خېجىڭ ناھىيەلىك «مەرىپەت تەربىيەلەش مەركىزى»دە قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ۋەلىجان جاپپار خەۋىرى، فوتوسى: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك «مەرىپەت تەربىيلەش مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى بۇخەلچەم مەمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ھەمدە قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئاتا-ئانىلارمۇ قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، پەرزەتلىرىنىڭ سەھنىدە تەمتىرمەستىن سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن تەربىيەلىگەن ئۇستازلىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈرلەرنى ئېيتتى.

ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى شىرئەلى ھاجىم، مەمەت تۇرسۇن، پاتىگۈل ئابلەتلەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز ياش-ئۆسمۈرلەرگە مۇشۇنداق تەربىيەلەش سورىنى ھازىرلاپ بەرگەن جاپاكەچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئارام ئالماي، پەرزەتلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق، مول بىلىم ئېلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئۇستازلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمىز. مەرىپەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى بۇخەلچەم مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مۇۋەپپىقىيەت بىر ئىزدا توختاپ قالغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى داۋاملىق ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۈپ! مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى بىلىم ئىگەللەش ئەلۋەتتە، مەركىزىمىز بىلىمگە تەشنا ئاتەش قەلىبلەرنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز. كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن تېنىمسىز ئىزدىنىۋاتقانلىقىغا ھەمدە ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىغا مەركىزىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.مەن چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
|