شەھۋانى شۇم

يوللىغۇچى:s11|يوللىغان ۋاقتى: 2012-1-12 14:40|كۆرۈلۈشى:51918 |تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

pCAMZ3QPK.jpg


يېڭى ئىنكاسلار

努尔艾力江 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 15:41:23
سوۋغات قىلغان ئىچىملىكنىڭ پۇلىنى قوبۇل قىلغانلار تۆلەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟

خوجايىننىڭ بالىسىكەندە بۇ!؟
tvrkar يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:22:28
ما گۇينىڭ قىلغان ئىشىنى قارا، بىزدە بولغان بولسا بۇچاققا ئۇ شۇمنىڭ يۈز-كۆزى شاپىلاق بىلەن توشۇپ كەتكەن بولاتتى!!! ھى ھى ھى
يىلتىز يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:57:28
قىززىقكەن.
Erkman يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 23:43:24
جۇڭگو تۇنجى بولۇپ زامانىۋىيلاشتۇرۇش قىلتىقىدىن قۇتۇلىدۇ

لى شىمو

    جۇڭگونىڭ قايتا ئويغىنىشى ياۋروپادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىشىدىن كېيىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئەڭ زور زىلزىلىسى

بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ قايتا ئويغىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى، سىياسىيسى، ھەربىي ئىشلىرى ھەتتا مەدەنىيەت ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. جۇڭگونىڭ ئويغىنىشى ۋە باش كۆتۈرۈشى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئىتىدە بارلىققا كەلگەن ئويغىنىشتىن كېيىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئەڭ زور زىلزىلىسىدۇر. بىر جۈملە بىلەن يىغىنچاقلىغاندا، مودېرنىزم (مەنەن تەرجىمە قىلغاندا «ھازىرقى زامانىزم») بۇنىڭدىن كېيىن زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى مونوپول قىلالمايدۇ.

يېقىنقى ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ۋاقتتىن  بۇيان، ياۋروپا مەرىپەت (ئاقارتىش) ھەرىكىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. ھالبۇكى، ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيانقى غەربلەشتۈرۈش دولقۇنى پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلاپ، بارلىق غەيرىي غەرب مەدەنىيىتىگە زامانىۋىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پارلاق ماياك ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، بۇ پارلاق ماياكقا يەنە ئازغۇنلۇق، تېڭىرقاش ھەتتا ئاپەت ئېلىپ كەلدى. مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ مھسۇلى بولمىش مودېرنىزم ــــ غەربنىڭ خاس مەدەنىيەت ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. قەدىمقى يۇناننىڭ ئەپلاتونىزمى ياۋروپا مەدەنىيىتىدىكى ئابستراكت مۇتلەق ھەقىقەتكە  چوقۇنۇشنىڭ ئۇلىنى تىكلەپ بەردى. خرىستيان دىنىنىڭ تۇنجى قېتىم پارچىلىنىشى ۋە غەربىي روما ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى غەربىي ياۋروپانى مىڭ يىل بۇرۇنلا سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنۈش يولىغا ماڭغۇزدى. ياۋروپا ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى (تەبەقەسى)نىڭ مالىمانچىلىق زامانىدىكى ھوقۇقنى مۇستەھكەملىشى ئەنگلىيەدە خارىتىرىيە (ئاساسىي قانۇن) نىڭ بارلىققا كېلىشىنى تېزلىتىپ ھاكىمىيەت بۆلۈپ ئىدارە قىلىش شەكلىگە كىردى، بۇ غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كىردى. خرستيان دىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىم پارچىلىنىشى ئاڭسىز ھالدا يەككە ئادەمنى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى يەنى ئەزاسىغا ئايلاندۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئېرادىكى ھاسىلات ۋە خېمىرتۇرۇچ بولۇپ، مەرىپەت ھەرىكىتى داۋامىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، شانلىق ۋە تەڭداشسىز مودېرنىزم مەدەنىيىتىنى ياراتتى. مودېرنىزم ئىلىم-پەن ۋە سانائەت ئىنقىلابىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئۈسكىنە-ئەسلىھە ئارقىلىق سەكرەشتىن ئىبارەت زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى بارلىققا كەلتۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتلەق ئەقلىي ئىدراك ۋە تۇغما ھوقۇققا ئىگە بولغان يەككە ئادەم مودېرنىزملىق قىممەت يادروسىنى تەشكىل قىلدى، بۇ يەككە ئادەم ئۇنىڭ مىللەت ئەنئەنىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، غەربتىكى زامانىۋىي مىللىي دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھاكىمىيەت بۆلۈپ ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئېقىم سايلام دېموكراتىيەسى بۇ مىللىي دۆلەتلەر سىياسىي تۈزۈمىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىپ، خۇسۇسىي مۈلۈك مەركەز قىلىنغان كاپىتالىزم تۈزۈمى بۇ مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئۇلتاش بولۇپ قالدى.

بۇ غەرب مىللىي دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك باش كۆتۈرۈشى ۋە كېڭىيىشىگە قارىتا، بارلىق غەيرىي غەرب مەدەنىيىتى مودېرنىزملىق سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ قىممەت قادرىشىنى ئۆز تۇپرىقىغا ئەكىرىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق زامانىۋىيلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق بولۇشتى. بىر-ئىككى يۈز يىل مابەينىدە، مودېرنىزم ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بىردىنبىر «نۇرلۇق» يول بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ دۇنيا خەرىتىسىدە غايەت زور تەڭداشسىز، ھازىرغا قەدەر تېڭىرقاش ئىچىدە تىركىشىۋاتقان جۇغراپىيەلىك ماكاندىن ھالقىغان ساھە ــــ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، «تەرەققىيات» يۆنىلىشى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تالاي سەرخىللىرى ئارىسىدا گۇمانىي قاراشلارغا ئىمكان بەرمىدى، ئۇ بولسىمۇ مودېرنىزملىق يول تاختىسى ئېسىلغان مودېرنىزملىق «داغدام» يولىدۇر. ئەمما بۈگۈن جۇڭگو تۇنجى بولۇپ ئۆز ئەندىزىسى بويىچە مودېرنىزمنىڭ تۇيۇق ئاسارىتىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، بۇ قىلتاقتىن قۇتۇلغان غەيرىي غەرب دۆلىتى بولۇپ قالدى.

جۇڭگو ئەندىزىسىنىڭ ئەھمىيىتى رېئال مەۋجۇدىيەتتۇر

جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ غەيرىي مودېرنىزم يولىدا مېڭىپ كۆلەملەشكەن زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان دۆلەتلەرنىڭ تىمسالى بولۇپ قالىدۇ، بۇ دەل جۇڭگو ئەندىزىسىنىڭ ئەھمىيىتىدۇر.

1919-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ سەرخىللىرى زەمبىرەك ئوقلىرى ئۇچۇپ تۇرغان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە ئاۋامنىڭ ئىڭراۋاتقان نىدالىرى ئىچىدىن ئاخىرى قەدىمىي جۇڭگونىڭ زامانىۋىي غەرب يولىدا مېڭىشىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى، پەقەت بىرلىككە كەلگەن مۇستەقىل، ھوقۇق يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەت قۇرۇپ چىققاندىلا ئاندىن جۇڭگونىڭ زامانىۋىيلىشىش يولىغا ماڭالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

1949-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، ياش جۇڭگو تاشقى ئۇرۇشنىڭ تەھدىتى ۋە قامال قىلىشىغا دۇچ كېلىپ، نورمال ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى زامانىۋىي دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كۈچلۈك ئارمىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى جۇڭگو مۇقەددەس ئۆزى ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئەڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى ئىكەنلىكىنى، قۇدرەتلىك، مۇستەقىل ھالدا ئۆزى ئۆزىگە خوجا بولىدىغان سانائەت سىستېمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنىڭ ئۆزى ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەلتۆكۈس تونۇپ يەتكەن ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى ئاخىرى يېڭى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كىشىلىرىگە دۇنيا بىردەك ئېتراپ قىلغان ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئومۇمىييۈزلۈك ئۆزى ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئاتلاندى. مانا ھازىر جۇڭەو دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ۋە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.

مۇستەقىل قوراللىق كۈچ بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارىشى ئۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى؛ دۆلەتنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىنتايىن قىسقا ۋاقت ئىچىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئىلغار دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە قوراللىق كۈچ ئارقىلىق ئۆزى ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى؛ سوتسىيالىزم بىلەن بازار ئىگىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچنى تايانچ قىلىش، بىرى ئارقىلىق بىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق سىجىل ۋە تەكشى تەرەققىي قىلدى.بۇ ئۈچ باسقۇچ ئورتاق ھالدا مۇكەممەل جۇڭگو ئەندىزىسى شەكىللەندۈردى، بۇ ئەندىزە دەل جۇڭگونى مودېرنىزم قىلتىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان گۈللىنىش ئەندىزىسىدۇر.

دۇنيا مىقياسى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدىن قارىغاندا، جۇڭگونى يۈز يىلدا بۇرۇلۇش ياساپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن بۇ ئەندىزە جۇڭگوغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ ئالاھىدىلىك ــــ ئۆزىنىڭكىنى مەركەز قىلىش، ھەممىنى كىرگۈزۈش، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان بارلىق يات مەدەنىيەتنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسىمى قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئېچىۋېتىلگەن، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان سىغدۇرۇش كۈچى ــــ بۈگۈنكى جۇڭگو ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم كۈچتۇر.

مودېرنىزم ئەمەس بولغان جۇڭگو ئىجادىيىتى زادى نېمە؟

جۇڭەگونىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇشى شۈبھىسىزكى ناھايىتى زور مىقداردىكى غەرب ئامىلىنى قوبۇل قىلغان، ھالبۇكى، بۇ ئامىللار ماھىيەت جەھەتتىن مودېرنىزم ئەمەس ھەم بولۇشىمۇ مۇ7مكىن ئەمەس. 19-ئەسىردىلا مودېرنىزم پىرقىرىتىپ كاللىسىنى ئايلاندۇرۇۋەتكەن «ئەجنەبىيپەرەستلەر» ئاتالمىش مەشھۇر سانالغان «جۇڭگونىڭكىنى گەۋدە قىلىش، غەربنىڭكىنى قوللىنىش» تىن ئىبارەت ئەشەددىي بىر شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شوئار نەچچە ئەۋلاد زاتلارنىڭ زېھنىنى خورىتىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك نەمۇنىلىرىدىن دېڭ گۈەنيىڭ، جاڭ جىدۇڭ، يەن فۇ، تەن سىتۇڭ، لياڭ چىچاۋ، مو جۇڭسەنلەردىن تارتىپ لى داجاۋ، چېن دۇشيۇ، ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭلارغىچە بولغان زاتلار بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تاللىشىغا چوڭقۇر ئىشەنچ ئاساسىنى سېلىپ بەردى.

بۈگۈنكى جۇڭگودا، يەككە ئادەم (شەخسىيلەر) جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئادەملەر توپىنىڭ تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، غەيرىي مۇستەقىل ھوقۇق گەۋدىسىدۇر؛ جەمئىيەتنىڭ چوڭ جەھەتتىكى بىردەكلىكى جۇڭگو سىياسىيسىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى، ئەمما ھەرگىز بۆلۈپ ئىدارە قىلىش ئەمەس؛ بازار ئىگىلىكىدە غەرب ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنىڭ بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملىك تەقسىملەش ئىقتىدارىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، كاپىتال ئاساسىي يېتەكچىلىكىدىكى كاپىتالىزم تۈزۈمىنى كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنمىغان؛ ھازىرقى زامان جەمئىيىتى شەخسنىڭ تۇرمۇشىغا ئەركىنلىك بەرگگن، بۇ ئەركىنلىك ئىقتىساد، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆپ مەنبەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنيانى زىلزىلىگگ سالىدۇ. ھالبۇكى، ھەرقانداق بىر يەككە ئادەمنىڭ سىياسىي تەلىپى جەمئىيەت ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك. كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى سىغدۇرۇش ۋە ئورتاق گەۋدىنى قەتئىي قوغداش ــــ جۇڭگونىڭ زامانىۋىيلىشىشقا بۇرۇلۇشىدىكى تۈرتكىلىك كۈچ ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كۈچىدۇر.

بۈگۈنكى مودېرنىزم يەنىلا دۇنياۋىي ئومۇملۇقتىكى ئاتاق بولۇپ، يەرشارىنىڭ جاي-جايلىرىدا تراگېدىيە ۋە كومىدىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر» دە داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتىۋېتىۋاتىدۇ. جۇڭگو بولسا غەرب ئېتراپ قىلغىلى ئۇنىمايۋاتقان بىر خىل  ئەندىزىدە جىمجىتلا تىنچ باش كۆتۈرۈپ، دۇنياغا غايەت زور ھەيرانلىق ۋە گۇماني سوئاللارنى بېرىۋاتىدۇ.

جۇڭگو دۇنيانىڭ ھەيرانلىقىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ بۇ ھەيرانلىقنى مودېرنىزم ئەمەس، دېسەك، ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟

Erkman يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 01:42:50
ماۋزۇ چاتاق قويۇلغاندىكىن ئىنكاسمۇ چاتاق يوللىنىپ قالدى!
nadir يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 14:57:35
1tuman يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 02:13:46
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-1-12 23:43
جۇڭگو تۇنجى بولۇپ زامانىۋىيلاشتۇرۇش قىلتىقىدىن قۇتۇل ...

مودىرنىزىمنىڭ  بۇ تېما  بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار
ئىپار يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 13:23:12
ھەي، تازىمۇ بىر....
TANHA_BORA يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:39:55
  نىمىش بۇ..؟


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 10:19, Processed in 0.079212 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991