تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1878|ئىنكاس: 4

نورۇز قوشىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
426
مۇنبەر پۇلى
930
ئىشەنىچ
426
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 10:47:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلدى نورۇز بۇ يىل ئۆزگىچە


ئالىم ياسىن ئارمانى

ئاخشام ئىدى سوغاق زىمىستان،
بۈگۈن مانا ئىللىقتۇر دۇنيا.
ھەر قەلىبتە چەكسىز ھاياجان،
ئەكىس ئېتەر شادلىق چىرايدا.

ئېرىقلاردا ئاقماقتا ئەگىز،
بوۋاق كەبىي كۈلۈپ ۋىلىقلاپ.
تەملىرىدىن شۇنچىلىك لەزىز،
تەشنا لەۋلەر ئەممەكتە شوراپ.

سۇۋادانلار چىقارغان پوتلا،
كۆز قىسىدۇ شاخلاردا چېچەك.
گۈل چېچەككە پۈركەنگەن دۇنيا،
جەننەت كەبىي ئېچىشار ئېتەك.

مانا يۇرتتا ئاجايىپ بىر ھال،
گۈزەللىكتىن كۈلەر ھەممە جان.
ھاياجانغا تولغان شوخ شامال،
كېپىنەكتەك ئۇچماقتا ھەريان

قىزىماقتا ئۇسۇل، توي، مەشرەپ،
ئىش-ئەمگەكتە قاينىغان چېلىش.
مول-ھوسۇلنىڭ ئىشقىدا ھەدەپ،
دېھقان چېكەر ئېتىزغا نەقىش.

كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن چېغى،
بىلسەم نورۇز كەلگەن ئوخشايدۇ.
چوڭ قازاندا ئوپچىنىڭ ئېشى،
ئىناقلىقتىن ناخشا توۋلايدۇ.

قۇياش كەبىي ياشنار تەبىئەت،
سوغ زېمىستان قاچار دالدىغا.
تارقىلىدۇ يېشىل مۇھەببەت،
مېھرى گويا ئوخشاپ ئانىغا.

كەلدى نورۇز بۇ يىل ئۆزگىچە،
نورۇز دېمەك باھاركەن ئەسلى.
يول ئالايلى باھار پەسلىگە،
چەكسىز گۈزەل ۋەتەن ئەتىسى
.
(ئاپتۇر:پەيزاۋات ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدە)

21

تېما

5

دوست

1640

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
386
مۇنبەر پۇلى
982
ئىشەنىچ
386
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 17:52:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noruzni bak yahxiohxitipsiz barikalla

باھا سۆز

ئارمانى رەھمەت،ياقتۇرغىنىڭىزغا.  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 20:04

0

تېما

0

دوست

350

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
318amiyna
تۆھپە
148
مۇنبەر پۇلى
202
ئىشەنىچ
148
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 21:42:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noruz koxikini yahxi yezipsiz harmigaysiz kerindixim

97

تېما

0

دوست

1636

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
430
مۇنبەر پۇلى
977
ئىشەنىچ
430
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 11:19:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزغا ئاتالغان ياخشى مەدھىيە بوپتۇ، ئاپتورغا رەھمەت!
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 11:13:32
ياخشى يىزىلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 13:11, Processed in 0.122655 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش