تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 1

خوتەن ناھىيەسىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 17:42:30
خوتەن ناھىيەسىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئوچۇق دەرس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى


DSC02385.JPG

2015 -يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە خوتەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات پېنىدىن مۇكاپاتلىق ئوچۇق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى خوتەن ناھىيە 2-ئوتتۇرا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ پائالىيەتكە ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى گۈلنار خانىم يىتەكچىلىك قىلدى. پائالىيەتكە خوتەن ناھىيسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تاللانغان 16 ماھىر دەرس ئۆتۈشكە ۋە يەنە باشقا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئاڭلاشقا قاتناشتى.دەرس باھالاشقا ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى پىشقەدەم،تالانىتلىق تىل-ئەدەبييات تەتقىقاتچىلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.دەرستە ھەرقايسى مەكتەپتىن تاللانغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ قابىلىيتىنى نامايەن قىلىپ ،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ،تۈرلۈك يېڭىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتتى.
ئۈچ يېرىم كۈنلۈك دەرس ئۆتۈش پائالىيتى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 12-چىسلا چۈشتىن كيىن پائالىيەتتىن خۇلاسە چىقىرىلدى ۋە تەربىيلەش ئىلىپ بىرلدى. ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى،بۇزاق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان نەمىتۇللا مۇئەللىم ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتىن خۇلاسە چىقىرىپ بۇ پائالىيەت بەزىبىر يىتەرسىزلىكلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ ،بىراق نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى،ھەرقايسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇندىن كىيىن ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ خوتەن ناھىيسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ لازىملىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا گۇلنار خانىم بۇ قتىملىق  ئوچۇق دەرس ئۆتۈش پائالىيتىدىن ئومۇملاشتۇرۇپ خۇلاسە چىقىرىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆز مەكتىپىدە ئۈلگىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. قىسقىسى ، بۇ تۆت كلۈنلۈك پائالىيەت خوتەن ناھىيسىدىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن بىر مەيدان ياخشى ھازىرلانغان كۆرەك مەيدانى بولدى. ئوقۇتقۇچىلار بۇ پائالىيەتتىن زور مەنپەئەتكە ئىرىشتى.  

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر:


دەرسخانىدىكى << سادىر پالۋان>>
DSC02421.JPG

باھالىغۇچىلار ئەستايىدىل نومۇر قويماقتا

2

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
64
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-25 17:56:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەن يوللىغان تېما ئىدى. نېمىشقا ئىسمىم چىقماي نامسىز دەپ چىقىپ قالغاندۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-11 20:26, Processed in 0.127886 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش