ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە باغلانغان رىشتە
خوتەن شەھىرىدىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇستىسى ئابدۇھىمىت ئەمەت 1969-يىلى ئون ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ناھىيەلىك قول سانائەت كارخانىسىدا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن دادىسىنىڭ خارەتچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگۈنىشكە باشلىغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھۈنەرگە ئىخلاس باغلاپ شۇ كارخانىدا باربولغان تىككۈچىلىك، سىرچىلىق، توكچىلىق، تۆمۈرچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگەنگەن.1995 -يىلى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن قول سانائەت كارخانىسى تاقىلىپ ئابدۇھىمىت ئەمەت ئىش ئورنىدىن قالغان. ئۇ ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى تۈرلىرى ئىچىدىكى يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان تۈرلەرنى قايتىدىن قېزىپ رەتلەش ئاساسىدا، شۇ ھۈنەر تۈرلىرى بويىچە ھەرىكەتچان مودىللارنى ياساشقا باشلىغان. ئۇ ھازىرغىچە دېھقانچىلىق، خارەتچىلىپ، تۆمۈرچىلىك، توقۇمىچىلىق، ئويمىچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، سۇ تۈگمىنى، جۇۋاز، كۆنچىلىك، موزدوزلۇق قاتارلىق 32خىل ھۈنەرنىڭ جانلىق مودىللىرىنى ياساپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلاپ ئۇنىڭ ئۆيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. شەھەر ۋە ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە ئورۇنلار ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ 50 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى بىر كۆرگەزمىخانا بەرپا قىلىپ بەرگەن.
2015-يىلى 8-ئايدا ئۇ«قەدىمىي گۆھەر مەدەنىيەت تارقىتىش مەسئۇلىيەت شىركىتى»نى ئەنگە ئالدۇرغان. يەنە8-ئاينىڭ 25-كۈنى «شېرىن چۈش» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى خالىس ئارزۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كارخانچىلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكىلەر ۋە خوتەن شەھەر، خوتەن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆرگەزمىنى كۆرگەن. كۆرگۈچىلەر ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسا ئۇ دەرھال كېلىپ قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ھەرقايسى مودىللارنى تەپسىلىي، ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. كۆرگۈچىلەردىن ھەق ئېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
ئابدۇھىمىت ئەمەت ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشى ھەققىدە گەپ بولغاندا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇيغۇر خەلقى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى تەرەقىياتىدا مەيدانغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك بايلىق.ئۇنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ھۈنەر سەنئەت تۈرلىرى يوقۇلۇپ كەتتى ۋە يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ياش-ئۆسمۈرلەر بۇلاردىن خەۋەرسىز قېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىشنى قانداقتۇر پايدا ئېلىش ياكى نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مەنىۋى بايلىقنى قوغداپ قېلىش يۈزىسىدىن قىلىۋاتىمەن. كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ ئۇلارنى بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە قىلالىسام دىلىم يايراپ كېتىدۇ. يالقۇن سىراجىئەمەت، پەرھات يالقۇن خەۋىرى، فوتوسى




























 |