تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 0

ئىككى پارچە خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
11
مۇنبەر پۇلى
70
ئىشەنىچ
11
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-5 12:29:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىرىنچى خەت
  ئوماققىنە ئىككى بالامنىڭ ئانىسى بولغان مېھرىبان جۈپتۈم  مېھرى ،يېقىندىن بۇيان ئەھۋالىڭ قانداق ؟ شۇتاپتا بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ نىمىلەرنى ئويلىغانسەن ؟ ئېھتىمال << كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرۇقلۇق ، يەنە بۇنداق دەپ خەت يازغىنى نېمىسى >> دەپ ئويلىشىڭ ياكى ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇقلۇق بۇنداق دېگىنى ئادەمنى زاڭلىق قىلغىنى ئەمەسمۇ >> دېيىشىڭ مۇمكىن . شۇنداق ھەممە ئىش ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئاشكارا بولدى . شۇسەۋەبلىك ساڭا قاراپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغۇدەك ، سەن بىلەن كېيىنكى ئىشلار توغرۇرلۇق پاراڭلاشقۇدەك يۈزۈممۇ قالمىدى . شۇنداق بولغاچقا خۇددى ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدىكىدەك ساڭا خەت يېزىش ئارقىلىق نەچچە كۈندىن بۇيان ئويلىغانلىرىمنى ، ھېس قىلغانلىرىمنى ، يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا بىلدۈرمەكچى بولىۋاتىمەن .
        يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مەن ساڭا ، ئائىلەمگە ، ئىككى قىزىمغا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلەلمىدىم . شۇنچە ئىللىق ئائىلەم ، كۆيۇمچان ئايالىم ، ئوماق قىزلىرىم بار تۇرۇقلۇق تىجارەت باھانىسى بىلەن سىرتتىكى رەڭدار تۇرمۇشتىن ، شۇنداق تۇرمۇش قوينىدا ياشاۋاتقان بەزى دوستلىرىمدىن مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم . مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش ، ئىچى ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئېزىتقۇلار سەۋەبىدىن كۆزلىرىم توسۇلۇپ ، كاللام قايمۇقۇپ كەتكەچكە ، سېنى ئېيىتقۇسىز ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىگە تاشلاپ قويدۇم .
         مېھرى ، بىزنىڭ ئۆز - ئارا ئۆگىنىش ، بىلىم ئېلىش يولىدىكى ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ ئىلگىرلەشلەر ئىچىدە ئۆتكەن ئالى مەكتەپ ھاياتىمىزنى ، توي قىلغاندىن كېيىنكى بەختىلىك تۇرمۇشىمىزنى ، توي قىلىش ئالدىدا بەرگەن << بىر ئۆمۈر نىكاھقا ، مۇھەببەتكە سادىق بۇلۇش >> توغرىسىدىكى ۋەدەمنى قايتا - قايتا ئەسلەپ چىقتىم . كۆز ئالدىمدىن كىنونىڭ لېنتىسىدەك ئۆتكەن ئەسلىمىلەر مېنى پۇشايمان ئوتلىرىغا سېلىپ قويدى . مەن سەن << بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى >> دېگەن شۇ كۈندىن بۇيان بەخىتلىك ئائىلەمنى ، قىزلىرىمنى ، بۈگۈنكىدەك تىجارەتتە ئۇتۇق قازىنىشىمنىڭ سەۋەبچىسى بولغان سۈيۈملۈك مەھبۇبەمنىڭ مەن ئۈچۈن ، ئائىلىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنى ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى ئويلىدىم . مانا بۇ ئويلاشلار بارا- بارا مېنى ھوشۇمغا كەلتۈردى . بىز ئەرلەرنىڭ قولى ئازراق پۇل كۆرگەندە كۆزىمىزگە ياغ تولۇپ قالىدىكەن ، تىجارەتتە روناق تېپىپ قۇلۇم تۆت تەڭگە پۇل كۆرگەندە بەزى بېيىغان ئەرلەر ئاسانلا دۇچ كېلىدىغان خىرىستىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىم . ئەسلىدە بۇنداق مۇھىتتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىممۇ مۇمكىن ئىدى . لېكىن دوستلىرىمنىڭ ھە - ھۇسى بىلەن ئائىلەمگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بۇ يولغا مېڭىپ قالدىم . مانا شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۆزگەردىم ھەم ئائىلەمنى ، بالىلىرىمنى ئويلىمايدىغان ھالەتكە يەتتىم . كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەن كۆزۈمگە كۈندىن - كۈنگە قېرىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنگەچكە تاپقان پۇلۇمنىڭ مېغىزىنى چېقىش ئۈچۈن  يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى تىرناقتا توختىغۇدەك بىر گۈزەل بىلەن تېپىشىۋالدىم . بۇ ئارىلىقتا سەن بالىلارغا ھەم دادا ھەم ئانا بۇلۇپ ، بالىلارنى ياخشى تەربىيگە ئىگە قىلدىڭ ، كۆزۈمگە شۇنچە سەت كۆرۈنۈپ تۇرساڭمۇ يەنىلا ئۆز بۇرچۇڭنى ناھايتى ياخشى ئادا قىلىپ كەلدىڭ . شۇڭا سەندىن ۋاز كېچىش كويىدا بۇلۇپ يۈرسەممۇ سەندىن قىلچىلىك باھانە تاپالمىدىم . ساڭا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ باقتىم ، كېچىسى ئۆيگە كىرمەي سىرتلاردا قۇنۇپ باقتىم ، سەن يەنىلا ئۈن - تىنسىز مەسئۇلىيتىڭنى تۇلۇق ئادا قىلىپ كەلدىڭ . ئەڭ ئاخىردا مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن ھېلىقى گۈزەلنى ئۆيگە باشلاپ كەلدىم . ئىشتىن بالدۇر قايىتقىنىڭ سەۋەبلىك ھەممە ئىشنى كۆرۈپ قالدىڭ ، ئەسلى ھېلىقى گۈزەل بىلەن سەن بۇ ئىش توغرۇرلۇق ئېغىز ئاچقان ھامان << تالاق >> رەسمىيىتىنى ئۆتىۋىتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋالغان ئىدىم . بىراق سەن مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ قاپقارا كۆزلىرىڭگە ياش ئالغىنىڭچە ، ماڭا ئوبدان بىر قارىۋېتىپ سىرتقا چىقىپ كەتتىڭ . ئىشكىنىڭ قاتتىق يېپىلىشى بىلەن لاسسىدە بۇلۇپ ئولتۇرۇپلا قالدىم . قەلبىڭ ، ئاياللىق ئىززەت - ھۆرمىتىڭ مېنىڭ قىلىقسىزلىقىم تۈپەيلى چەيلەنگەن بولسىمۇ ئەكسىچە مېنى ئاسراپ قالدىڭ . مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ماڭا بېرىلگەن جاۋاب ، ئەرلىك غۇرۇرۇمغا سېلىنغان كاچات ئىدى .
        شۇ چاغدا مەن سېنى چۇقۇم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى ، ئەمدى ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ھەم سەندىن راستىنلا ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھېسىياتتا بولغان ئىدىم . بىراق سەن ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولمىغىنىدەك بالىلارنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىپ تاماققا تۇتۇش قىلدىڭ . مول داستىخان راسلاپ ئالدىمىزغا قىززىق چاي ، ئىسسىق تاماق ئېلىپ كەلدىڭ . بالىلار ھېچ ئىشنى سەزمىگەندەك خۇشال - خورام ھالدا ھېلى ماڭا ئەركىلەپ ئېسىلسا ، ھېلى ساڭا بىر نىمىلەرنى دەپ ۋىچىرلايىتتى . شۇنداقتىمۇ سەن ئۆزۈڭنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خۇشال تۇتتۇڭ ، بالىلارنىڭ ئالدىدا قىلچىلىك ناچار روھى - ھالەتتە بولمىدىڭ . بىراق مەن تىكەن ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك تولىمۇ بىئارام بۇلۇپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرالمىدىم . بالىلارنى ئۇخلىتىپ بولغاندىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىڭچە ئۇزۇنغىچە قايتىپ چىقمىدىڭ ، سەندىن ئەنسىرەپ ئىشىك تۈۋىگە باردىم -يۇ ، قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم . سەن تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن ئىتىۋىلىپ ھۆركىرەپ يىغلاۋاتقان بولغاچقا ئىچ - ئىچىمدىن شۇنچىلىك ئازابلىنىپ كەتتىم .
شۇ كېچىسى پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى ، سەنمۇ بىر كېچە يىغلاپ چىققان بولساڭ كېرەك ، ئەتىسى سېنى قاپاقلىرىڭ ئىششىپ ، كۆزلىرىڭ قىزارغان ھالدا كۆردۈم . سەن بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن ماڭا << بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى >> دەپ كەينىڭگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتىڭ . مەن شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈنگىچە دۇكانغىمۇ بارماي ئۆيدە ياتتىم . گەرچە سەن ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلىشنى خالىمىساڭمۇ  بالىلارنىڭ ئالدىدا قىلچىلىك چاندۇرمىدىڭ .
        مېھرى ، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشنى ئەسلەپ چىقتىم . شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ ، بالىلارنىڭ ئالدىدا زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى تونۇپ يەتتىم . ئاخىرىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشىمىز ئەركىنگە ئۆزۈم دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى يىپىدىن - يىڭنىسىگىچە بايان قىلىپ ، ئۇنىڭ ئائىلەمنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىسى تېگىدىغان مەسلىھەت بېرىشىنى ئۆتۈندۈم . ئۇ ھەممە سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن : << ئىككىڭلارغۇ ئاجرىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلارسىلەر ، بالىلار قانداق قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلا بالاڭ قىز ئىكەن . قىز بالىنى جايىدا تەربىيلەپ چوڭ قىلماق ئىنتايىن تەس .  قىز بالىنىڭ تەربىيسى ئىنتايىن مۇھىم . ئاجرىشىش سىلەرنى ئوڭايلا بىر تەرەپ قىلغىنى بىلەن ، قىزلىرىڭغا غايەت زور روھى زەربە بولىدۇ . ئەگەر كېيىنكى كۈنلەردە قىزلىرىڭ ئىككى ئوتتۇرىدا قاتىراپ يامان ئىشلارغا ئۆگىنىپ كەتسە ، ئۆزۈڭگە ئوخشاش ناچار يولدا مېڭىپ قالسا ۋىجدانىڭ ئازاپلانمامدۇ ؟ ئەر كىشى دېگەن ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان بولغىنى تۈزۈك . ھېلىمۇ ئايالىڭنىڭ جېنى چىڭ ئىكەن ، شۇنچە ناچار قىلساڭمۇ ئۈندىمەي يۈرۈپتۇ . بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم ، ئەتە - ئۆگۈن ھازازۇل ، ئۇششۇقتىن بىرىگە ئۇچراپ قالساڭ بېشىڭنى تاشقا ئۇرغىنىڭ بىلەنمۇ بىكار . شۇڭا ماۋۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئايالىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بول . ئەر كىشى ئائىلىسىگە نىسبەتەن بىر پادىچى . ئەگەر بىز پادىمىزنى ياخشى باقالمىساق ، خېيىم - خەتەرلەردە قوغدىيالمىساق بۇنىڭ بېرىدىغان ھېسابى بەك ئېغىر ، ئاداش . شۇڭا سەن كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ ئائىلەڭ ئۈچۈن ئايالىڭغا ئوخشاش قوربان بېرىشنى ئۆگەن . ئەسلىدە خىزمەتنى تاشلىۋەتمىگەن بولساڭمۇ ، كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتكەن بولاتتى . گەپنىڭ قىسقىسى ، سېنى تاپقان پۇلۇڭ ئۆزگەرتىۋەتتى . ھېلىغۇ خوتۇن - بالىلىرىڭ ئىكەن ، بىزدەك تۆت يىل بىر ياتاقتا يېتىپ ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىڭنىمۇ تاشلىۋەتتىڭ . لېكىن ھېلىمۇ كېچىكمەيسەن ، ئەڭ ياخشىسى قىزلىرىڭنى ياخشى تەربىيلە ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ قويما . شۇنى بىلىپ قال ، مەسئۇلىيەتسىز ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئۆزى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ . تالادىكى داردىن قاچقان تېشى پال- پال ، ئىچى غال - غاللاردىن ئەسلا ۋاپا كەلمەيدۇ جۇمۇ . خەيىر ، كۆپ سۆزلەپ كەتتىم . ئائىلەڭنى بۇزۇپ ، قىزلىرىڭنى يېتىم قىلساڭ ، قىزلىرىڭغا ياخشى تەربىيە قىلمىساڭ تاكى كۆزۈم يۇمۇلغىچە يۈزۈڭگە قارىماي قويىمەن . قالدىسىغا گەپلىرىمنى ئوبدان ئويلىنىپ باق >> دېگىنىچە كېتىپ قالدى .
شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ئۇزاققىچە ئويلاندىم . مېھرى ، مەن ئائىلەمنىڭ ، سېنىڭ ، قىزلىرىمنىڭ مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . سىلەردەك يالتىراپ تۇرغان ئالتۇن تۇرسا، نەدىكى ئەخلەتلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپتىمەن . مېنى كەچۈرگىن ، ئىككى بالىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئائىلىمىزنى بۇزمايلى ، قىزلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشايلى ........
               دەپ :
                 ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭ  شەپقەت
                                 ئىككىنچى خەت
              شەپقەت ، خېتىڭىزنى قايتا - قايتا ئوقۇپ چىقتىم . بەلكىم مەنمۇ خىزمەت ، بالا ، ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى بىلەن بۇلۇپ كېتىپ سىزگە تۈزۈك كۆڭۈل بۆلەلمىگەندىمەن . بىزدە << شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ >> دېگەن گەپ بارغۇ . شۇڭا مەندىمۇ ئاز - تولا خاتالىق ئۆتۈلگەن بولىشى مۇمكىن . مېنىڭچە تۇرمۇش - گۈل ئۆستۈرۈش جەريانىغا ئوخشايدۇ . پەرۋىشسىز قالسا گۈل تېزلا قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلىنىدۇ . پەرۋىش تاپسا پورەك ئاچىدۇ . شۇڭا بۇندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئائىلىدىكى بۇرچۇمنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش قارارىغا كەلدىم . مېنىڭمۇ  پەقەت ئاجراشقۇم يوق ، ئامالنىڭ يوقىدىن سىزگە شۇ كۈنى ئۆزۈم ئاغزىمدىن چىقىرىشنى قىلچە خالىمايدىغان ئاشۇ گەپنى قىلىپ سالدىم . ئەگەر بالىلار ياخشى تەربىيلەنمىسە مەنمۇ بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا ئۆتىمەن . مۇھەببىتىمىزنىڭ ، ئوتتۇرىمىزدىكى نىكاھنىڭ مېۋىسى بولغان قىزلىرىمىز ياخشى تەربىيلەنسە ، بۇ دۇنيادىن ئارمان يوق ھالەتتە كېتىمەن . بۇ دۇنيادا ئىككى ئىش مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ، بىرى ياخشى نام ، ياخشى ئىش ، يەنە بىرى بىلىم . بۇنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ دېمىسەممۇ سىز ئوبدان بىلىسىز . بالىلارنى ياخشى تەربىيلىمىسەك بىز بىر ئۆمۈر ئازاب ئىچىدە ئۆتىمىز . ساۋاقدىشىمىز ئەركىن دېگەندەك ئائىلىمىزنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۇرۇپ ، بالىلارنى ياخشى تەربىيلىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلساق دېگەن ئۈمىدتىمەن .
ئائىلىمىزگە سىز بولمىسىڭىز ، قىزلارغا يەنە سىز بولمىسىڭىز قەتئى بولمايدۇ ، شەپقەت . ئائىلە ئەخلاق تەربىيسىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ جەھەتلەردە ئورتاق تىرىشىشىمىزغا توغر كېلىدۇ . بالىلارنى تەربىيلەش - ناھايتى ئۇزاق ھەم مۈشكۈل مۇساپە . شۇڭا بۇ جەھەتلەردە بىر - بىرىمىزنى قوللاپ ، ياخشى كۈنلەرنى ياراتقىنىمىز ياخشى . قالدىسىغا كېيىنكى ئىپادىلىرىڭىزگە قارايمەن .
                              باللىرىڭىزنىڭ ئانىسى  مېھرايدىن
**************                                    ********************                        **********
ئەسكەرتىش : يۇقىرىدىكى ئىككى  پارچە خەتتىكى گەپ - سۆزلەر دوستۇمنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلار . مەن پەقەت مەزمۇن جەھەتتىن  ئۆزۈمنىڭ كۆز - قاراشلىرىمنى قوشۇپ ، مۇنبەرگە يوللىدىم . شۇڭا ئۇشبۇ تېمامنى كۆرگەن بارلىق ئەر - ئايال مۇنبەرداشلارنىڭ ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ ،  ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى ئائىلىدىكى مۇھىت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە زور تەسىر قىلىدۇ . ياراملىق پەرزەنىت تەربىيلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى . تۈرلۈك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئائىلىسىدە ئىناقلىق بولمىغان ئائىلىدىكى پەرزەنىتلەر ھەم ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ پەرزەنىتلىرى ئاسانلا يامان يولغا مېڭىپ قالىدىكەن . بۇلۇپمۇ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانىلارنىڭ قىزلىرى ھېلى ئانامنىڭ ئۆيىگە باردىم ، ھېلى دادامنىڭ ئۆيىگە باردىم دەپ چوڭلارنى ئالداپ ، يامان يوللاردا مېڭىپ قالىدىكەن . شۇڭا بالىڭىزنى ياخشى تەربىيگە ئىگە قىلماي تۇرۇپ ، بالا دېگەن بالا ئەمەس ، باشقا بالا - قازا ئىكەنغۇ دەپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەڭ ...............
چۈنكى ............
بۈگۈن سىز بالىڭىزنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقتۇرسىڭىز ، ئەتە بالا قۇپۇپ سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن ياش ، يۈرىكىڭىزدىن قان ئاققۇزىدۇ ..........
                    شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بۇ ھەقىقەتنى قەتئى ئۇنتۇماڭ ...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:31, Processed in 0.132397 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش