تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2886|ئىنكاس: 5

كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى «يامان»؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

56

تېما

4

دوست

819

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
258
مۇنبەر پۇلى
365
ئىشەنىچ
258
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 16:07:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى «يامان»؟

118.jpg


كولا بىلەن تەييار چۆپ ياشلار ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما سالامەتلىككە زىيانلىق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكتۇر. شۇڭا كىشىلەر بۇلارنى ئەخلەت ئىچىملىك ۋە ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئاتىغان. ئۇنداقتا بۇلاردىن قايسىسى بەكرەك زىيانلىق بولىدۇ؟    ئوزۇقشۇناسلار كولا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىرىنچىدىن، كولانىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر دانە چاقماق قەنتنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.5 گىرام كېلىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا 500 مىللىلىتىرلىق بىر بوتۇلكا كولادا تەخمىنەن 12 دانە چاقماق قەنت، يەنى 54 گىرام قەنت بولىدۇ. دېمەك، كولا ئىچكەندە بەدەن قوبۇل قىلىدىغان قەنت مىدارى ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپى، بولۇپمۇ سېمىزلىك ۋە قەنت مېتابولىزم نورمالسىزلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇلاردىن باشقا قان قويۇقلىشىش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر بوتۇلكا كولانى قىسقا ۋاقىت (ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت) ئىچىدە ئىچىۋەتكەندە، قان قەنتى جىددىي ئۆرلەپ ئاشقازان ئاستى بېزىنى غىدىقلاپ، كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئىنسۇلىنغا قارىتا قارشىلىق پەيدا بولىدۇ، ھەتتا قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
    ئىككىنچىدىن، كولا بىر خىل كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكى بولۇپ، ئۇنى ئىچكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېچىتىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، كىسلاتالىق ماددىلار باكتېرىيە توپلانمىسى ھاسىل قىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكىنىڭ pH قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا چىشنى مىنېرالسىزلاشتۇرۇپ، چىش چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كىچىك بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئەڭ ياخشىسى كولانى ئىچمەسلىكى كېرەك.
    تەييار چۆپ تەركىبىدە ماي ۋە ناترىي مول بولۇپ، ۋىتامىن ۋە ئاقسىللار كەمچىل بولىدۇ. بۇ خىل ماي بىلەن ناترىي يۇقىرى، ۋىتامىن ۋە ئاقسىل كەمچىل يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا سېمىزلىك، قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىزلىك ۋە قاندا ياغ كۆپ بولۇش بەدەندە ئىنسۇلىنغا تاقابىلچانلىق ۋە يۇقىرى قان قەنتى پەيدا قىلىدىكەن.
    يۇقىرى ناترىيلىق يېمەك – ئىچمەكلەر ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە يۇقىرى قان بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناترىينىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 2000 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن، ئەمما بىر قاچا دۈملەپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى تەييار چۆپىدىكى ناترىينىڭ مىقدارى 2089.5 مىللىگىرامغا يېتىدىكەن. ئەگەر تەييار چۆپ بىلەن قېزا ۋە تۇزلۇق سەيلەرنى بىللە يېگەندە ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولىدىكەن. ئەگەر بۇ خىل ئىستېمال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا يۇقىرى قان بېسىمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن.
    تۆۋەن ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كىچىك بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ زىيانلىق. ئەگەر بالىلار ھەر كۈنى تەييار چۆپنى تاماق ئورنىدا يېگەندە، بەدەندە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېتىلىشى نورمالسىز بولۇپ قالىدۇ.
    ئۇنداقتا، كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى بەكرەك ‹‹يامان››؟
    تەييار چۆپلەر ئادەتتە تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۈچ ۋاقلىق تاماقتىن سىرت ئىستېمال قىلىدىغان ئەھۋال ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما كولا تەييار چۆپكە قارىغاندا كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ، كۈنىگە بىرنەچچە بوتۇلكا كولا ئىچىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە قەنتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىگە چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كولانىڭ زىيىنى تەييار چۆپتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

10

تېما

11

دوست

5556

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئاشتال
تۆھپە
1445
مۇنبەر پۇلى
3924
ئىشەنىچ
1445
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 10:20:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتەننىڭ چاي دۇرىسى بىلەن دوقمۇشتىكى ناۋاي ئۆستامنىڭ ئىسسىق توم نېنىنى يىگەنگە يەتمەيدۇ. يازمىڭىزغا رەھمەت!! بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن.

0

تېما

3

دوست

5079

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1184
مۇنبەر پۇلى
3815
ئىشەنىچ
1184
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 07:05:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىتان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 10:20
خۇتەننىڭ چاي دۇرىسى بىلەن دوقمۇشتىكى ناۋاي ئۆستامنىڭ  ...

كاپىتاننىڭ ئىنكاسى ئۈچۈن ئەسكەردىن ھۆرمەت بىلەن :<<چاست!>>

لېكىن ھۆرمەتلىك كاپىتان ئېسىل ئىنكاسقا چىۋىن چۈشۈپ قاپتۇ.  ئاقساقال ئەسكىرىڭىزنى جازالىماڭ--ھە!
خۇتەننىڭ  --خاتا. خوتەننىڭ توغرا.
دۇرىسى--خاتا.  دورىسى---توغرا.
ئۆستامنىڭ---خاتا. ئۇستامنىڭ--توغرا.
تىگىشلىك--خاتا.  تېگىشلىك --توغرا.

3

تېما

10

دوست

1190

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەمەتبارات
تۆھپە
442
مۇنبەر پۇلى
822
ئىشەنىچ
442
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 23:29:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilwalduk.   rahmat

10

تېما

11

دوست

5556

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئاشتال
تۆھپە
1445
مۇنبەر پۇلى
3924
ئىشەنىچ
1445
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 19:15:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەدەف يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 07:05
كاپىتاننىڭ ئىنكاسى ئۈچۈن ئەسكەردىن ھۆرمەت بىلەن :

لې ...

بەرھەق-بەرھەق. ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلماپتىمە.

0

تېما

3

دوست

5079

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1184
مۇنبەر پۇلى
3815
ئىشەنىچ
1184
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 08:21:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىتان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 19:15
بەرھەق-بەرھەق. ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلماپتىمە.

قىلماپتىمە---ئېغىز تىلىمىزدا.
قىلماپتىمەن-- يېزىقتا ئىپادىلىگىنىمىزدە.

مەن مۇشۇنداق ئەسكەر. ناپالىئوننىڭ:

<<كاپىتان بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر-- ناچار ئەسكەر>>دېگەن تەلىمى بويىچە سىزدىن كاپىتانلىق تالىشىۋاتقاندەك قىلىمەن--ھە!

تورداشلار چاقچاقلىرىدىن دەپ بىلەرسىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 13:13, Processed in 0.132641 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش