بالىلارمۇ شوخ-شوخ سايرىسۇن ھەر قەلىبتە-ھەر ئارمان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: ئادىلە ئىسمائىل
نۇرۇز بوۋا خۇش كەپسىز، بىزگە«چاچقۇ»ئىلىپ كەپسىز. بارچە دىللار سۆيۈندى، جۇدۇنلارنى قوغلاپسىز. «نۇرۇز قىزى» ياسىنىپ، كۈي-قوشاقلار ئىيتىشتى. تۇرنىلارغا كۆز تاشلاپ تايچاقلاردەك چىپىشتى. «غاق-غاق» قىلىپ تۇرنىلار، كەڭ جاھاننى ئويغاتتى. شۇ سەۋەبتىن جەم بولدۇق، باھار بىزنى سايراتتى. مانا قار-مۇز ئېرىدى، ئالەم- جاھان ئىللىدى. مول-ھوسۇلنىڭ كەيپىدە، چوڭلار بەخت تىلىدى. نۇرۇز سۈيى تەييارلاپ، ئۆتتى تىنەش ئانىلار. نۇرۇز قىزى –باھارغا، قۇد تىلەشتى بالىلار. كۈي قاتايلى نۇرۇزغا، ھەممە كۈلۈپ شادىمان. نۇرۇز بىلەن كۆكلەيدۇ، ھەر قەلىبتە-ھەر ئارمان.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
«گومۇش ئۇكام»
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: ئامىنە توختى
مىنىڭ ئۇكام بەك گومۇش، گەپ ئاڭلىمايدۇ ئوينايدۇ. مەن ئۇكامغا گەپ قىلسام، ھۆڭرەپلا يىغلايدۇ. مىنىڭ ئۇكام بەك گومۇش، ئۆزى ئوماق قىلقى سەت. گەپ قىلسام گەپ ئاڭلىماي، مەن ئوينايمەن نىرى كەت. مىنىڭ ئۇكام بەك گومۇش، قىل دىگەننى قىلمايدۇ. بىرەر چاتاق تىرىسا، ئۆيگە كىرىپ يىغلايدۇ. مىنىڭ ئۇكام بەك گومۇش، دەرس دىسە بىلمەيدۇ. دادام ئاپام گەپ قىلسا، پەقەت گەپكە كىرمەيدۇ. ئەمدى ئۇكام ئۆزگەردى، قىل دىگەننى قىلىدۇ. ھەممىمىزنىڭ گىپىنى، قۇلاق سىلىپ ئاڭلايدۇ. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
چىرايلىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: خەدىچە تۇردى
كۆينىكىم بار چىرايلىق، ئاپام تىككەن ئەمەسمۇ. ئۇندا رەڭدار گۈل-غۇنچە، ئوماق كۈلگەن ئەمەسمۇ. كۆينىكىم بار چىرايلىق، زەپ يارىشار ھۆسنۈمگە. ئۇنىڭ بىلەن باغلاردا، ئوخشايمەن قىزىل گۈلگە. كىيسەم ئۇنى باھاردا، ھەممە مېنى ماختايدۇ. باغلاردىكى رەڭدار قۇش، زوقمەن بولۇپ قارايدۇ.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
باھار قوشىقى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: مەرھابا ئوسمان نەۋ باھار كەلدى، چاچقۇلار چېچىپ. خۇش باغرىنى، بىزگە كەڭ ئېچىپ. زوقلاندۇق بىز، ئۇنىڭ ھۆسنىدىن. كۈلدى تەبىئەت، ئۇنىڭ كۆزىدىن. ھۆسۈن قوشتى، ئۇ-تەبىئەتكە. بارچە –جانلىقلار، چۈشتى مەشرەپكە. زىرائەتلەر ئۇز، ياساندى مانا. تەبىئەت كۈلۈپ، كۆز قىستى ئاڭا. باھارنى باشلاپ، كەلدى تۇرنىلار. چىۋىقنى ئات قىلىپ، چاپتى بالىلار. «ئەسسالام»باھار، دىدى بالىلار. «نۇرۇزلۇق»تائام، ئەتتى ئانىلار. ئوغلاق تارتىشىپ، ئاكا،دادىلار. بەيگىدىن ياندى، ئۇلار ھىلىلا. مانا بىزمۇ ھەم، جەم بولدۇق بۈگۈن. بىزگە ئىللىقلىق، بەرگەچ يىڭى كۈن. ئۇستاز شاگىرتلار، مەشرەپكە چۈشتۇق. بىز يىڭى كۈنگە، كۈي قوشاق قاتتۇق. ساڭا سالاملار، ئوماق قىزىڭدىن. ھايات كۆكلەيدۇ، ئاچقان ئىزىڭدىن.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
يۇمران يىشىل بىخ ئېيتتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: مەرھابا ئوسمان
يۇمران يېشىل بىخ ئېيتتى، ياش بالىغا: «-ئۆزۈڭنى تەرەققى قىلدۇر» دەپ، ئاق گۈللەر ئېيتتى، ياش بالىغا: «-ئۆزۈڭنى تەقدىم قىل» دەپ. شىرنىلىك مىۋىلەر ئېيتتى، ياش بالىغا: «-ئۆزۈڭنى قۇربان قىل» دەپ. شۇنداق... شۇنداق قىلالىسا ئىنسان، بەخت مېۋىسىدىن مەڭگۈ، ئالىدۇ لەززەت...! قىلغان ھەر بىر ئىشىدىن، تاپىدۇ بەرىكەت...!
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
يۈرىكىم
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: مەرھابا ئوسمان
سەن تۈنۈگۈن دۇنيا بولسا خۇشاللىق دېگەنتىڭ بۈگۈن بولسا ئۈمىدسىز دېدىڭ ئەتە يەنە نېمىمۇ دەرسەن ؟ مېنى قانداقمۇ ئۆزۈڭگە ئىشەنسۇن دەيسەن؟ يۈرىكىم بولسا سوغۇق يېشىم بولسا ئىسسىق يۈرىكىم قاتتى، يېشىم بارچە دىللارنى ئىللىتتى سەن نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانسەن؟
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
ئەڭ چىرايلىق ئاۋاز ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپتىن: مەرھابا ئوسمان
ياتىقىمىزدا بىر شەھەرلىك ساۋاقدىشىمىز بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن ئۆيگە تىلفۇن قىلمايتتى.سورىساق،ئۆيدە تىلفۇن يوق،شۇڭا خەت يازساملا بولىدۇ دەيتتى.بىز ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى شەھەردە تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشى تۇرسا،نىمە ئۈچۈن ئۆيدە تىلفۇن يوق دەيدىغاندۇ؟دوپ ئويلاپمۇ قالاتتۇق. يازلىق تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى كەچتە يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ،ئۆيدىن ئىلىپ كەلگەن ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى ئاڭلايتتى.بىر قانچە قىتىم ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدۇق.بىز ئۇنىڭدىن ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى بىزگە بىرىپ تۇرساڭ،ئاڭلاپ باقساق دېسەك،ئۇ پەقەتلا ئۇنىمايتتى.بىر كۈنى ئۇ يوق چاغدا،ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى تىپىۋىلىپ قويساق ئۇزاققىچە ئاۋاز چىقمىدى.بىز ھەيرانلىق بىلەن بۇ قۇرۇق ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى نىمىشقا ئاڭلايدىغاندۇ؟دەپ ئويلىنىپ قالدۇق. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ،ئۇ بىزگە سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى.ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى گاس-گاچا بولۇپ،تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ،نۇرغۇن جاپا-مۈشەققەتلەرنى چەككەن.باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىلىرىگە ئۇچرىغان.ئۇنى ياخشى ئوقۇسۇن دەپ ،ياخشى شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن ھەم بارلىق ئۈمىدىنى باغلىغان.كىيىن تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ قالغاندا،ئوقۇش ئۈچۈن ،ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ،ئۇ بىزگە‹‹ مەن ھەر قىتىم ئاتا-ئانامنى سىغىنغاندا ،ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن ئۈنسىز مۇھەببىتىنىڭ ماڭا بۈگۈننى ئاتا قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆزلىرىمگە ياش كىلىدۇ.يازلىق تەتىللىك ۋاقتىدا ،ئۇلارنىڭ نەپەس ئىلىۋاتقاندىكى ئاۋازىنى ئۈنگە ئىلىۋالغان ئىدىم.ھەر قىتىم كەچلەردە ئاڭلىغىنىمدا ،ئاتا- ئانامنى يىنىمدا باردەك ھىس قىلىمەن›› دېدى. بىز ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلەندۇق.ئاتا- ئانا مۈھەببىتى بولسا دۇنيانى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ.مەيلى بىز قانچە يىراققا ماڭايلى،قانچە ئىگىزگە ئۇچايلى،ئاتا-ئانىمىزنىڭ كۆزى بىزنىڭ كەينىمىزدە قالىدۇ.بىز بولساق ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ياد ئىتىپ تۇرىدىغان بالىسى. مۈھەببەت ئۈنسىز،لىكىن شۇ ئۈنسىز مۈھەببەت ئادەملەر ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئاۋازلارنىڭ بىرى.
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
بوۋام ماۋزىدۇڭنىڭ قىزىقىدىغانلىرى رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-تىللىق7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: مەرھابا ئوسمان
دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن كىيىن،ماۋزىدۇڭ بوۋىمىز دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇشنى ئۈستىگە ئالدى.ئۇ بۇ ئىغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىەە ئالغاندىن كىيىن ،دۆلەت ئىشلىرى ئالدىراش بولسىمۇ،ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى كىتاب ئوقۇشقا ئىشلەتتى .ئۇ دائىم ئىشچىلارغا :‹‹تاماقنى بىر كۈن يىمىسە بولىدۇ،بىر كۈن ئۇخلىمىسا بولىدۇ،ئەمما بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسا بولمايدۇ›› دەيتتى. نەنخەيدىكى ماۋزىدۇڭ ئولتۇرغان ئۆيدە ھىچقانداق ئۆي سەرەمجانلىرى يوق بولۇپ،نەزىريەسىنىڭ ھەممىسى كىتابتا ئىدى.36تال چوڭ ئىشكاۋىدا لىق كىتاب بار بولۇپ،كەڭرى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگىمۇ لىق كىتاب قويۇلغان ، ئۇخلايدىغان كارىۋىتىنىڭ يىرىمىغىمۇ كىتاب قويۇلغان،ھەتتا تازىلىق ئۆيىگىمۇ كىتاب قويۇلغان بولۇپ ،قولىنى ئۇزىتىپ ئوقۇغىلى بولاتتى.ماۋزىدۇڭ بوۋام كىتابلىرىنى بەكمۇ ئاسرايدىغان بولۇپ،ئۇرۇش بولۇۋاتقان چاغدا ،گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئورۇندىن ھەرخىل كىتاب ژورنال ئالغان.كىيىن ئىنقىلاب يەنئەنگە جايلاشقاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ كىتابلىرى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى،ھەم مەخسۇس ئادەمنى قارايدىغان قىلدى.ياپۇنلۇقلارنىڭ باستۇرۇپ پارتىلتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىتابلىرىنى يەر ئاستىغىمۇ يۇشۇرۇپ قويغان،كىيىن بىر نەچچە قىسىم كىتابلىرى نۇرغۇنلىغان جاپادا بىيجىڭغا يۆتكەپ ئەكىلىندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن،ماۋزىدۇڭ بوۋامنىڭ كىتابلىرى كۆپەيگەن بولسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى.ئۇ دائىم يىنىدىكى ئىشچىنى كۈتۈپخانىغا بىرىپ ،بىر قانچە كىتاب ئارىيەت ئەكىلىشكە بۇيرۇيتتى.خاڭجۇ،شاڭخەي،گۇاڭجۇ،چىڭدۇ،لۇشەن قاتارلىق كىتابخانىلاردا ماۋزىدۇڭ بوۋامنىڭ كىتاب ئارىيەت ئالغانلىرى خاتىرىلەنگەن.بىيجىڭ كۈتۈپخانىسى بولسا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت كۈتۈپخانىسى بولۇپ،ساقلانغان كىتابلار مەزمۇنلۇق ئىدى.ماۋزىدۇڭ بوۋام دائىم ئادەم ئەۋەتىپ كىتاب ئەكىلىشكە بۇيرۇيتتى.1958-يىلى يازدا بىيجىڭ كۈتۈپخانىسى يىڭى كىتاب ئارىيەت ئىلىش كارتىسى بىجىردى،ھەمدە بوۋامنىڭ كارتىسىنىمۇ بىجىرىپ بەردى.رەھبەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بوۋامنىڭ كارتىسىنى بىرىنچى نۇمۇرلۇق قىلىپ بەرگەن. ماۋزىدۇڭ بوۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش دائىرىسى كەڭ بولۇپ،سوتسىئولوگىيەدىن تەبىئەتكىچە،قەدىمكىدىن ھازىرغىچە،جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە ھەممىگە قىزىقاتتى.بىر قىتىم سىرىتتا ئىش بىجىرىش يولىدا،مىتاللورگىيەگە ئائىت كىتابنى ئوقۇدى.بىللە چىققان ئىشچى:‹‹ مىتاللورگىيەگە ئائىت كىتاب ئوقۇۋاتىسىزغۇ؟››دەپ سورىدى .ماۋزىدۇڭ بوۋام:‹‹شۇنداق،ئادەمنىڭ بىلىملىرى كەڭ بولۇشى كىرەك.بۇ توغرۇلۇق بىلىملىرىم بەك ئاز،شۇڭا يەنە ئۆگىنىشىم كىرەك››دىدى. بىر قىتىم ساتىراچ ئۇنىڭ چىچىنى ياساۋاتقاندا،ماۋزىدۇڭ بوۋام:‹‹سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى قىلىڭ،مەن ئۆزۈمنىڭكىنى كۆرەي››دىدى.بۇ گەپ بەكمۇ ئىشىپ كەتكەن بولۇپ،ماۋزىدۇڭ بوۋام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قېرىپ ماغدۇرىدىن كەتكەن،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش روھىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن.بىلىمگە بولغان ئىشتىياقى بەك كۈچلۈك.ماۋزىدۇڭ بوۋام لۇشۈننىڭ كىتابلىرىنى ياقتۇراتتى. 1970-يىلىنىڭ بىشىدا،ئۇ 80 ياشتىن ھالقىغان بولۇپ سالامەتلىكى بارغانسىرى ناچارلاشتى.لىكىن سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي‹‹لۇشۈن توپلاملىرى›› نى ئوقۇپ چىقتى.1975-يىلى ماۋزىدۇڭ بوۋام كۆزىگە ئاق چۈشۈش ئوپىراتسىيەسى قىلغان بولۇپ ،ئوپراتسىيەدىن كىيىن كۆزى كىتاب كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ ئىشچى چاقىرتىپ لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇتاتتى .ئوقۇپ يۇمۇرىستىك يەرلەرگە كەلگەندە ،ئۇ دائىم كۈلۈپ كىتەتتى.1976-يىلى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى،كىسەل كارىۋىتىدا چوڭ تىپتىكى ‹‹لۇشۈن توپلاملىرى ›› بار بولۇپ،بەزىللىرى ئىچىپ قويۇلغان،بەزىللىرىنىڭ بۆلەك قىسمى قاتلاقلىق،يەنە بەزىللىرىنىڭ ئارقىدا خەت قىستۇرۇلغان ئىدى. بوۋام ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە كۆپ كىتاب ئوقۇشنى تەتقىق قىلدى.بىز ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش روھىنى تىكلىدى،ئادىم قېرىغىچە ئۆگىنىشى كىرەك ،ھەر قانداق چوڭ ئەربابلارمۇ كىتاب ئوقۇش،ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى تاۋلايدۇ.شۇڭا بىزمۇ ئەنە شۇ روھنى ئۆگىنىشىمىز كىرەك.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
ھاياتلىق روھى ئۈرۈمچى شەھەرلىك37-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: مەرھابا ئوسمان
ئىنساننىڭ ھاياتى زادى قانچىلىك پۇلغا يارايدۇ؟ مىنىڭچە ھىچقانداق بىر ئىنسان بۇنىڭغا بىر مۇقىم باھا بىكىتەلمىگەن.ئۇ ساڭا بەرگەندە بىكارغا بەرگەن،قايتۇرۋالغاندا تۆلەم ئالمىغان.بەزى ۋاقىتتا ئۇ ھىچقانچە پۇلغا يارىمايدۇ،ھەمدە كۈزدىكى يەرگە چۈشكەن يوپۇرماققا ئوخشايد،بىر پۇڭغىمۇ يارىمايدۇ.لىكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى ئۆز ئىشىڭغا ئايلاندۇرۇپ،كۈندە دۇنيا ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن؟ئۇنداقتا سەن ھاياتىڭنىڭ ئۇزىراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىسەن،لىكىن قېرىپ كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ.ئەمما سىنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭ ئۆلمەيدۇ.سەن ئۇنى مەڭگۈ ياش پىتى ساقلايسەن. ئىنسان ناھايتى ئاجىز بولىدۇ.بالايىئاپەت،قېرىپ كىسەل بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.سەن بىر ئازلا دىققەت قىلمىساڭ ھاياتىڭنى يوقىتىپ قويىسەن.لىكىن ئادەمنىڭ ھاياتى يەنە مۈكەممەل بولىدۇ.ئىنسان بولسا مۈكەممەل،لىكىن ئىچىدىن ھاياتنىڭ تەبئىي تۇيغۇسىنى ئىزدەيدۇ.دائىم مۆجىزىدەك قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىمىز.بۇ بولسا بىر خىل روھنىڭ ئاساسى.ئىنسان ھاياتى دائىم ئۈچبۇلۇڭنىڭ يانتۇ تەرىپىدىن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ئادەمگە ئوخشايدۇ ۋە ھىچكىم ئۇنى توسۇۋالالمايدۇ. بىر قىتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۆلگەن.ئەمەليەتتە ئۇلار روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولۇپ،ئۇلار قورققىنىدىن بىشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.ئۇلار ئەمەلىيەتتە قاتتىق قورقۇنچىلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئىنساننىڭ ھاياتى بولسا تاتلىق بولىدۇ.پەقەت ھاياتىنى تەقدىم قىلغاندىلا ، ئاندىن ھاياتلىققا ئىرىشىدۇ.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
|