 
مىھرى-مۇھەببەت فىلىمى توغرىسىدا
تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 2013-يىلى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن«مىھرى-مۇھەببەت» فىلىمى مەمىلكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى-ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ھەقىقىي ئىشلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن. فىلىمدە ياشانغان ھەنىپە ئانا ھاياتىدا كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كۆچۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ زەپەر مارشىنى ھەقىقىي تۈردە ياڭراتتى. ئۇ 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئالتە مىللەتتتىن بولغان 19 قارىغۇچىسى يوق بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىق توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھىكايىسى يارقىن ھالدا تەسۋىرلەنگەن. فىلىمدە جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. فىلىم 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارقىتىلغاندىن كىيىن كەڭ تاماشىبىنلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. رىژىسۇر-شىرزات ياقۇپ. ئاساسلىق روللارنى قۇندۇزئاي تاش،بەختىيار ئېزىز قاتارلىق ياش ئارتىستلار باش پىرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى يارقىن ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان بارلىق سەنئەتكارلارغا چوڭقۇر سالام يوللايمىز. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى |