- تىزىملاتقان
- 2012-11-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-12
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 1648
- نادىر
- 0
- يازما
- 118
 
- تۆھپە
- 109
- مۇنبەر پۇلى
- 1218
- ئىشەنىچ
- 109
| سىزنى ساقلايمەن (ھېكايە )
خېلىدىن بۇيان قىزنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن يىگىت ، تۇيدۇرماي يانداپ ئۆتۈپ ، مەھەللە دوقمۇشىدىكى بىر تۈپ قاغا جىگدە تۈۋىگە كېلىشى ھامان ، شادىمان ۋىچىرلىشىۋاتقان قۇچقاچلار ئۇچۇپ كېتىشىتى. جىگدە تۈۋىدە قىزنى ساقلاپ تۇرغان يىگىت قىز ئۇدۇلىغا كەلگەندە يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
-ۋاي ئانامەي ، ساراڭمۇسىز ئادەمنى قورقۇتۇپ. بۇ يەردە نېمىش قىلىۋاتىسىز؟.
- سىزنى ساقلاۋاتىمەن.
-مەندە نېمىشڭىز بارتتى؟
-دەيدىغان گېپىم بارتتى.
-مەن باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايمەن. بولۇپمۇ مۇشۇنداق پىنھان جايدا.
-نەگە بارىسىز؟
-ئۆيگە .
-توختاڭ ، گېپىمنى دەۋالاي...
-ئالدىمنى توسماڭ.
- گېپىمنى تىڭشىمىسىڭىز كەتكىلى قويمايمەن.
- ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قېرى مۈشۈكتەك نېمە كۆزۈمگە كىرىۋالىسىز ؟.
قىزغا قارىغانسىرى يىگىتنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى قالايمىقانلىشىپ ، كۆزلىرىدىن غەلىتە نۇر چاقناپ ، چىرايى ئۆزگۈرىپ ، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، نەپەسلىنىشى بارغانچە جىددىلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
- راست دەۋاتىمەن ، مەن سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.
-قانچە ئۇزاق بولدى؟.
-بۈگۈن 366 كۈن ، 8 سائەت .
-ۋاي بىچارە ، قانداق ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز؟.
-ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، تۇيۇقسىزلا شۇنداق بولۇپ قالدىم.
-نېمىشقا بۇرۇنراق دېمەيسىز؟.
-دىيىشتىن خىجىل بولدۇم.
-سىز غەلىتە ئىكەنسىز.
-مەندە سىزگە بولغان چەكسىز سۆيگۈ بار.
- قالايمىقان خىياللاردا بولماڭ جۇمۇ؟
-ھە...ياق ... ما...
-كېكەچلەيسىزغۇ؟
-نەدىكىنى.
-نىمىشلارنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىۋالدىممۇ؟
-...
- تىلىڭىز تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپقىلماي ئېغىر تىنىسىڭىزغۇ؟
-...
-قاچانغىچە مۇشۇنداق داڭ قېتىپتۇرىسىز گەپ قىلماي ؟
-نېمە دەيمەن.
-نېمە دېگۈڭىز كەلسە دەۋەرمەمسىز .شۇنىمۇ مەندىن سورامتىكى.
-ئاغزىمدىن چىقىرالماۋاتىمەن.
- نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىڭزنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار.
-سىز .. بىلەن ... ياق ... مەن...سىزنى ...
- نېمە بولدى سىزگە ؟ تىل چاينىماي كۆڭلۈڭىزدىكىنى دەۋەرمەمسىز.
- توي ...قىلغۇم ... سىزنى....بەك...ياخشى ...
-نېمە؟.
-بار...
-ساراڭمۇ سىزدەك گېپىنىڭ باش ئاخىرىنى دېيەلمەيدىغان يىگىت بىلەن توي قىلمايدۇ.
- ئۇنداق بولسا ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟.
- قانداق قىلىشىڭىز بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم.
-مەن بىلەن توي قىلمايدىغان ئادەم نېمىشقا مېنى كولدۇرلىتىپ يۈرۈيسىز.
- قان بېسىمىڭىز ئۆرلەپ كەتتىمۇ نېمە.
-نورمال.
-كېچىكتىڭىز.
-باشتىن باشلىساققۇ بولا.
-نېمىنى؟
-ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى.
-نېمىشقا؟.
-چۈنكى مەن سىزنى بەك ، بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.
-مەن سىزنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيمەن.
- ھېچقىسى يوق ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز. ھازىرچە قولۇم قىسقا ، كېيىنچە نەگە سوزسام يېتىدىغان بولۇپ كېتىدۇ ، خۇدايىم بۇيرىسا.
-ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز . كۆڭۈل خالىمىغان ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈشنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى يوق.
-چوقۇم سىزگە بەخت ھەم لەززەت ھېس قىلدۇرىمەن.
-توۋا دەڭ.
-چوقۇم دېگىنىمنى قىلىمەن.
-لەۋزىڭىزدە تۇرالمىسىڭىزچۇ؟
-مەندىن باراۋەرلىك ھەم ئەركىنلىك تالاشمىسىڭىزلا.
-مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن.
-مەن سىزنى چىن دىلىمدىن كۆرىمەن.سىز سۆيۈشكە ئەرزىيسىز.
-تولا كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرمىڭە ئۆچلۈكىمنى ئاشۇرۇپ.
-چىرايىڭىزدىنلا بارلىق ئىشلاردا ئېرىڭىزنى خۇش قىلىشنى مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم دەپ چۈشىنىدىغانلىقىڭىز چىقىپلا تۇرىدۇ.
- قالتىسكەنسىز ، بىلىۋالدىڭىز.لېكىن ئۇ سىز ئەمەس.
-ئۆزئارا ئىشىنىش ، چۈشىنىش ۋە قەدىرلىشىش مېنى سىزگە ئېرىشتۈرىدۇ.
-ئۇخلاپ چۈشىڭىز.
-ئالدىراقسانلىق قىلماڭ.
-تاشنى تاياققا قانداقمۇ تاڭغىلى بولسۇن.
-سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار.
-ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟.
-ئىككىمىز تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەندە سىزگە نېمە دېگەنتىم؟.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
- خوشلاشقانداچۇ؟
-خۇداغا تاپشۇردۇم.
- ئارقىڭىزدىن توۋلاپ تۇرۇپ نېمەدېگەن.
-ئالدىرىمىساڭ غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ.
-ھەببەللى!
-نېمىگە بۇنچىۋالا خۇش بولۇپ كېتىسىز؟.
-سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، باياتىندىن بېرى مېنى سىناپسىز.
-ھوي! ئۆتەپ بېرىڭە نېرى.
-سىزگە مەڭگۈ كۆيىنىمەن ، ھالىڭىزغا يېتىمەن...
-سىز ماڭا بىر ئۆمۈر ياخشى ئىشقىلىپ بېرەلەمسىز؟.
-سىزنىڭ ماڭا بولغان سەمىمىيىتىڭىزگە قارايمەن.
-سىزگە پاك قەلبىم بىلەن كۆيىنىمەن.
-سىزگە ھەقىقى بەخت ئاتا قىلىمەن.
يىگىت بىلەن قىز بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە ئۇزاققىچە تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىدىغان گەپلىرى تۈگىگەندەك قىلاتتى . ئەمما كۆزلىرى ئۈنسىز سۆزلىشەتتى. چىرايلىرىدا بىرخىل جىددىلىك ، تەشنالىق... ئاخىرى چوغدەك تىنىقلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى...
ئۇلاربىر-بىرىگە كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشتى. قىز ئارقىسىغا قاراپ-قارا قويۇپ قەدەملىرىنى يۆتكەيتى. يىگىتنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.
-ئەتەسىزنى ئاشۇ يەردە ساقلايمەن !- قىزنىڭ قوڭغىراقتەك ئاۋازى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئېقىپ كىردى. يىگىت كۆزى قىيمىغان ھالدا قاغا جىگدە تۈۋىدىن ئايرىلدى. بىر جۇپ قۇچقاچ كېلىپ جىگدىنىڭ شاخلىرىغا قونۇپ ، بىر-بىرىگە قاراپ تاتلىق قىلىق ۋىچىرلاشقا باشلىدى.
|
|