئىشلەيدقغان يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى،تۆمۈر يول ئىشچىسى-لى يۈخې پارتىيە تەشكىلىدىن ئىبەرتكەن مەخپىي ھۆججەتنى بەيشەن پارتىزانلار ئەتىرتىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما ۋاڭ لىيەنجۈينىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئارقىسىدا لى يۈخې ئائىلىسىدىكى لى موماي، لى تېيمېي قاتارلىق كىشىلەر ياپۇن قاراقچىللىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. لى يۈخې تۈرمىدە دۈشمەنلەرنىڭ ھەر خىل يۇمشاق-قاتتىق جازالىرىغا قىلچە باش ئەگمەيدۇ. دۈشمەنلەر ئاخىرى تۈرمىدە لى يۈخې بىلەن لى موماينى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. تېي مىنىڭ ئاغزىدىن مەخپى ھۆججەتنىڭ ئىز-دىرىگىنى ئالماقچى بولغان ياپۇن قاراقچىللىرى لى تېيمىنى قويۇپ بېرىپ يوشۇرۇن كۈزۈتۈپ تۇرغاندا تېيمىنىڭ خوشنىسى- خۇيلىيەننىڭ ياردىمىدە لى تېيمىي بۆرە چاڭگىلىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ، مەخپى ھۆججەتنى بىخەتەر ھالدا بەيشەن پارتىزانلار ئەتىرتىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئارمىيىمىز مەخپى ھۆججەتنى تاپشۇرىۋىلىپ  بارلىق دۈشمەنلەرنى تامامەن تار-مار قىلىدۇ.
بۇ فىلىم بېيجىڭ تىياتىرى قىزىل چىراق ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىق ناخشىلارنى ھەيتەم ھۈسەن، ئايشەم كېرىم، تۇنىسا سالاھىدىن  قاتارلىق مەشھۇر چولپانلار ئورۇنلىغان. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ئۆزگىچە بولۇپ،ئوشاق مۇقامى ئاساسىدا ئورۇنلانغان بۇ ناخشىلار تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.مەسىلەن:
دادام ئۆلگەم جەسۇر قورىقماس،ۋۇجۇدى كۈچ بىلەن تولغان.
ئىنقىلاپچقلار تىرەپ ئالار، گەر ئۆرۈلسىمۇ ئاسمان.
  تەييارلىغۇچى-قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپتىن-
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
   

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

217

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3932

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1244
مۇنبەر پۇلى
1994
ئىشەنىچ
1244
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 09:22:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى تەسىرلىك، ئاكتيۇرلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئۆزگىچە بولۇپ، تاماشىبىنلارىڭ بىر قىتىم كۆرۈشىگە ئەرزىدۇ.

باھا سۆز

TEWIP ئاغرىپ قالدىلىمامالىم؟چىرايلىرى قارىداپ كىتىپتۇ!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 14:25
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 17:09:13
‹قىزىل چىراق ›فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ،مەن كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن ،ھازىىر شۇنڭ ۋ س د دېسكىسىنى بولسىمۇ تاپقىلى بۇلارمۇ ؟بولسا قايتا كۈرۈپ ھۇزۇرلنساق بۇلتتى ،قالتىس ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمتى .

217

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3932

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1244
مۇنبەر پۇلى
1994
ئىشەنىچ
1244
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 09:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق فىلىم شىركىتىدە بار ئىكەن.شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى يېقىندا بەلكىم تارقىتىپ قېلىشى مۇمكىن.

71

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1112

جۇغلانما

سەھىپە باشقۇرغۇچىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
477
مۇنبەر پۇلى
429
ئىشەنىچ
477
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:20:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

344

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
19
مۇنبەر پۇلى
316
ئىشەنىچ
19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 12:29:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم بۈگۈن (2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 17:50 دە) ۋە ئەتە (ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:10 دە) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلى(9-قانال) دا كۆرسىتىلىدىكەن، ئۇيغۇرچىسى 30 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن، كىچىك چېغىمدا كۆرگەن بۇ فىلىمنى قايتا كۆرۈشكە قىزىقىۋاتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 18:58, Processed in 0.112436 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش