شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى
ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 2015 - 2016-يىللىق CBA يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 22-فېۋرال سائەت 19:05 دە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6025 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، يۈزدىن ئارتۇق توپ مەستانىسى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. ئاشكارىلىنىشىچە، كوماندا ئەزالىرى ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى چېڭدۇغا بېرىپ، 26-فېۋرال سىچۈەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن.




 |