قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە خەن تيەنيۈ چېمپىيۇن بولدى 
ئۆز خەۋىرىمىز: 21-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:59 ئۆتكەندە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ قورامىغا يەتكەنلەر بويىچە ئەرلەر 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، چاڭچۇن شەھىرىدىن كەلگەن خەن تيەنيۈ چېمپىيۇن بولدى، سوچى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان جىلىن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ۋۇ داجىڭ ئىككىنچى بولدى.
|