تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 0

21-يانۋارنىڭ ئەڭ يېڭى مۇسابىقە ئەھۋالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

0

دوست

703

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
105
مۇنبەر پۇلى
318
ئىشەنىچ
105
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 18:06:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز خەۋىرىمىز: 20-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىپ، شىنجاڭغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىنكى، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدۇر.
     تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى ھەر قايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىغا بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى.
    ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىدىن لۈ شياۋتۇڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللار 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.
     21-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىدىن لۈ شياۋتۇڭ چېمپىيۇن بولدى.
     خېيخې شەھەر كوماندىسىدىن چۈ چۇنيۈ 500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بولدى.
     21-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:15 ئۆتكەندە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئاياللارنىڭ 500 مېتىرغا تېز تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى ۋۇجۇتقا كەلدى، خېيخې شەھەر كوماندىسىدىن چۈ چۇنيۈ چېمپىيۇن بولدى.
     ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن جاڭ شىن شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
     ئۆز خەۋىرىمىز: 21-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئاياللار شەخسلەر مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن جاڭ شىن بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيۇن بولۇپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
     خاربىن شەھىرى كوماندىسىدىن ما ۋېي ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بولدى.
     21-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:50 ئۆتكەندە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن ۋۇجۇدقا چىقتى، خاربىن كوماندىسىدىن ما ۋېي مۇسابىقىدە چېمپىيۇن بولدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:43, Processed in 0.119098 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش