تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 6

مۇلايىم ئايالدىن كۆڭۈللەر خۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6208

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3120
مۇنبەر پۇلى
2514
ئىشەنىچ
3120
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:27:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇلايىم ئايالدىن كۆڭۈللەر خۇش

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

    مۇلايىملىق ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئەخلاقلىق ئايالنىڭ قىممەتلىق لىباسىدۇر. مۇلايىم ئايال ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە، ئىلتىپات-مەرھىمىتىگە ئېرىشىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ھازازۇل ئايال ھەمىشە ئېرىدىن ياكى باشقىلاردىن دەككىسىنى يەپ، غەم-ئەندىشىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ھەرقانداق ئايال ئۈچۈن ئائىلە بىر قورغاندۇركى، ئۇنىڭ خۇشلۇق-ئاراملىقى ياكى قايغۇ-ئازابى ئەنە شۇ ئائىلە بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش ئايالدىن مۇلايىم پەزىلەتنى تەلەپ قىلىدۇ.
    ناھايىتى مەرتىۋىلىك، باي بىر ئادەم بولۇپ، تەرسا، ئاچچىقى يامان بىر ئوغلى بار ئىكەن، بۇ يىگىت توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە، ئاتىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن لايىق تونۇشتۇرۇپ يېقىپتۇ، بىراق بۇ لايىقلار ئۇ ئادەمدىن ئوغلىنىڭ مىجەزىنىڭ تەرسا، ئاچچىقى يامانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن-تويلىشىشتىن يالتىيىپتۇ. ئوغلىنىڭ تەرسا مىجەزىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ لايىق تاللاشنى بۇ ئاتا قوبۇل كۆرمەپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىتنىڭ ئانىسى ئېرىنىڭ ئالدىغا بىر قىزنى باشلاپ كەپتۇ. بۇ ئاتا قىزدىن: «ئوغلۇم باشقا جەھەتتىن ياخشى، بىراق مىجەزى تەرسا، ئاچچىقى يامان، سىلەر توي قىلغاندىن كېيىن، مۇبادا ئوغلۇم تەرسالىق قىلىپ، سىزگە كايىپ كەتسە، قانداق قىلىسىز؟»دەپ سوراپتۇ. قىز ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا: «بۇنىڭ چارىسى ناھايىتى ئاسانغۇ، ئوغلىڭىز ئاچچىقلىنىپ كەتكەندە، ئاغزىمنى يۇمۇپ، گاس-گاچا بولۇۋالىمەن، باشقا گەپنى ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن، مۇلايىملىق بىلەن دېيىشىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    قىزنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئاتا قىزغا چەكسىز ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ھەمدە كاتتا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، قىزنى كېلىن قىپتۇ. قىز تەرسا يىگىت بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، دېگىنىدەك قىپتۇ.
    بۇ راست بولغان ئىش. بۇ قىز قەلبىگە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل خۇلقىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، تەرسا ئېرى بىلەن بىر ئۆمۈر ياخشى ئۆتەلىگەن. ئۇنداقتا، مۇلايىم ئايال قانداق بولىدۇ؟ ئاياللار قانداق قىلغاندا ئۆزىدە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ؟
    - مۇلايىم ئايال ئائىلە ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا قىلچە يەڭگىللىك قىلمايدۇ. ئۇنىڭدا ئاق قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئېرىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، بۇرادەرلىرىگە ھۆرمەت ئېھتىرام كۆرسىتىدۇ. تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىدۇ. ئېرىنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلماي، مۇمكىنقەدەر ئائىلىسنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىقتىساد جۇغلايدۇ. ئېرى خىزمەتتىن قايتىپ كەلگەندە ۋە ئۇنى كۆرگەندە خۇش مۇئامىلىلىك بولىدۇ، ئۇنىڭغا قارىشى سۆزلەشكە، ئۇنىڭ پىكرىنى چالغىتىشقا ئەسلا ئۇرۇنمايدۇ، بىراق ئېرىگە قارىغۇلارچە بويسۇنۇۋېرىشتىنمۇ ساقلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ھەقىقىي مۇلايىملىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئېرىنىڭ بىرەر خاتا پىكىرگە كەلگەنلىكنى بايقىغاندا، «بۇنداق دېيىلسە قانداق بولار؟» ياكى «مۇنداق دېيىلسە مۇۋاپىقىراق بولارمىكىن» دەپ سەمىمىي مەسلىھەت بېرىدۇكى، ئېرىنى مەسخىرە قىلىپ، چىشىغا تەگمەيدۇ. بىلدۈرگەن پىكىرنى ئېرى قوبۇل قىلسا، خۇش بولۇپ، قوبۇل قىلمىسا ئاچچىقلىنىپ، غۇم ساقلاشتىن ساقلىنىدۇ. ھوقۇق-ئىمتىيازنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى يوقىتىپ قويمايدۇ ھەم ئېلاستىكىلىقى بار ھەم ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرالايدىغان، مۇستەقىللىقى يېتىلىگەن بولىدۇ.  
    ھازازۇل ئايال ئېرىنى، بالىلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئائىلە تۇتۇشتا تەلۋىلەرچە ئىش كۆرىدۇ. زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغاندىمۇ كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت تەمەسى قىلىپ، ئېرىنى قېيىن ئەھۋالدا قويىدۇ.شۇڭلاشقا،بىر ئايالدا تەرەققىياتنى چۈشىنەلەيدىغان، ئېرى ۋە بالىلىرىنى بىلىم ھەم ئەخلاق جەھەتتىن يېتەكلىيەلەيدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىغا يېتەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئۆزىدە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرەلىگەن بولىدۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 12:36:44
ياخشى تىما ئىكەن .مۇلايىم ئايال بۇلۇشقا تىرىشساق بولغىدەك

9

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1728

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
801
مۇنبەر پۇلى
832
ئىشەنىچ
801
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 16:30:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئېيتىسىز ، مۇلايىملىق ئاياللارنى تېخىمۇ چىرايلىق ھەم جەزبىدار قىلىدۇ
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 04:01:37
ھازىر بۇنداق قىزلارنى ئۇچىراتماق بەك تەس جۇمۇ ،،،،،،،،ياخشى تېمىكەن    ،،،،،سۈيۇملۇك  قىزلار مۇشۇنداق قىلىشقا تىرىشىڭلا ،،،،،،،

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1319

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
نۇرئېلى ھېدايەت
تۆھپە
479
مۇنبەر پۇلى
757
ئىشەنىچ
479
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:47:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ بارچە گۈزەللىكى ئۇنىڭ مۇلايىملىقى ۋە سەمىمى كۈلكىسىدە تۇرسا ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە!
ئۇنۇتتۇڭ دەپ ئويلىما زىنھار،
ئۇنتۇش ئۇنداق ئاسان بولمىغاي،
ئۇنتۇش شۇنداق ئاسان بولسا گەر،
بۇدۇنيادا ئازاب بولمىغاي..........

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

310

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
82
مۇنبەر پۇلى
216
ئىشەنىچ
82
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 14:41:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپ قويىدىكەن

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

53

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
39
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 17:06:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ_CDEA2F يوللىغان ۋاقتى  2013-3-28 04:01
ھازىر بۇنداق قىزلارنى ئۇچىراتماق بەك تەس جۇمۇ ،،،،،،، ...

ماقۇل تىرشايلى .ئەسەرنى راسلا ياقتۇردۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 21:04, Processed in 0.109828 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش