قەشقەر ئوغۇل بالا كوماندىسى 7دە1نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈردى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى،فوتوسى: 11-ئاينىڭ 28-كۈنى خەينەن ئۇنىۋىرسىتىتى تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەن پۇتبولنى سۆيىمەن» جۇڭگۇ ئەل ئىچى چىمپىيونلىقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە قەشقەر شەھەرلىك ئوغۇل بالا كوماندىسى 7دە1نەتىجە بىلەن خۇبىي ۋۇخەن ۋەنسوڭيۈەن ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى يىڭىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. دەل مۇشۇ كوماندا بۇ يىل يەنە «مەن پۇتبول شاھى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ كوماندا 2013-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرغۇچىسى ئابدۇغەنىجان،تېرنىرى جۈرئەت، ھازىر كوماندىدا 18 ئەزا بار بولۇپ ھەممىسى قەشقەردىن كەلگەن. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئابدۇغەنىجاننىڭ مۇخبىرىمىزغا ئىيتىپ بىرىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە كەتكەن كۆپ قىسىم چىقىمنى ئۇ ئۆزى چىقارغان.
يولغا چىقىش ئالدىدا ئەزالار خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە ئۇلار بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقىلى بارغان ئۈرۈمچى پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېنبىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى-بىز چىقىمنى تىجەش ئۈچۈن بىز نان ۋە قۇرۇق يەل-يىمىش ئىلىۋىلىپ ناشتىلىققا يىدۇق، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماققا بولسا ئاساسەن لەنجۇ لەغمىنىيىدۇق،لىكىن بالىلار ھەرگىز قاخشاپ باقمىدى، ئۇلار پۈتۈن زىھنى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:بالىلار ئاممىۋى ئاپتوبوسقا چىققاندا ئاكتىپلىق بىلەن ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئەدەپلىك ئىش-ھەركەتلىرى، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
|