- تىزىملاتقان
- 2012-11-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-20
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 239
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
 
- تۆھپە
- 53
- مۇنبەر پۇلى
- 181
- ئىشەنىچ
- 53
| ھۆرمەتلىك تورداشلار ،مەن سىلەرگە ئىشنىڭ جەريانىنى قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي.بىز مەلۇم ناھىيەدىكى بىر ئائىللىكلەر قوروسىدىن بىر ئۆي سىتىۋالغان،ئەينى ۋاقىتتا بىر يۈز ئوتتۇز مىڭ يۈەن پۇلنى ئۆي ئىگىسىگە تاپشۇرغان قالغان پۇلنى كىيىن بىرىدىغانغا كىلىشكەن،(توختامنى يولدۇشۇم ئىمزالىغان)ئەپسۇسكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پۇلنى ۋاقتىدا بىرەلمىدۇق،قارشى تەرەپ پۇلنى سۇيلەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇندى.سوت مەھكىمىسى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىپ پۇلنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە تۆلەپ بولۇشقا كىلىشتۇدى.كىلىشىمدە پۇلنى كىلىشكەن ۋاقتىدا تۆلىمىسە زور مىقداردا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە مەزمۇن بار،(بۇكىلىشىمنى يولدۇشۇم تۈزگەن مەن قاتناشمىغان)لىكىن بىز پۇلنى يەنىلا راسلىيالمىدۇق،تۇرالغۇ ئۆي فوندىدىكى پۇلىمىزنى ئالايلى دىسەك،ئۆينىڭ رەسمىيىتى تېخى چىقمىغاچقا ئالالمىدۇق.داۋاگەر پۇلنى ئالالمىغاندىن كىيىن ئىجراغا ئىلتىماس قىلدى،ئىجراچىلار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ قەرىز سۈيلىدى،ئەمما بىز يەنىلا پۇلنى راسلىيالمىدۇق،ئەمدى بولغاندا ئىجراچىلار داۋاگەر بىلەن يولدىشىمنى يەنە بىر كىلىشىمگە ئىمزا قويدۇرۇپتۇ بۇ كىلىشىمدە يولدۇشۇم ئۆينى قايتۇرۇپ بىرىدىغان،داۋاگەر بىزنىڭ 130مىڭ يۈەن پۇلىمىزدىن 60مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بىرىدىغان بىز ئۆينى دەرھال بوشۇتۇپ بىرىدىغان كىلىشىم ئىكەن.مەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئىلتىماسنى يېزىپ ئىجراچىغا ئاپارسام ئىجراچى بۇئىلتىماسىڭنىڭ ھىچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق .ئۆيدىن كۆچمىسەڭ مەجبۇرى كۆچۈرىمەن دەيدۇ،سىلەردىن سورىماقچى بولغىنىم:مەن يازغان ئىلتىماسنىڭ راستىنلا ھىچقانداق قانۇنى ئاساسى يوقمۇ؟ مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ئىلتىماس
ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئجرا ئىدارىسىغا: xx مەنكى ئىلتىماس يازغۇچب (م)،ئايال،ئۇيغۇر،(ك) ناھىيە (ت) بازارلىق -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،كىملىك نومۇرۇم: ، تېلىفون نۇمۇرۇم: سالاھىيىتىم:مەھكىمەڭلاردا ئىجرا باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان (ك) ناھىيە(ت) بازارلىق -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئا بىلەن (ك) ناھىيەلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جياۋ ئوتتىرىسىدىكى ئۆي ئىلىش،سېتىش جەريانىدا كىلىپ چىققان ھەق تەلەپ دىلوسىدىكى جاۋاپكار (ئا) قانۇنلۇق ئايالى. ئىلتىماس يېزىش سەۋەبىم: مەزكۇر دىلونى مەھكىمەڭلار قوبۇل قىلغاندىن كىيىن،ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ قەرىز سۈيلەپ كەلدى ھەتتا يولدىشىمنى 2015-يىلى 1-ئايدا 15كۈن توختۇتۇپ قويدى،ئەپسۇسكى بىزنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالىمىز يار بەرمىگەچكە قەرىزنى ھازىرغىچە تۆلىيەلمىدۇق،قەرىز تۆلىيەلمەسلىگىمىزدە ھىچقانداق قەستەنلىك مەۋجۇت ئەمەس.ئەمدى بولغاندا يولدۇشۇم مىنىڭ ماقۇللۇقۇمنى ئالماي تۇرۇپ مەزكۇر دىلودىكى داۋاگەر جىياۋ بىلەن كىلىشىم تۇزۇپتۇ.كىلىشىمدە بىز ئۆينى قايتۇرۇپ بېرىدىغان، ھەم داۋاگەرگە 3يىللىق ئىجارە ھەققى تاپشۇرىدىغان بۇنىڭ سىرتىدا 18مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەيدىغان،داۋاگەر بىزگە پەقەت 60مىڭ يۈەن پۇل قايتۇرىدىغان تەڭ ھوقۇقسىز كىلىشىم ئىكەن.مەن بۇكىلىشىمگە قايىل ئەمەس،مىنىڭچە بۇ كىلىشىم ئىناۋەتسىز كىلىشىم. بۇنداق دىيىشتىكى ئاساسىم: 1-بىز داۋاگەردىن قانۇنلۇق توختام بىلەن سېتىۋالغان مەزكۇر دىلوغا چېتشلىق،(ك) ناھىيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قوروسىدىكى3-بىنا،3-ئىشىك،102-نومۇرلۇق ئۆي بىزنىڭ ئۆيىمىز.بىزنىڭ داۋاگەرگە ئۆي قەرزىمىزيوق،پۇل قەرزىمىز بار. 2-مەزكۇر دىلوغا چىتىشلىق ،(ك) ناھىيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قوروسىدىكى3-بىنا،3-ئىشىك،102-نومۇرلۇق ئۆي ئەر ئايال ئىككىمىزنىڭ ئورتاق مۈلكى،ئورتاق مۈلۈكنى يولدىشىمنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق. يۇقارقى ئىككى ماددىغا مەزكۇر دىلو ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان قانۇنى ھۆججەتلەر ئىسپات بولالايدۇ 3-جاۋاپكارنىڭ داۋاگەر بىلەن تۈزگەن كىلىشىمى تەڭ ھوقۇقسىز كىلىشىم بولۇپ پەقەت داۋاگەرنىڭ مەنپىئەتىنىلا قانائەتلەندۇرگەن،ئەمما بىزنىڭ مەنپىئەتىمىز زىيانغا ئۇچرىغان. تەلىۋىم: 1-مەزكۇر كىلىشىم كۇچىدىن قالدۇرۇپ بىرىلسە. 2-بىزنىڭ قەرزىمىز بارلىقى راست،لىكىن قەرىزنى قايتۇرغىدەك ئىختىسادىمىز يوق،ئەمما مۇقىم كىرىمىمىز بار،داۋاگەر قوشۇلسا مىنىڭ مائاشىمنى ئىجرا قلىپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ،چۇنكى بۇ دىلودا مىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار. 3-ئەگەر داۋاگەر مىنىڭ تەلىۋىمگە قوشۇلمىسا،مەن قانۇن بويىچە ئىجرانى ۋاقىتلىق توختۇتۇپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىمەن. مەھكىمەڭلارنىڭ پاكىتنى ئاساس،قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ مىنىڭ بۇ تەلىۋىمنى ئورۇنداپ بىرىشىنى سورايمەن.
ئىلتىماس يازغۇچى:
2016-يىلى3-ئاينىڭ 10-كۈنى
|
|