- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 703
- نادىر
- 1
- يازما
- 95

- تۆھپە
- 105
- مۇنبەر پۇلى
- 318
- ئىشەنىچ
- 105
|
1.رېمونت قىلىش نۇقتىسى بەلگىلىمىسى. 4S دۇكىنىدا رېمونت قىلدۇرمىغان بولسىمۇ، مەسىلە كۆرۈلسە زاۋۇت ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يېڭى بەلگىلىمىدە ئېنىق قىلىپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت نۇقسان بار ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش، ئاپتوموبىل سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ‹‹ئالماشتۇرۇش، رېمونت قىلىش، قايتۇرۇپ بېرىش›› مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، زاۋۇت بىلەن4S دۇكىنى ئاپتوموبىللارنى ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن دۇكاندا رېمونت قىلدۇرمىغاننى باھانە قىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى رەت قىلماسلىقى كېرەك، ئاپتوموبىل ئىگىسى رېمونت قىلىش نۇقتىسىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ، دەپ بېكىتىلدى. بۇ بەلگىلىمە ئاپتوموبىل زاۋۇتى ۋە 4S دۇكىنىنىڭ ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشنى مونوپول قىلىشنى چەكلىدى، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلىنى قەيەردە رېمونت قىلدۇرغۇسى بولسا شۇ يەردە رېمونت قىلدۇرسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ رېمونت قىلدۇرۇش تەننەرخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. 2. زاپچاس بەلگىلىمىسى. ئەسلىي زاپچاسنى زورلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يېڭى بەلگىلىمىدە، 4S دۇكانلىرىنىڭ ئەسلىي زاپچاسلىرىنى زورلاپ ئىشلىتىشى چەكلەندى، 4S دۇكانلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش خاتىرىسى بىر تۇتاش ئارخىپقا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش خاتىرىسى ئېلېكتىرلەشتۈرۈلىدۇ، ئاپتوموبىل ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش خاتىرىسىنى كەسىپ ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ئورگىنىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى سېتىشتىن كېيىنكى تېخىمۇ ئەرزان مۇلازىمەت باھاسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بەلگىلىمىدە ئوخشاش سۈپەتلىك زاپچاسلارنى ئېتىراپ قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەركىن ئوبوروتنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 3. ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى يېڭى بەلگىلىمىسى. ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىن سۇغۇرتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى كېڭەيدى، ئاپتوموبىللار نومۇر تاختىسى ئاسماي ھادىسە سادىر قىلغان بولسا تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولدى؛ ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن قارشى تەرەپ تۆلەشنى رەت قىلسا سۇغۇرتا شىركىتى ئورۇن بېسىپ تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ خەۋپ – خەتەر بىلەن باھا چېتىلدى، مۆلدۈر ۋە تەيفىڭ بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىسىمۇ تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتا ھەققى يۇقىرى بولۇش، تۆلەم پۇل ئاز بولۇش، مەسئۇلىيەت بولمىسا تۆلەپ بەرمەسلىك، ھېساب قىلىنمىسا تۆلەپ بەرمەسلىكتەك ‹‹زومىگەر ماددا›› نى بىكار قىلدى. يېڭى سىياسەتتە سۇغۇرتا مەسئۇلىيەت دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 4. ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش. ئاپتوموبىللارنى رېمونت قىلىش ئۇچۇرى چوقۇم ھەقسىز ئاشكارىلىنىشى كېرەك، بۇ بەلگىلىمە مەجبۇرىي يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتتىن يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلنى بازارغا سېلىپ ئالتە ئاي ئىچىدە سېتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ رېمونت قىلىش تېخنىكا ئۇچۇرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىشىنى مەجبۇرىي بەلگىلىدى، بۇ ئاپتوموبىللارنى قەرەللىك رېمونت قىلىش، ئاساسلىق قىسمى ۋە پارچە زاپچاسلىرىنى چۇۋۇش – قوراشتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رېمونت قىلىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش 4S دۇكىنىدىن باشقا رېمونتچىلىق كارخانىلىرىنى ئاپتوموبىلنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەيدۇ. 4S دۇكىنىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمىمۇ باشقا ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى رېمونت قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ. 5. زاپچاسلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش. پارچە زاپچاسلارنى بىر تۇتاش كودلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش بازىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاپتوموبىل پارچە زاپچاسلىرىنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىز قوغلاش خاراكتېرىگە ۋە سۈرۈشتۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ بۇ پارچە زاپچاس ۋە پۈتۈن ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ مەھسۇلات ئۆمرىنى دەۋرىيلىك باشقۇرۇشقا ۋە نۇقسان بار مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ئاپتوموبىل مۇلازىمەت بازىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ۋە دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغىمۇ پايدىلىق. 6. يېڭى ئاپتوموبىل ئۆلچىمى. ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ يېقىلغۇ چەكلەش ئۆلچىمى ھەر يۈز كىلومېتىرغا 6.7 لىتىر سەرپ قىلىشقا تۆۋەنلىتىلدى. دۆلەت ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ يېقىلغۇ چەك قىممىتى 2015 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يۈز كىلومېتىرغا 6.9 لىتىر سەرپ قىلىشقا تۆۋەنلىتىش بەلگىلىمىسى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا ھەر كىلومېتىرغا 5.0 لىتىر سەرپ قىلىشقا تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىگەن كارخانىلار يېڭى ئاپتوموبىلنى بازارغا سېلىشى ياكى مەھسۇلاتىنى كېڭەيتىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ يېقىلغۇ ئۆلچىمى بارغانسېرى قاتتىقلىشىدۇ، بۇ مەملىكىتىمىز ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئالمىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. |
|