تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2848|ئىنكاس: 5

ساۋاقداشلىرىمغا چاقچاق-ئەنۋەر غوجا ئىنتىزارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

192

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ئەنۋەر غوجا
تۆھپە
28
مۇنبەر پۇلى
126
ئىشەنىچ
28
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 00:08:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلىرىمغا چاقچاق

给大学同学开玩笑


(مەن بۇ شېئىرىمنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتى فىزىمات-ئۇچۇر ئىنىستىتوتى كومپىيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى فاكولتىتى 97-يىللىق3-سىنىپتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمغا بېغىشلايمەن)


بىز تۇنۇشقان غۇبارسىز چاغلار،

ئىدى ئەجەپ ئەقلىمىز سەبى.

ئاياغلاشتى بەش يىللىق ئوقۇش،

ئاھ!شۇ چاغلار قالدى چۈش كەبى.


ئايرىۋەتتى بىزنى شۇم تەغدىر،

شەيتان نىجىس قۇتىراپ ئەسەبى.

ساۋاقداشلىق خاتىرىسىنى،

يوقۇتالماس لىكىن ئەبەدى.


گۈلشەن،ئاينۇر،باشلىق ئابىدە،

تۇرامسىلەر جەنۇپقا كىلىپ؟

ئۈرۈمچىگە بارىمەن بىر كۈن،

ئۆيۈمدىكى ئىشەككە مىنىپ.


ئىككى ھەيئەت:قابىل،ئادىلە،

قالساڭلار گەر ئاقسۇدا ئىشلەپ.

ئىتەمسىلەر كاۋا مانتىسى؟

بېرىپ قالسام سىلەرنى ئىزدەپ.


غولجا قىزى:ئايگۈل،ساجىدە،

ھىسام ئاكام تۇرغاندۇ قانداق؟

دەپ بىرىڭلار بىر –ئىككى چاقچاق،

شۇنداق بىر كۈن جەم بولۇپ  قالساق.


زىلۋا بويلۇق ئەركە پاتىمە،

قالسام بىر كۈن پىچانغا بېرىپ.

ئارزۇگۈلنىڭ ئادرىسىنى،

خاپا بولماي بىرەمسىز يېزىپ؟


قىلىپ قالساڭ گۈلشەن بىلەن توي،

ياتاقدىشىم ئەيساجان پاخپاق.

بوزدالادىن بىر ئاي ئىلگىرى،

ئەۋەتەرسەن قولۇمغا باغاق.


كۆپ چىقارمىش توقسۇندا بوران،

كەتمەڭ گاشى بوراندا ئۇچۇپ.

بولۇپ كىتىڭ كاتتا مىليۇنېر،

شۇ بۇرانغا تاش تۈگمەن قۇرۇپ.


سىمىز ئەنۋەر قالسىڭىز ئەگەر،

چۈشىڭىزدە «باجيې» چۈشەپ.

راسا ئۇرۇڭ قەدىمى تۇرپان،

مۇنارىنىڭ تېمىغا يۈلەپ.


ئابدۇكېرىم،غولامجان سىلەر،

قۇيامسىلەر قوغۇنمۇ تېرىپ؟

پۇت ۋە قوللار سۇنۇپ كەتمىسۇن،

كوچىدىكى شاپاققا تېيلىپ.


بالا مىجەز ئابدۇرۇسۇل سىز،

كورلىدا ئويۇنچۇق ئويناپ.

كوچا-كويدا ئېزىپ قالسىڭىز،

پاتىگۈلنى ئويغۇتۇڭ توۋلاپ.


ھاجىنىسا سىزمۇ بار يەنە،

قالدۇرمايمەن ھەرگىز بىر چەتتە.

ھەر بىر قېتىم نەشپۈت يىگەندە،

ئەسلەپ تۇرۇڭ بىزنى يۈرەكتە.


ئاتۇش قىزى :جىمخور خەيرىگۈل،

كەتسە سىزنى سادىقجان باشلاپ.

بولىۋالماڭ ئايال سودىگەر،

بىر ئۇلۇغۋار خىزمەتنى تاشلاپ.


ئابدۇمىجىت،مەھمۇتجان سىلەر،

بىر كۈنلىرى قۇرساڭلار شىركەت.

كاتىپ لازىم بولۇپ قالسا گەر،

ئەۋەتىڭلار ماڭا تەكلىپ خەت.


ئايزىمگۈل،ئايگۈل ۋە ئادىل،

خەت-پەت يېزىپ تۇرۇڭلار بىزگە.

ئەۋەتىمەن قەشقەرگە چۇقۇم،

ئۇچتۇرپاندىن بىر خالتا جىگدە.


جورجى كاۋلى مەتدولنى ئىزدەپ،

ياۋرۇپادىن يوللاپتۇ ئېلخەت.

لوپتا دەيدۇ دولنىڭ مەھەللىسى،

بۇ گەپ راستمۇ ئېيتىڭە ئابلەت؟


گۈلنۇر بىلەن ئىككى تۇنساگۈل،

تۇرۋالماڭلار بىرنى«بى»لا دەپ.

جاھىللىقنىڭ بازىرى كاسات،

بۇ مىنىڭكى كۆڭلۈمدىكى گەپ.


ئوتخۇن بىلەن سىرىك، گۈلنۇرا،

سىلەر بىلەن بىز ھەم قېرىنداش.

مىللىتىمىز باشقا بولسىمۇ،

ئۆتتۇق بەش يىل بولۇپ ئويۇلتاش.


مانا بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،

دىلدا ئەلەم،چاناقلاردا ياش.

ئەسلىشەيلى مەڭگۈ-مەڭگۈگە،

ئاھ!سۆيۈملۈك ئوتتۇز ساۋاقداش...


2011-يىلى9-ئاي شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
4097
مۇنبەر پۇلى
5795
ئىشەنىچ
4097
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 12:20:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەك ياخشى يېزىپسىز، ئوقۇغۇچىلىق دەۋىرنى ئەسلەتتىڭىز، قولىڭىز دەرت كورمىسۇن.

48

تېما

8

دوست

5887

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1632
مۇنبەر پۇلى
4074
ئىشەنىچ
1632
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 13:10:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق،ئاددى،راۋان چىقىپتۇ.گۆزەللىك ئاددىلىقتا ئەكىس ئېتىدۇ.

21

تېما

0

دوست

729

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
163
مۇنبەر پۇلى
505
ئىشەنىچ
163
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-24 18:53:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى تولىمۇ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ....

12

تېما

3

دوست

2768

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
2198
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-25 20:15:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawas يوللىغان ۋاقتى  2015-11-24 18:53
ساۋاقداشلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى تولىمۇ ياخشى ئەكىس ئەت ...

ۋاھ،بۇ چاقچاق ياخشى يېزىلىپتىغۇ.خۇددى قەلىمى پېشقان شائىرلاردەك .داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ. تىرىشىسىڭىزلا چۇقۇم شائىرلىق مۇقامىغا يېتىپمۇ قالغىدەكسىز .

12

تېما

3

دوست

2768

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
2198
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-25 20:15:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawas يوللىغان ۋاقتى  2015-11-24 18:53
ساۋاقداشلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى تولىمۇ ياخشى ئەكىس ئەت ...

ۋاھ،بۇ چاقچاق ياخشى يېزىلىپتىغۇ.خۇددى قەلىمى پېشقان شائىرلاردەك .داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ. تىرىشىسىڭىزلا چۇقۇم شائىرلىق مۇقامىغا يېتىپمۇ قالغىدەكسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:12, Processed in 0.130577 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش