ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ شىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى 
ئۆز خەۋىرىمىز : 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ھاۋادا يالغۇز ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى 21-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئاياغلاشتى، ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ شىن مۇسابىقىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. كەينىدىنلا ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ماھىرى ۋاڭ شىندى ئەرلەر ئەركىن قار تېيىلىش تۈرىدە مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ قارلىق مەيدان كېلىماتى ۋە قارنىڭ تېمپېراتۇرىسى قار تېيىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بولۇپ، ماھىرلارنىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق بولدى. جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدە يەنىلا ئازراق جىددىيلەشتىم، لېكىن ئۆز ماھارىتىمنى خېلى ياخشى جارى قىلدۇردۇم دەپ ئويلايمەن، بۇ مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە قارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك».
|