- تىزىملاتقان
- 2013-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-6
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 15
- نادىر
- 0
- يازما
- 2

- تۆھپە
- 9
- مۇنبەر پۇلى
- 11
- ئىشەنىچ
- 9
| مېنى بەلكىم ئۇيغۇرلار خېلىلا بىلىشى مۇمكىن. مەن ھىندىستان ‹‹بوللىۋود›› كىنو ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئارتىسى، كىنو چولپىنى، رېژىسسور، سېنارست ئاجەي دېۋگەن بولىمەن. مەن سىلەر ياقتۇرۇپ كۆرگەن ‹‹ئوت يۈرەك››، ‹‹گۈل ۋە تىكەن››، ‹‹ئاشىقنىڭ مەشۇقى بار››، ‹‹شىر››، ‹‹قارا نىيەت››، ‹‹بول باچچان››، ‹‹قانۇن ۋە ھەققانىيەت››، ‹‹ئىرادە››، ‹‹مايور ئەپەندى››، ‹‹قېرىنداشلىق مېھرى›› قاتارلىق 100 گە يېقىن فىلىمدە رول ئالغان، خېلى كۆپ فىلىملىرىم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. مەن فىلىملىرىمنىڭ ئىجازىتىمىزسىز تەرجىمە قىلىنغىنىدىن ئانچە خاپا بولۇپ كەتمىدىم. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، مەن ۋە ئايالىم، كىنو چولپىنى كاجول ئىككىمىز تەڭرىتاغ مۇنبىرىنى دائىم دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز، يېقىندا مەن بۇ تور بېكەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى مۇنىرە غوپۇر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنى باشتىن-ئاخىر كۆرۈپ چىقتۇق. ئىككىمىز سەت ھاياجانلاندۇق. بىز گەرچە سۆھبەتتىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسنى دېگۈدەك چۈشىنىپ كەتمىسەكمۇ، ئەمما يەنىلا مۇنىرە غوپۇرنىڭ سۆز قابىلىيىتىنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز يەنە ئىككىمىزنىڭ يېڭىدىن ئىشلەنگەن فىلىملىرىمىزنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مۇنىرە غوپۇرنى رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشتۇق. ناۋادا مۇنىرە غوپۇر ماقۇل كۆرسە بومبايغا كېلىپ-كېتىدىغان بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرىمىز. |
|