«بىر تامچە مېھر» ناملىق شىئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقتى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللاخەۋىرى، فۇتۇسى. ياش شائىر،دىنىي زات ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپنىڭ «بىر تامچە مىھىر» ناملىق شىئىرلار توپلىمىيېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى. ئاپتۇرنىڭ بۇشىئىرلار توپلىمىغا يېقىندا يازغان 113پارچە شىئىرى كىرگۈزۈلگەن. ئاپتۇرنىڭ بۇ شىئىرلارتوپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شىئىرلىرىنىڭ تىلى راۋان، مەزمۇنى چوڭقۇر، تۇرمۇش پۇرىقىچوڭقۇر، يېقىشلىق ۋە جەزىبدار. ياش شائىر،دىنىي زات ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپنىڭ «بىر تامچە مىھىر» ناملىق بۇ شىئىرلار توپلىمىئۇنىڭ 2014-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان «قەشقەر بالىسى»ناملىق شىئىرلار توپلىمىدىن كىيىن خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر دەستە خۇشپۇراق گۈلىدۇر.بىز ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمىز.


|