تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2988|ئىنكاس: 0

گوللاندىيە بانكىسى ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

116

تېما

0

دوست

1356

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
195
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
195
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-24 19:28:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيە بانكىسى ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى

20151127013013_41994.png

3-ئاينىڭ 22 -كۈنى گوللاندىيە بانكىسى ABN Amro ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئالتۇن باھاسى 2016-يىلى 2017-يىلى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، بۇ گوللاندىيە بانكىسىنىڭ نەچچە ئايدىن كېيىن 2 – قېتىم ئالتۇن باھاسى ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىشى. تەھلىلچىلەر دوكلاتىدا يىل ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسى 1370 دوللار ئەتىراپىغا ئۆرلەيدۇ دەپ نىشان قىلغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1300 دوللار مۆلچەرلىگەن. 2017-يىلى يىل ئاخىرىدىكى نىشان 1450 دوللار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1300 دوللار مۆلچەرلىگەن.
گوللاندىيە بانكىسى مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاجىزلىغان دوللار ۋە مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى بۇ يىل ئالتۇن باھاسىغا تىرەش كۈچى بولدى. " يېقىندا بىز ئومۇمىي جەھەتتىن دوللارغا نەزەر سالدۇق، بىزنىڭ قارىشىمىزچە دوللارنىڭ كۆپ يىللىق ئۆرلەش ۋەزىيىتى چوققىغا يېتىپ بولدى، كەلگۈسىدە تۆۋەنلەشكە قاراپ يۆتكىلىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالتۇننىڭ قوزغىتىش كۈچى دوللارنىڭ يۆنىلىشى تەرەپتە بولدى. بىز كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا دوللارنى تۆۋەنلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدۇق، بۇنىڭ بىلەن بىر ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلە ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىندى."
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، بىز نۆۋەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلدىغان نۇقتا پۇل پاخاللىقى ئەگرى سىزىقى، " پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى" ، مەبلەغ سالغۇچىلار دوللارنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئالتۇن سېتىۋالىدۇ. شۇڭا، ئالتۇن باھاسى كېلەر يىلىمۇ چوڭ زەربىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، گەرچە بىز ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەدرىجىي ئۆسۈم ئۆستۈرىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن بولساقمۇ."







ئامېرىكا ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىسە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قەدىمى تىزلىشىدۇ

1458743401271813.jpg

3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەزاسى سان لۇئىس فېدېراتسىيە رەئىسى بۇراد(James Bullard) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز ئۆسۈم قوشۇشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 4-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت.
بۇراد مۇنداق دېدى، گەرچە نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسىتى مۇۋاپىق ياخشى ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سەل توختاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نېيترال سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسى % 2 مۆلچەرلەندى، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تەدرىجىي نورمال ئۆسۈم نىسبىتىگە ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە، پۇل پاخاللىقى ئىشسىزلىق نىسبىتى (NAIRU) دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تېخىمۇ تېز ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇراد يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنىلا كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا، مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا، يەنىلا "ئانچە مۇمكىن بولغان تاللاش" ئەمەس.

نېفىت باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب

20160120041631841.png

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى OPEC نىڭ ئەزا دۆلەت، نىگېرىيە نېفىت مىنىستىرى كار چىكۇن  چارشەنبە ) 3- ئاينىڭ 23 (كۈنى مۇنداق دېدى :
سەئۇدى ئەرەبىستان ، قاتار , ۋېنېسۇئېلا ۋە  OPECلاردىن باشقىلار روسىيە ،2 - ئايدا دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ، نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى 1 - ئايدىكى )توڭلىتىش( سەۋىيىنى ساقلاشنى  ئاساس قىلماقچى بولدى. قاتار،  OPEC  ئەزا دۆلەتلەر ۋە نېفىت چىقىدىغان ئاساسلىق OPEC ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرمۇ -4 ئاينىڭ 17 - كۈنى يىغىنغا  قاتنىشىپ، رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى بولدى .
بازار تەھلىلچىسى مۇنداق دېدى : نېفىت باھاسىنىڭ يېقىندا كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ،تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمى قۇبۇل قىلىشى بازار مۆلچەرنى ئىلگىرى سۈردى . ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا باشقا كۆپ دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىي رولى يوق دەپ قارىسا ، نېفىت باھاسى بەلكىم ناھايىتى تېزلىكتە كەينىگە چېكىنىدۇ.
نۆۋەتتە OPEC يىغىنىغا ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 دۆلەت ئەزا ۋەكىلى تۇلۇق قاتنىشامدۇ بۇ ئېنىق ئەمەس،ئۇنىڭدىن سىرت ئىران ئەمەلدارى بۇنىڭدىن بۇرۇن نېفىتنى غەرپكە يۆتكەش سىياسىتى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقداردا كېمەيتىش ئىلىپ بارمايدىغانلىقى، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق ، كار چىكۇن مۇنداق دېدى : قانداقلا بولمىسۇن ئىراننىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدۇ ، چۈنكى بۇ دۆلەت مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن  بىر ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ.




ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5150 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 13:09, Processed in 0.161310 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش