تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 0

قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يەنە سەپەرۋەرلىك ق...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

0

دوست

703

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
105
مۇنبەر پۇلى
318
ئىشەنىچ
105
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 18:05:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
  جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ھەم ئۆمەك باشلىقلىرى يىغىنى 20 - يانۋار چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يەنە سەپەرۋەرلىك قىلىنىپ، خىزمەتلەر يەنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەرگە يەنە تەلەپ قويۇلۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.
  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ پېڭ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
  ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىپ، چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئېلىمىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى «جەنۇبتا قانات يايدۇرۇش، غەربكە كېڭەيتىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئېلىمىزنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشى، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاساسنى پۇختىلايدۇ، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، رولى ئالاھىدە، ئەھمىيىتى زور. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت ئىگىلىرىنى بايقاپ ۋە تەربىيەلەپ، قار - مۇز تۈرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماھارەت ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەتكە قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى بويىچە بىر تۈركۈم باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش؛ ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يەنىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇپ، 300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ قار - مۇز تەنھەرىكەت كەسپىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەنتەربىيە ئىستېمالىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.
  ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى، مۇسابىقە ئىنتىزامى خىزمىتى ۋە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش؛ روھنى ئۇرغۇتۇپ، مۇسابىقىگە تەشكىللەش ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش؛ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇسابىقىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ ۋە مۇسابىقىگە بىخەتەر قاتنىشىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر نۆۋەتلىك يېشىل، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئوچۇق ۋە پاك قار - مۇز كاتتا مۇسابىقىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك.
   شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى شىنجاڭنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى شىنجاڭنىڭ تەنھەرىكەت كەسپى، بولۇپمۇ قار - مۇز كەسپى، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەردى، ئۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت دەرىجىسى ۋە تاشقى ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا مەرىكە ھەم 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغان بىر قېتىملىق ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قويۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆزلەپ، شىنجاڭ بويىچە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە ئىلغار، خەلقئارا سەۋىيەلىك، ئىناق، بىخەتەر، ئېسىل، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە» قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇش، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.
  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئورۇنلار، تارماقلار مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزلىك كۈچ كۆرسىتىپ، ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى قىلىپ، مەيدان - سارايلارنىڭ ئايلىنىش كاپالىتى، داۋالاش ۋە يېمەكلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيەنى ياخشى قىلىپ، ئىنچىكە پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېسىل كۆرۈنۈشلىرىنى تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان» ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك.
  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ياڭ شۇئەن، لى شۆجۈن، جۇ چاڭجيې، لى يىڭچۈەن، گاۋ جىدەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
  يىغىندا، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن مەيدان - سارايلارنىڭ قۇرۇلۇشى، مۇسابىقىنى تەشكىللەش، بىخەتەرلىكنى قوغداش، باشلىنىش - ئاخىرلىشىش مۇراسىمى، كەيپىيات يارىتىش، كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى جەھەتلەردىن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:19, Processed in 0.123139 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش