تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2441|ئىنكاس: 0

«تار كوچا»دىكى ئىشلار(مازارغوجام)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

37

تېما

10

دوست

1316

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
231
مۇنبەر پۇلى
902
ئىشەنىچ
231
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-24 08:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تار كوچا»دىكى ئىشلار

تاھىرجان نىياز.زۇلپىيە غاپپار

     ئىناقلىق ــ ھاياتلىقنىڭ چىن مەناسى، بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئاساسى.ئائىلە ئىناقلىقى،قوشنىلار ئىناقلىقى ئىناق جەمئىيەتنىڭ يىلتىزى.شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ «خوتەن يولى» مەھەللىسىدىكى ئىناقلىق،مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان بىر كوچا بار.ئۇ بولسىمۇ بۇ مەھەللىنىڭ 18-كوچىسىدۇر مەملىكەت بويىچە53-قېتىملىق«لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئېيى»ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ15-قېتىملىق«پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى»بولغان مارتنىڭ باشلىرىدا بۇ كوچىدا زىيارەتتە بولدۇق.بىز زىيارەت جەريانىدا، 40قا يېقىن ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بۇ «تار كوچا»نىڭ قەدىمىي،ئاددىي كوچا ،ئەمما ھەقىقەتەن مېھىر-مۇھەببەت،دوستلۇق،ئىناقلىققا تولغان ئىللىق كوچا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.بۇ «تاركوچا»دىكى ھېكايىلەرگە قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.
     بىز بۇ كوچىغا كىرگەندە بىر مۇنچە ئادەملەر توپلىشىپ كېتىۋاتقان ئىكەن.بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن،«نەگە كېتىۋاتىسلەر؟»دەپ سورىغىنىمىزدا «ئېزىزقارى ئۆيىگە چۈشلۈك تاماققا چاقىرىپتىكەن»دەپ جاۋاپ بەردى بۇلار ئارىسىدىكى ئېزىز سالى ئىسىملىك ئوتتۇرا ياش ئادەم.
ــ ئاڭلىساق بۇ كوچىدىكىلەر خېلە ۋاقىتتىن بېرى پات-پات بىر-بىرىڭلارنى چاقىرىشىپ تۇرىدىكەنسىلەر،بۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار ئىكەن؟ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇلار بىردەك،«ئەھمىيىتى بەك چوڭ بولىدىكەن،خوشنىدارچىلىقىمىز،دوستلىقىمىز،ئىناقلىقىمىز تەبئىيلا كۈچىيىدىكەن،ئىناق بولساق ئىشلىرىمىزمۇ ئوڭۇشلۇق،تۇرمۇشزىمىزمۇ خۇشال-خورام،خاتىرجەم بولىدسىكەن»دەپ جاۋاپ بېرىشتى.
     ئەسلىدە بۇ كۈنى بۇ كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى ئېزىز ھامۇت بىلەن  ھېبىبەم ئەھەت ئەر-خوتۇن ئىككىسى    بۈگۈن ئائىلىسىگە بارلىق خولۇم-قوشنىللىرىنى، مەھەللە كومىتېتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنى چاقىرىپ، «قوشنىلار دوستلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى»ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.مېھمانلار دەل چۈش مەزگىلىدە ئېزىز ھامۇت بىلەن ھېبىبەم ئەھەت ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان،پاكىزە،ئازادە ئۆيىدە  ساھىپخاننىڭ تەييارلىغان بىر ۋاقلىق ئاددىي تامىقىنى يېگەچ،ھال-مۇڭ بولۇشتى.ئېزىزقارىنىڭ دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان شوخ ناخشا-مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلاندى. ئۇسسۇل ئويناپ،كۆڭلىنى ئېچىپ،قوشنىدارچىلىق،دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
     قوشنىدارچىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. قوشنىدارچىلىق مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئائىلىگە خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئەژداتلىرىمىز«يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا»، «ئۇياققا باق، بۇياققا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق»، «يان قوشنا – جان قوشنا»، «قوشناڭ تېنچ، كۆڭلۈڭ تېنچ» دېگەنگە ئوخشاش ماقال – تەمسىللەرنى يارىتىپ، قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.قوشنىدارچىلىق ئۆز نۆۋىتىدە ئۆملۈك،ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا قوشنىدارچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇكى، ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.
     بۇ كوچىدا بۇنداق ئىناق خوشنىدارچىلىق پائالىيىتىنىڭ ئەۋىج ئېلىپ،ياخشى پۇقرالارنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ بىرىنچى سەۋەبى بۇ ناھىيەدە قاتلاممۇ-قاتلام قانات يايدۇرىلىۋاتقان ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ،ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تېمىسىدىكى تەشۋىقات-تەربىيەنىڭ تۈرۈتكىسى بولسا،يەنە بىر سەۋەبى مۇشۇ كوچىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى،تېنىچلىقنى سۆيىدىغان، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق بىلىدىغان، ئىلغار ئىدىيەلىك كىشىلەرنىڭ باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقىدىن بولغان.بۇ كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق ئېزىز ھامۇت بىلەن ھېبىبەم ئەھەت ئەنە شۇ خىل باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇلار پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان قانۇنلۇق تىجارەت بىلەن شوغۇللۇنۇپ،ھالال ئەجرىنىڭ قەنتىنى چېقىۋاتقان تىرىشچان،ئىناق ئەر-خوتۇنلاردۇر.ئۇلار ھازىرقى دەۋىردىن ئىنتايىن رازى.تېنىچ،ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈپ،پارتىيە،ھۆكۈمەت ئاتا قىلغان بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ.
      شايار بازىرى «خوتەن يولى» مەھەللىسى18-كوچا ئاھالىسى ئېزىز ھامۇت مۇنداق دېدى:«بىر ئائىلىدە ئەر-خوتۇن ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئىناق بولسا ئىناق ئائىلە قۇرغىلى بولىدۇ،خولۇم-قوشنىلار ئىناق بولسا ئىناق كوچا،ئىناق مەھەللە قۇرۇپ،خۇشال خورام تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ.مۇشۇنداق بولغاندا ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.بىز بۇ خىل ھالەتنى تەستە بارلىققا كەلتۈردۇق.بىرەر قوشنىمىز بىر نەچچە كۈن كۆرۈنمىسە ئىزدەپ كىرىپ ئەھۋال سورايمىز.قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغانلارغا مادارىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىپ،قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز.ئازارلىشىپ قالغانلار بولسا دەرھال بىر يەرگە جەم قىلىپ چاي قۇيۇپ ياراشتۇرۇپ قويىمىز.ئىككى قوشنىمىز ئازارلىشىپ قاپتىكەن ياراشتۇرۇپ قويدۇق.بىز كوچىمىزنىڭ ئقناقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز».
     بۇلتۇرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان مۇشۇنداق «قوشنىلار دوستلۇقى»پائالىيىتى قەرەلسىز ھالدا پات-پات ئېلىپ بېرىلىدىغان ھالەت بۇ كوچىدا ئادەتكە ئايلاندى.بۇنىڭ بىلەن قوشنىلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھرى،ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى. بۇ كوچىدا تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان بايۋەتچىلەرمۇ،تۇرمۇشى نورمال كىشىلەرمۇ،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىللىللىرىمۇ،قىيىنچىلىقى بار،نامرات،غېرىپ-مېسكىن ئائىلىلەرمۇ بار.لېكىن مۇئامىلە جەھەتتە ھەممىسى تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ كوچا ئىلگىرى ئوي-دوڭغۇل،توپا-چاڭ ئىدى،بەزى يەرلىرى شورلۇق بولغاچقا،يامغۇر ياغقاندا زەي سۇ توختاپ كېتەتتى.قوشنىلار دوستلىقى پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قوشنىلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىپ ،ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق،ئىختىيارەن ھالدا پۇلى بارلارنىڭ يۇقۇرىسى 10نەچچە مىڭ يۈەن،تۆۋىنى 10-20يۈەنگىچە بولۇپ،جەمئىي 60نەچچە مىڭ يۈەن پۇل،كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ،بۇ كوچىغا ئەت توپا،شېخىل تۆكۈپ تەكشىلىدى ،ھەر كۈنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركىتى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش نەتىجىسىدە مانا ھازىر بۇ كوچا گەرچە ئاسفالىت بولمىسىمۇ ،ناھايىتى رەتلىك،پاكىزە كوچىغا ئايلاندى.بۇنىڭدىن بارچە دىللار سۆيۈندى.
    بۇ كوچىدىكى 81ياشلىق ھۆرنىساخان مەكمۇت ئانا ئاغىرىپ قالغان بولۇپ،قوشنىللىرىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كىرگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ،تەسىرلىك ياشلىرىنى تۆكتى. ھۆرنىساخان ئانا قوشنىللىرىنى كۆرۈپ،ئۇلارنىڭ روھىي تەسەللىي سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،خۇددىي ئۆزىنى ساقىيىپ قالغاندەكلا ھېس قىلدى.چۈنكى مېھىر بىلەن دېيىلگەن بىر ئېغىز ياخشى سۆز،مېھىر بىلەن سۇنۇلغان ئاددىي بىر پىر پىيالە چاي ياكى بىر قاچا تاماقمۇ ئادەمگە چەكسىز روھىي شىپا بولالايدۇ ئەمەسمۇ؟.
     مۇخبىر بۇ كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇللا قاسىمنىڭ ئائىلىسىگە كىرگەندە،ئابدۇللا قاسىم ئۆيىدە پۇتى گېپىسلانغان ھالدا چارچۆپتە ياتاتتى.ئەسلىدە ئابدۇللا قاسىم ياغاچچىلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان،تۇرمۇشى خېلە باياشات ساخاۋەتچى كىشى،بولۇپ،خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىمۇ كۆپ ئىدى.ئۇ بۇلتۇردىن بۇيان تەشەببۇسكارلىق بىلەن،مۇشۇ تەۋەدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئائىلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان ئوقۇش راسخودىنى ئۈستىگە ئالغان.بەختكە قارشى بۇلتۇرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياغاچ كېسىۋاتقاندا ياغاچ بېسىۋېلىپ،بەل ئۇمرتقىسى زەخمىلىنىپ،يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا داۋالانغان بولسىمۇ،تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەي،ئۆيىدە داۋاملىق يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالىنىۋاتاتتى.مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن چىقىم تارتقان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئابدۇللا قاسىمدىن «ئەمدى ئۆزىڭىز ھادىسىگە ئۇچۇراپ داۋالىنىۋېتىپسىز.ياردەم قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم قىپ بولالماسسىز؟»دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ كەسكىن ھالدا؛«ۋاي ياق،ئىنسان بىر ئىشقا ۋەدە قىلغانكەن،گېپىدە تۇرىشى،قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك.ئوغلۇم ئۆز بېزەك ماتىرياللىرى دۇكىنى ئاچىدۇ.ئەھۋالىمىز يەنىلا يامان ئەمەس،ئەگەر مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالساممۇ، ۋەدەمنى ئوغلۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ»دېدى.
     شايار بازىرى «خوتەن يولى»مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئابلىتىپ تۇردى مۇنداق دېدى؛«بۇ كوچا ئىناقلىقتىكى ئۈلگۈلۈك كوچا بوپ قالدى.بۇ مەھەللىدىكىلەر ئۆزلىكىدىن ھەركەتكە كېلىپ،ھەپتىدە،15كۈندە بىر قېتىم«قوشنىلار دوستلۇق كۆڭۈل ئېچىش چېيى پائالىيىتى»نى قانات يايدۇرۇپ،دوستلۇق،ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مەھەللىمىزنىڭ تېنىچ-ئامان،ئىناق مەھەللە قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرۈتكە بولدى.بۇلارنىڭ بۇ خىل تەجىربىسىنى مەھەللە بۇيىچە كېڭەيتىمىز.
   
    مۇخبىرنىڭ تەسىراتى؛تۇرمۇشىمىزدا قوشنىلار ئارا ئىناق – ئېجىل ئۆتۈش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە يار – يۆلەك بولۇش قاتارلىقلار ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ۋە ئېسىل قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسى جۈملىسىدىندۇر. ئىناق جەمئىيەت، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك ياخشى ۋەزىيەتتە، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىنى قايتا نۇرلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىمدۇر.شۇڭا مۇشۇنداق ئىناق ئائىلە،ئىناق قوشنىلار،ئىناق مەھەللىلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.چۈنكى ئىشلىرىمىز ئىناقلىقتا يۈرىشىدۇ،بەخت گۈللىرىمىز ئىناقلىقتا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 10:25, Processed in 0.125819 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش