تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2344|ئىنكاس: 0

خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالتۇن يەنە چۈش...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
13
مۇنبەر پۇلى
43
ئىشەنىچ
13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-24 11:03:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالتۇن يەنە چۈشۈش يولىنى تاللىۋالدى، ئالتۇن باھاسى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا يەتتى
FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

سەيشەنبە كۈنى (22-مارت) خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن ئۆسۈپ كەتكەن ئالتۇن، چارشەنبە كۈنى (23-مارت) ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچراپ، قايتىدىن چۈشۈش يولىنى تاللىۋالدى. 1240 نۇقتىسىنى بۇزۇپ، بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا يەتتى. سەيشەنبە كۈنى بېريۇسسېلدىكى پارتلاش ۋەقەسى بازاردا خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى پەيدا قىلىپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغانىدى، ئالتۇن بازىرى ئۇندىن بۇرۇن ئۈچ قېتىملىق قايتىلىما چۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىردىنلا ئۆرلەپ، 1260 نۇقتىسىغا چەكسىز يېقىنلاشقانىدى.
ئەمما تۈنۈگۈن ئاخشام ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بۈركۈت مەزھىپىگە مايىل سۆزى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن بېسىمغا ئۇچرىدى.
فلادېلفىيە فېدېراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى Patrick Harker سەيشەنبە كۈنى "ئەگەر ئىقتىساد ئۆرلەش يۆنىلىشىدە ماڭسا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى يەنە ئۆسۈم قوشۇشنى ئويلىشىدۇ" دېدى، ئۇ بۇ يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆسۈم قوشۇلىدۇ دېگەن پىكىرگە مايىل. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاش قارارى چىقىرىلىشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى يېقىندىن بۇيانقى بازار تەۋرىنىشى بولۇپ، سىياسەتنى چىڭىتىش ھەرىكىتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىقتىساد ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇشقا موھتاج.
چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى بىردىنلا 1231 نۇقتىسىغا چۈشۈپ، بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى. پاسخا بايرىمى دەم ئېلىشى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار بەس بەستە ئالغان پايدىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللىدى.
گوللاندىيە بانكىسى يىل ئاخىرىدىكى ئالتۇن نىشانىنى 1370 ئامېرىكا دوللىرىغا ، 2017-يىل ئاخىرىدىكى نىشاننى بولسا 1450 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭشىدى، بۇندىن بۇرۇنقى مۆلچەرى 1300 ئىدى.
مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

20151126114247_87922.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 10:20, Processed in 0.138193 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش