گۇما ناھىيەسىدە «گۇما ناھىيە ئايزۇم قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىيات شىركىتى» قۇرۇلدى
گۇما ناھىيەسىنىڭ مىللى قول - ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، مىللى قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ، كىيىم-كېچەك لاھىيەلەش، تېخنىكا خادىم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان «گۇما ناھىيە ئايزۇم قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىيات شىركىتى» قۇرۇلدى. شىركەت قۇرغۇچىسى ئايزۇمخان ئىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشچە: بۇ شىركەت قۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدە ئەر- ئاياللارنىڭ كانۋاي كۆڭلەك، ھەر خىل ياستۇق، ھەر خىل داستىخان، كۆرپە كىرلكى، ئويمىچىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ياپقۇچى ، مارجان ساپماكەش، ئەتلەستىن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەك، مارجاندىن توقۇلغان قول سومكىلىرى، ياستۇق قېپى، يوتقان تېشى، نەقىشلەنگەن دوپپا، ياغلىق مارجاندىن توقۇلغان ئائىلە جابدۇقلىرى قاتارلىق 25 تۈرلۈك مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقرىپ بازارغا سالغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىشىگە ئېرىشكەن.

















 |