تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 35575|ئىنكاس: 6

يانفون كېسىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

107

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
19
مۇنبەر پۇلى
92
ئىشەنىچ
19
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-23 16:53:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفون كېسىلى
(پوۋسىت)
راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى

بىز توي قىلغىلى 20 نەچچە يىل بوپتۇ. ئىككى پەرزەنتىمىزنىڭ بىرى ئالى مەكتەپتە، كىچىگى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ مائاشى خىزمەتكە چىققان چاغدىكىدىن نەچچە قاتلاندى. تۇرمۇشىمىز نەچچە ھەسسە ياخشىلاندى. ئىدارىدىن بەرگەن خام كېسەك قۇرۇلمىلىق كاتەكتەك ئۆيدىن قۇتۇلۇپ، 120 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆي سېتىۋېلىپ، يەنە يۈز نەچچە مىڭ يۈەن خەجىلەپ، 210 نەچچە تال پەنەرگە بىلەن كېيىم-كېچەك ئىشكاۋى، خىرىستال، چىنە-قاچا ئىشكاۋى، گىرىم ئىشكاۋى، ئاياغ كېيىملەرنى قويۇش ئىشكاۋى... قاتارلىق ئىشكاپلارنى ياسىتىپ، زامانغا لايىق بىزىۋالدۇق. بۇنداق زامانغا لايىق بېزەلگەن ئۆيگە ياراشمايدىغان بىپال كىتاب ئىشكاۋى بىلەن ساندۇقتەك قوپال تېلېۋىزورىنى سەھرادىكى تۇغقانلارغا بېرىۋېتىپ، كىتابلارنى يېشىكلارغا قاچىلاپ يەر ئاستى ئامبارغا قويدۇق. ئىككى دانە نىپىز ئىكرانلىق تېلېۋىزور سېتىۋېلىپ، تور ئەكىردۇق. ئۆيدە ئولتۇرۇپلا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە بارالايمىز، تۆتىمىزدە تۆت ئايفون، يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن خەت يېزىپ ھال-مۇڭ بولىدىغان «قاتمال ھالەت» دىن قۇتۇلۇپ، «تۇغقانلار چەمبىرىكى» گە كىرىپ، مەيلى خىزمەت ۋاقتى بولسۇن ياكى خزمەتكە بارغىچە-كەلگىچە ۋە ياكى يىغىنلاردا ئولتۇرۇپلا «ساۋاقداشلار چەمبىرىكى» كە كىرىپ، كۆرۈشمىگىلى بىر قانچە ئون يىل بولغان ساۋاقداشلار بىلەن، «قاتار چاي چەمبىرىكى» كە كىرىپ «چايداش» لار بىلەن ھال-مۇڭ بولالايمىز، خوشنىلار بۇرۇنقىدەك ئۆز-ئارا تاماق سۇنىشىدىغان، ھېيىت-ئايەملەردە ئۆي باسۇرۇپ «پەتە» ئوقۇشىدىغان، خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ئىدارە ئائىلە قوروسى ئىچىدىكى سۆگەت سايىسىدا مۇڭدۇشۇپ ھال-مۇڭ بولىشىدىغان، «ئاۋارىچىلىق» لاردىن قۇتۇلۇپ، خىزمەتتىن كېلىپلا، ئىشىكنى «گۇپ» قىلىپ تاقاپ، بىر ئۆيدىكى ئەر-خۇتۇن، بالا –چاقىلار ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ «چەمبىرىكى» گە كىرىپ، «چەمبىرەك» دىكىلەرنىڭ بىر كۈنلىك ئەھۋالدىن، سەمەتنىڭ چاپىنىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن، ئاسىمەنىڭ بۈگۈن قايسى كۆينەكنى كەيگەنلىگىدىن خەۋەر تاپالايمىز...
ئەتىگەندە كارۋاتتىن قوپۇپلا قىلىدىغان بىرىنچى ئىش: يانفوننى ئېچىپ، ئائىلە ئەزالىرى ھەر قايسى ئۆز «چەمبىرىكى» دىكىلەرنىڭ بىر ئاخشاملىق «سەرگۈزەشتىسى» دىن خەۋەردار بولىمىز؛ ئۇنىڭدىن كېيىن چالا-پۇلا ناشتا قىلىپلا، بەزىدە ناشتا قىلمايلا ئىشقا ماڭىمىز، قولىمىزدا يانفون، قۇلىقىمىزدا تىڭشىغۇچ، ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بارىمىز، ئاپتوبوستا تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلسە، ياشانغانلار، ئىككى قات ئاياللار، كىچىك بالىسى بارلارنى ئىتتىرىۋېتىپ بوش ئۇرۇندا ئولتۇرىۋېلىپ «ئۈندىدار» توپىغا قېتىلىمىز، ياندىكى «توپ» بىلەن پەقەت كارىمىز بولمايدۇ. قۇلىقىمىزدا تىڭشىغۇچ بولغىنى ئۈچۈن، ئاپتۇبۇس كارنىيىدىن چىقىۋاتقان: «ئىككى قات ئاياللار، قېرى، ئاجىز، مېيىپلارغا ئۇرۇن بىرەيلى!» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىمايمىز، كۆزىمىز ئىكراندا بولغاچقا، كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سالىمىز، ناۋادا «ئويۇن» بەك قىزىق بولۇپ قالسا، بېكەت مەلۇماتىنى ئاڭلىماي بىرەر-ئىككى بېكەت ئۆتۈپ كېتىپ ئارقىمىزغا يانىمىز...
دىمەك، ئۇچۇرلىشىش يىراقنى يېقىن قىلدى، قىيننى ئاسان قىلدى، ئاشۇق-مەشۇقلارنى تېپىشتۇردى، «3-شەخىس» لەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بەردى، سودا-سېتىقنى جانلاندۇردى، باھانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇنوپۇل قىلىۋېلىشنى تۈگەتتى، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى «يوقلىما» قىلىشىغا قۇلايلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى...
ئۇچۇرلىششنىڭ دەسلەپكى قەدىمى «چاقىرغۇ» دىن باشلانغان بولۇپ، چاقىرغۇنى ئەينى چاغدا كۆپ ئادەملەر سېتىۋېلىشقا قادىر بولالمىغاچقا، ئاممىۋى تېلېفونلارنىڭ تازا بازىرى چىققان، ھەر قايسى دوقمۇشلارغا ئاممىۋى تېلېفون بوتكىللىرى ئورنىتىلغان ئىدى. بىرەر ئادەمنى ئىزدىمەكچى بولغاندا بىرەر ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىغا بېرىپ چاقىرغۇ ئىستانسىغا ھاۋالە قىلىپ چاقىرماقچى بولغان شەخىس چاقىرغۇ قىلاتتۇق، چاقىرىلغۇچى تۇرغان جايى ئەتراپىدىكى بىرەر ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىنى تېپىپ تېلېفون قايتۇراتتى، ياكى «تېلېفوندىن يىراق جايدا ئىدىم» دېگەن باھانىنى كۆرسىتىپ، «ئۆتكەل» دىن ئۆتىۋالاتتى.بۇلار گەرچە ئاۋارىچىلىقتەك تۇيۇلغان بىلەن شۇ چاغدىن باشلاپ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتۈپ ۋاقتىدا «يوقلىما» قىلىپ توغرالايدىغان، ئىدارە-ئورگانلىرى خىزمەتچىلىرىنى «نازارەت» قىلىپ تۇرالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئائىلە ئىناقلىقى «ئاشقان» ، خىزمەت ئۆنۈمى «ئۆسكەن» ئىدى، شۇڭا كىشلەر «چاقىرغۇ» نىڭ ئەينى چاغدىكى رولىغا قاراپ «دەللال» دېگەن ئىسىمنى قويىۋالغانىدى...
ئۇزاق ئۆتمەي كونۇپكىلىق  يانفون راكىتانىڭ سۈرئىتىدە تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، خىزمەت، تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى كەلتۈردى، بولۇپمۇ «كۈنلەمچى» ئاياللارنىڭ ئىرىنى «يوقلىما» قىلىپ تۇرۇشىغا «ئەۋزەل شارائىت» يارىتىپ «3-شەخىس» نىڭ «سىغدىنىپ» كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدى. بىراق، بۇنىڭغا ئايرىم «قىچىغى» بار ئەرلەر، «ھۇرۇن» خىزمەتچىلەر ئامال تاپتى، چۈنكى كونۇپكىلىق يانفون يالغان سۆزلەشنىڭ ئەڭ ياخشى قۇرالى ئىدى، ئاياللار يانفون ئارقىلىق ئەرلەرنى «يوقلىما» قىلغاندا «مەن XX يەردە خىزمەت ئۈستىدە» دەپ يالغان گەپ بىلەن «ئۆتكەل» دىن ئۆتسە، ئىدارە سۈيلىگەندە، «مەن سىز بويرۇغان XXX ئىشنى قىلىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپ، ۋاقىتلىق قوتۇلۇپ قالغىنى بولاتتى، لېكىن شۇنداقتىمۇ، يانفون ئېلىپ كەلگەن كۈلكىلىك ئىشلار شەھرىمىزدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، پۇت-قول چىقىرىلىپ خۇددى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىملىرى، ھېكايە-پوۋسىتلاردىكى ھەجىۋىلەرگە ئوخشاش لەتىپە سورۇنلىرىدا ئېيتىلىپ يۈرمەكتە. بۇنداق دېسەم بەزىلەر قايىل بولالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن لەتىپە تۈسىنى ئالغان مۇنداق «چاخچاق»نى سۆزلەپ بېرەي: بۇ كۇنۇپكىلىق يانفون خېلى ئومۇمىلاشقان چاغلار ئىدى، بىر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر قانچە ئۈلپەتلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ بىرگە تاماق يېگەچ پاراڭلاشماقچى بولۇپ، بىر ئاشپىزۇلغا كىردۇق، بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ تۇرشىمىزغا ئايالىمدىن «يوقلىما» تېلېفون كەلدى، مەن تېلېفوننى ئېلىپ، ئەھۋالنى شۇنچە چۈشەندۈرۈسەممۇ ئايالىم ئىشەنمەي سۆزلەپلا كەتتى، مەن تېلېفوندا «ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز يانفۇننى ئەكبەرگە بېرەي، ئەكبەر گۇۋاھلىق بەرسۇن» دەپ، يانفونۇمنى ئەكبەرگە سۇنۇشىمغا، قېشىدا ئولتۇرغان قىزىقچى ئاغنىمىز سادىق يانفونۇمنى ئېلېۋېلىپ، ئاۋازىنى ئايالنىڭ ئاۋازىغا ئوخشۇتۇپ: «نەچچە ئايدىن بىرى كۆرۈشەلمەي، بۈگۈن ئاران تېپىشقاندا، بىزنىڭ ئارىمىزغا قىسىلماقچى بولغان كىمۇ؟...» دەپلا تېلېفۇننى بېسىۋەتتى. مەن تېلېفوننى ئېلىۋېلىپ، قايتا-قايتا تېلېفون ئۇرساممۇ ئايالىم تېلېفوننى ئالمىدى، سورۇننى كۈلكە قاپلىدى، ھەممىسى مېنى مازاق قىلىشىۋاتاتتى، ئاخىرى مەن ئەكبەرگە يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭ يانفونىدا ئەكبەرگە تېلېفون قىلغۇزدۇم، ئەكبەر شۇنچە چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئايالىم يەنىلا ئىشەنمەي؛ «ھە، سىلەر ‹رەڭلىك› ئولتۇرۇپسىلەر-دە!» دەپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتى. مەن تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قېلىپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم، بۇرۇن سادىقنىڭ ئىككى ئادەمنى ئۆيسىز قىلىۋەتكەنلىگىنى ئېيتىپ، ئۇلاردىن ئۆتۈندۈم، تېخى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى راستىنلا ئىككەيلەن ئۆيسىز بولۇپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتىمۇ سادىق ئايال كىشىنى دورىسا شۇنداق قاملاشتۇرۇپ دورايتتىكى ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى.
بۇ ئىشلاردىن سورۇندىكىلەرنىڭمۇ خەۋىرى بولغاچقا، ئارىمىزدىن قادىر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، سادىقنى خېلى ئەيىپلىغاندىن كېيىن، بىر ياخشى چارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ مەسلىھەتىمىزنى ئالمايلا ئۆزىنىڭ يانفۇنى بىلەن ئايالىمغا تېلېفۇن ئېلىپ دېدى؛
-جامالنىڭ ئۇشتۇمتۇت مىجەزى يوق بولۇپ قالدى، دەرھال +++ ئاشپىزۇلىغا كەلسىڭىز!
ھايال-كاشال ئۆتمەي ئايالىم بىز ئولتۇرغان ئاشپىزۇلغا چىرايىدا قان يوق-سۆل يوق يۈگەرگەن پېتى ھاسىراپ –ھۆمىدەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ چاغدا تاماقلار تارتىلىپ بولغان بولۇپ، ھەممىمىز چوكىنى تۇتقىنىمىزچە ئۇنىڭ شۇنچە تېز يېتىپ كەلگىنىگە ھاڭ-تاڭ قېلىشتۇق.
-ھا! ھا! ھا!- قاتتىق كۈلكە كۈتىرىلدى، ئايالىممۇ ھەيران قالغان بولسا كېرەك، قادىرنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تاماققا تەكلىپ قىلغانلىقىنىمۇ ئىلىك ئالماي ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى، مەنمۇ قولۇمدىكى چوكىنى قويۇپ ئايالىمنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم...
X               X               X
سىلەرمۇ كۆرىۋاتقانسىلەر، زامان تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلىپ، كونوپكىلىق يانفون ئورنىنى «ئەقلىيفون» ئىگەللەپ ئىشلار تېخىمۇ ئاسانلاشتى. بۇ خىل مودا ئېقىم ياشلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ «مودا» قوغلىشىدىغان ئاياللار ئارىسىدا تېخىمۇ تېز ئومۇمىلىشىپ، كونوپكىلىق يانفونلاردا «سىز قەيەردا؟» دەپ «يوقلىما» قىلغاندا «مەن ئىشخانىدا»، «سىرىتتا ئىش بېجىرىۋاتىمەن» دەپ يالغان سۆزلەپ «يوقلىما» دىن ئوڭايلا ئۆتىۋالغان بىلەن، ئەقليفوندا نەخ مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ «ئۇچۇر» قىلىپ يوللاپ بەرمىسە «چاتاق» بارلىقى ئاشكارىلىنىپ قېلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىدارە-ئورگان باشلىقلىرى، ئائىلە باشلىقلىرى، «قىچىقى بار» ئەرلىرىنى ھەر ۋاقىت «يوقلىما» قىلىپ تۇرىدىغان ئاياللار ئۈچۈن بىر «ئەڭگۈشتەر» گە ئايلىنىپ، ئىدارە-ئورگان مەسئۇللىرى خالىغان چاغدا قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش، «بەڭباش» پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتىن قايتىپلا تورخانىلارغا كىرىۋېلىش، «قىچىقى بار» ئەرلەرنىڭ «ئۈچىنچى شەخىس» بىلەن «خۇپيانە جاي» لاردا «تېپىۋېلىش» قاتارلىق «يوچۇق» لار ئېتىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستى، ئائىلە ئىناقلىقى ئاشتى. خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى بىلەن لايىق ئىزدەشكە ۋاقىت چىقرالماي «قېرى بويتاق» ئاتالغان قىز-يىگىتلەر ھەرخىل «توپ» لار ئارقىلىق، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپمۇ، يولدا كېتىۋېتىپمۇ، ئۆزلىرىگە «جورا» تېپىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ «يۈكى» نى يەڭگىللەتتى...
يېقىندا مەلۇم بىر گېزىتكە «ئۈندىدارغا كۆز تەگمىسۇن» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە بېسىلىپ، ئەقلىيفوننىڭ يوقارقى ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە ناھايىتى كۆپ ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭدا «قاتار چاي توپى»، «توغقانلار توپى»، «ساۋاقداشلار توپى»، «قۇرداشلار توپى»... دىن باشقا «پاراڭ چېيى» دىن ئىبارەت «ئىلىمىي، يوقىرى سەۋىيىلىك» بىر چاينىڭ دۇنياغا «تەۋەللۇت» قىلغانلىقىنى، بۇ «چاي» نىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ، «پاراڭ چېيىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ھازىرقى جىددى خىزمەت، تېز تۇرمۇش رىتىمىدا كشىلەرگە گەپ قىلىش پۇرسىتى كەمدىن كەم بولىدۇ؛ ئائىلىدە ئەر-خوتۇن، بالا-چاقا ئۇندىدار ئويناپ ئالدىراش بولغاچقا، گەپ قىلىشقا چولى يوق، دېگەندەك، شۇڭلاشقا بۇ چاي كىشلەرنى پاراڭلىشش سورونى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ دىۋەڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...».
يوقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ، ئەقلىيفوننىڭ ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنلىگىنى، ئۆزۈمنىڭ تېرىقنىڭ پىننىسىچىلىق ھوقۇقىغا تايىنىپ، ئىدارىدىكى خىزمەتچىلەرگە گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىگىمنى، ئائىلىدىمۇ ئۆزۈممۇ «ئۈندىدار» بىلەن بولۇپ كېتىپ، خوتۇن، بالا-چاقىلار بىلەن سىردىشالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىنتايىن خىجىل بولدۇم، ماقالىنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم، ماقالىنىڭ ئاخىرقى ئابزاسىدا «كۆڭۈللەر كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچتى، كۈن بويى ئۆي ئىشى بىلەن بەنت بولۇشنىلا بىلىدىغان رومانتىكىلىقىنى يوقاتقان، ئۆي ئىشىدىن باش كۆتۈرسە ئۈندىداردىن بىرى كەلمەيدىغان خوتۇنلاردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان بايقۇشلارنىڭ كۆڭلى ئۈندىدار ئارقىلىق سۇ ئىچتى، ئۇلار چەمبىرەكنى ئايلىنىپ، قىز-چوكانلارنىڭ گۈزەل سۈرەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ھېس-ھاياجان، نالە، پەرياد، خۇشاللىق-خاپىلىقلىرىغا ئورتاقلاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆڭلىنى سۇ ئىچكۈزگەچ، شۇ ئاياللارنىڭمۇ كۆڭۈل يارىلىرىغا مەلھەم بولدى، تۇرمۇشى تۇزى يوق شورپىغىلا ئوخشاپ قالغان ئاياللار ئۆزىگە بېخىللىق قىلماي ئەۋەتىلگەن قىپقىزىل يۈرەكلەرگە قاراپلا چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى» دەپ كېلىپ، ئاخىرىدا «ئۈندىدار تۇرمۇشىمىزغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى ئاتا قىلدى، ئۈندىدارغا كۆز تەگمىسۇن!» دەپ خۇلاسىلانغانىدى.
مەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئىنچىكلىك بىلەن كۆزەتتىم، ھازىرقى ئەقليفون بىزگە ئوخشاش يېشى قىرىقلاردىن ئاشقان «ئوتتۇرا ياش» لارنىڭ تۇرمۇشىغا ئاشۇنداق «يېڭىلىق» لارنى ئېلىپ كېلىپ، «تۇققۇزنى تەل»، «يىراقنى يېقىن»، «قىيىننى ئوڭاي»، «مۈشكۈلنى ئاسان» قىلغان يەردە، ماقالىدە ئېيتىلغاندەك «كۈنبويى ئۆي ئىشى بىلەن بەنت بولۇشنىلا بىلىدىغان، رومانتىكىلىقنى يوقاتقان» ئاياللارغا «رومانتىك» لىق ئاتا قىلمىسا بولامدۇ؟ ئىشەنمىسىڭىز خىزمەتكە كېتىۋېتىپ، خىزمەتتىن چۈشىۋېتىپ، كوچىلاردا سودا –ساراي، ماگزىنلارنى ئايلىنىۋېتىپ، ئاپتۇبوسقا ئولتۇرۇپ قاراپ بېقىڭ، 40 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قولىدا يانفون، قولىقىدا تىڭشىغۇچ، ئۇلار خۇددى نىرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمدەك تېلىقىپ كۈلۈپ كېتىدۇ، كوچىدا پىيادە كېتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن زېھنى «ئويۇن» دا بولغاچقا بىراۋلارغا سوقۇلۇپ كەتسىمۇ، سوقىۋەتسىمۇ، ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراش ئوياقتا تۇرسۇن، خۇددى قارشى تەرەپ ئۇنى سوقىۋەتكەندەك ئالىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ...
مەن كوچىدا كېتىۋاتىمەن، ئەتراپىمغا سەپسالدىم؛ پىيادە كېتىۋاتقان، كېلىۋاتقانلار ئىچىدە يېشى 40 ياشلاردىن تۆۋەنلەرنىڭ قولىدا يانفۇن، قولىقىدا تىڭشىغۇچ، موتسىكىلىت بىلەن كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ ئوخشاش، ئەقلىم ھەيران، كىشىلەر يانفۇندىن زادى ئايرىلالمامدىغاندۇ؟ پىيادە كېتىۋاتقانلارغۇ سۆزلىشىپ ماڭسۇن، بىراق موتسىكىلىت مىنىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقانلىقى...
-ئاپلا، چاتاق بولدى!
-قاراڭلار، موتسىكىلىت بىلەن كېتىۋېتىپمۇ يانفون بىلەن سۆزلىشىپ ماڭغان بارمۇ؟
-...
كىشلەرنىڭ غولغۇسى دىققىتىمنى تارتتى، تۆت كوچا ئوتتۇرىسىدا بىر مۇتسىكىلىت پارا-پارە بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئادەم خېلى يىراقتا ياتاتتى، كىشلەر ئولاشتى، بىرەيلەن يانفونى بىلەن «120» غا، بىرەيلەن قاتناش ساقچى ئەترىدىگە خەۋەر قىلدى، ھايال يوق بىر قۇتقۇزۇش ماشنىسى يېتىپ كەلدى، ئارقىدىنلا بىر قانچە قاتناش ساقچىسى ھازىر بولۇپ، سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى...
ئۇ سۇقۇلغان بالا 17-18 ياشلاردىكى بىر ئوغول بالا بولۇپ، بىرەيلەن دېدى؛
-بۇ سا جۈجاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى ئەركىنجانغۇ!- ئۇ ئادەم شۇنداق دېگىنىچە ئۇنى يۆلىدى، ئەمما ئۇنىڭ قەيەرىدىندۇر ئاققان قان يۆلىگەن ئادەمنىڭ ئېتەك-چۆرىسىنى بويىۋەتكەنىدى.
-بولۇڭلار، تېز دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار!-سۈرەتكە تارتىۋاتقان قاتناش ساقچىسى ئەتراپتىكىلەرگە بۇيرۇق قىلدى، يەنە بىر قاتناش ساقچىسى پارە-پارە بولۇپ چېچىلىپ ياتقان يانفون پارچىلىرىنى تىرىپ بىر خالتىغا سالدى.
-ھەي، قان بېشىدىن چىقىۋاتىدۇ.
-تېلېفون بىلەن بولۇپ كېتىپ قىزىل چىراغقا قارىمغان گەپ...
-تېخى تۈنۈگۈن مۇسا لوبەن ① نىڭ بالىسى يانفون بىلەن سۆزلىشىپ مېڭىپ مۇشۇ يەردە ماشىنا سوقۇپ قازا قىلغان ئىدى.
-..
-...
كىشىلەر غولغۇلا قىلماقتا، قارىسام ئاشۇ غولغۇلا قىلىشىۋاتقانلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنىڭ قولىدا يانفون، قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ....
تۆۋە، ئەتىگەن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق، ئاسماندا بىر پارچە بۇلۇتمۇ يوق ئىدى، بىراق بايامقى قاتناش ھادىسىگە ئۇچرىغان سا جۈجاڭنىڭ ئوغلىغا ماتەم تۇتتىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قارا بولۇتلار پەيدا بولۇپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، مەن يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ئاپتۇبوس بېكىتىگە قاراپ ماڭدىم، ئاپتوبوس بېكىتىدە ئادەم كۆپ ئىدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا 8-يول ئاپتوبوسى كەلدى، ئۆزۈممۇ بىلمەيلا كىشلەر توپىغا قىستىلىپ ئاپتوبوسقا چىقتىم، ئاپتوبۇستا بوش ئورۇن يوق بولۇپ، ئۆرە تۇرۇشمۇ ناھايىتى تەس ئىدى، ئاپتوبوسنىڭ تورمۇز قىلىشى بىلەن كىشىلەر ئالدىغا سۈرىلەتتى، قۇچىقىدا بالىسى بىر ئايال قېشىمدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، بالىسى كىچىك بولغاچقا، ھەر قېتىملىق تورمۇز قىلغاندا سەنتۈرىلىپ باشقىلارغا يۆلىنىپ قالاتتى، ئاپتۇبۇس كارنىيىدىن: «قېرى، مېيىپ، ئاجىز، قۇچىقىدا بالىسى بارلارغا ئاڭلىق ھالدا ئورۇن بېرەيلى!...» دېگەن ئاۋاز قايتا-قايتا ئاڭلاندى، ئاپتوبوس ئىچىگە قارىسام بىر قانچە ياشانغانلارمۇ بار ئىكەن، ئۇرۇن بېرەي، دەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى، قارىسام ئورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك قولىدا يانفون، قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ...
-قىزىم بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرىۋېلىڭ!- دېدى ئىككىنچى رەتنىڭ دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرغان بىر بوۋاي ئاپتوبوسنىڭ كوچا تەرىپىدە يانفون ئويناپ ئولتۇرغان بىر ياش يىگىتنى نوقۇپ،- مەن ئۆتىۋالاي، ئاۋۇ ئايال ئولتۇرىۋالسۇن!
ئۇ يىگىتنىڭ تازا ئاچچىغى كەلدى بولغاي، بوۋايغا تازا بىرنى ھومويۇپ قارىۋەتكەندىن كېيىن خىيالغا كەلمىگەندەك دېرىزە تەرەپكە سۈرۈلدى، ئايال ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ ئۇرۇن بەرگەنلىگىدىن خىجىل بولدىمۇ، تۈزۈت قىلدى؛
-بوۋا، ئولتۇرىۋەرسىلە، مەن كېلەي دەپ قالدىم...
-ھازىرقى ياشلارنىزە،-بىرەيلەننىڭ سۆزى ئايالنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-ھەي ئۇكا، قارىڭا ئەپتىڭىزگە!- دېدى ئاپتوبوستىكى بىرەيلەن چىداپ بولالماي،- ئاشۇ بوۋاي جېنىدا ئورۇن بىكارلاپ بېرىۋاتسا، بىخارامان ئويۇن ئويناپ ئولتۇرسىزغۇ؟
-...
-...
ئاپتوبوستا غولغۇلا كۆتىرىلدى، ئەمما ھېلىقى ياشنىڭ خىيالىغا كەلمەي يەنىلا پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى.
-ھەي ئۇكا!- دېدىم مەن چىداپ بولالماي ئۇنىڭ گەجگىسىگە نوقۇپ،- قارىڭا، ماۋۇ ئايالغا بىر بوۋاي ئۇرۇن بىكارلاپ بېرىۋاتسا، ياپ ياش تۇرۇپ نومۇس قىلماي بىخارامان ئولتۇرغىنىڭىز نېمىسى؟
-ھە، نېمە؟- دېدى ئۇ ياش تازا بىرنى ئالىيىپ قارىغاندىن كېيىن قۇلىقىدىكى تىڭشىغۇچنى ئېلىۋېتىپ ماڭا چەكچيىپ.
-ھا! ھا! ھا!- ئاپتوبوستا كۈلكە كۆتىرىلدى.
-دوستلۇق دوختورخانىسى شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى، ئالدىمىزدىكى بېكەت ساغلاملىق يولى بېكىتى...
-ئاپلا، مەن چۈشىدىغان جايدىن ئىككى بېكەت ئۆتۈپ كېتىپتىمەن!- ھېلىقى ياش بالا تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا قايتىدىن سالغىنىچە، ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
-ھا! ھا! ھا!-ئاپتۇبوستا يەنە كۈلكە كۆتىرىلدى.
-...
-...
ئاپتۇبوستا كىشلەر غولغۇلا قىلماقتا، ئەمما غولغۇلىنى ھېلىقى ياش ئەسلا ئاڭلىمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ بار ئەمەسمۇ؟
X               X               X
مەن ئاپتوبوستىن چۈشۈپ قالدىم، يامغۇر تېخىچە ياغماقتا، ھازىرغىچە توختايدىغاندەك ئەمەس، يامغۇرلۇق ئېلىۋالمىغان ئىكەنمەن، ئاپتوبوس بېكىتىگە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ پىشايۋىنى ئاستىدا بىر قانچەيلەن يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ باردىم. ئۇ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆت كوچا ئاغزىدا سەدىقە تىلەيدىغان بىر ئايال ساھىل بار ئىدى، ئۇمۇ يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن پىشايۋان ئاستىغا كۆچۈپتۇ، مەن بېرىپ بولغىچە «سەدىقە بالانى يە، تۆۋە گۇناھنى!» دەپ قولىنى ئۇزاتتى، مەن يېنىمدىن بىر يۈەن چىقىرىپ تەڭلەۋاتسام ساھىلنىڭ يانفونى جىرىڭلدى، مېنىڭ پۇل تەڭلىگەن قولۇم مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇراتتى.
-ھەي، نېمە دەۋاتىسەن!- دېدى ئايال ساھىل بىر قولىدا يانفونىنى قولىقىغا تۇتۇپ، بىكار قولى بىلەن ئالدىدا قويىۋالغان قەغەز كۇرۇپكىنى ئىشارەت قىلىپ،- ھەي بەغەرەز، يامغۇر ياغدى دەپ ھازىرلا قايىتماقچىمۇ؟- ئۇ يانفونىنى يەنە بىر قولىغا ئالغاندىن كېيىن خۇددى قارشى تەرەپتىكى تېلېفون ئۇرغان ئادەم كۆرىدىغاندەك ئىما-ئىشارەت قىلىپ قارشى تەرەپنى سوتلاپ كەتتى،- ئەگەر ۋەزىپەڭنى ئۇرۇنلىمىساڭ، ئىككى كۈنگىچە تاماق بەرمەيمەن، دەرھال «ئىستىقبال» تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا بار،- ئۇ يانفونىنى يەنە سول قولىغا ئالماشتۇردى،- ئەگەر ۋەزىپەڭنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىساڭ، ئاشۇرغان قىسمىنىڭ يېرىمىنى مۇكاپات قىلىپ بېرىمەن...،- نېمە، نېمە؟ ھۇ، ھارام تاماق، «ئىستىقبال» تاللا بازىرىنى بىلمەيمەن، دېدىڭما؟ مەن ساڭا ئايفوننى بىكارغا ئېلىپ بەرمىدىم، ئۇرۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنى ئاچساڭ تاپالايسەن، ئىككى ئاخشام ئۇيقامنى قويۇپ ئايفوننىڭ ئىقتىدارىنى بىكار ئۈگىتىپتىمەن-دە!-ئۇ بىر ئىشنى ئويلىغاندەك قوشۇمىسىنى تۈرگەندىن كېيىن يانفوننىڭ بىر يەرلىرىنى بېسىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ھەممىڭلار دىققەت، بەزىلەر يامغۇرنى باھانە قىلىپ پۇرسەت ئىزدىمەكچى بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭ يول قويۇلمايدۇ، كەچ سائەت 7 دىن بۇرۇن ھېچكىمنىڭ ئورنىدىن مىدىرلىشىغا روخسەت يوق، ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغانلارنىڭ ئاشۇرغان قىسمىنىڭ يېرىمىنى مۇكاپات قىلىپ بىرىلىدۇ...
ئايال ساھىل تېلېفوننى بېسىۋېتىپ، تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا سالدى ۋە بىر يەرلىرىنى باسقاندىن كېيىن دائىم تەكرارلايدىغان سۆزىنى تەكرارلىدى،- سەدىقە بالانى يە، تۆۋەن گۇناھى يە، دەپتىكەن يامان كۆرگەن چۈشۈڭلەرنىڭ، ئوقۇيالمىغان نامىزىڭلار، بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ بەدىلىگە ئاجىزەنى يوقلاپ قويغايسىلەر...
يامغۇردىن پاناھلىنىپ تۇرغانلار بىلەن گەرچە تونۇشمىساقمۇ، ئايال ساھىلنىڭ يانفونىدىكى «خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى» نى كۆرۈپ، بېشىمىزنى مەنىلىك لىڭشىتتۇق.
مەن ساھىلنىڭ يانفونىغا سەپسالدىم، چوڭ ئىكرانلىق «سەنشىڭ» ئىكەن، ساھىل نېمە ئاڭلاۋاتىدىكىن ئۇنىڭ چىرايدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلكە جىلۋە قىلدى، شۇ دەقىقىدە يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقانلاردىن 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئەر ئاخشام يامان چۈش كۆرگەنمۇ ياكى ئېغىر «گۇنا» ھى بارمۇ، بەش يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى قەغەز كوروپكىغا تاشلىدى.
مەن ياقامنى تۇتقىنىچە يامغۇرمۇ قارىماي، تاللا بازىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ساماۋەرخانىغا قاراپ كېتىۋېتىپ ئويلاپ قالدىم؛ «ئۈندىدارغا كۆز تەگمىسۇن» دېگەن ماقالە ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ئۇ ماقالىدا «ئۈندىدار» نىڭ ئارتۇقچىلىقى بەش جەھەتتىن شەرھلەنگەن بولۇپ، راستىنلا تۇرمۇشىمىزغا قۇلايلىق، تۈرلىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بوپتۇ. ئەگەر ئاشۇ ئۈندىدار بولمىغان بولسا ئاشۇ ساھىل يامغۇردا «توپى» دىكى ھەربىر ئادەملەرنىڭ قېشىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ «ئورۇنلاشتۇرۇش» قا قانچىلىك ۋاقتى كېتەر ؟! مانا قاراڭ، بىر مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جايىدا ئولتۇرۇپلا سۇ كىرمىگىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تىجارىتى» گە، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىشىغا قىلچە تەسىر يەتمىدى...
ئۇ ساماۋەرخانا قەدىمى تۈسىنى يوقاتمىغان ساماۋەرخان بولۇپ، مەنمۇ ئۇ يەرنىڭ دائىملىق «چايخورى» ئىدىم، ئۇ ساماۋەرخانىغا كىشلەر «چاڭۋىلار ئىشخانىسى» دېگەن نامنى قويىۋېلىشتى. بۇنداق ئىسىم قويىۋېلىشتىكى سەۋەب، ناھىيەدە ئېچىلغان ئادەم يۆتكەش، كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرگە چارە كۆرۈش...قاتارلىق «دائىم ھەيئەتلەر يىغىنى» دا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىشلار بىر كۈن ئۆتمەيلا شۇ ساماۋەرخانىدىن تارقاپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن رەسم «ھۆججەت» تارقىتىلىپ، باشقىلار خەۋەر تاپاتتى، شۇڭا كىشلەر ئۇ ساماۋەرخانىغا ئاشۇنداق ئىسىم قويىۋالغانىدى، ئۇ چاغلاردا تېخى يانفون يوق، ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويمىغان چاغلار بولۇپ، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى شۇنداق تېز ئىدى...
ساماۋەرخانا «چايخور» لار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مەن ناھايىتى تەستە بىر بوش ئورۇن تېپىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن بىر چەينەك چاي بۇيرۇتتۇم.
-بۈگۈن ئىككى جايدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ،- دېدى قارشى تەرەپتىكى شىرەدە ئولتۇرغان مەسۇم سەنكاۋ② قولىدا تۇتىۋالغان يانفونىنى «تارەققىدە» چاي شىرەسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،-سا جۈجاڭنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى دوختورخانىغا ئەكىرگىچە تۈگەپ بولاپتىكەن، ئەمما مەخمۇت زەنجاڭنىڭ ئوغلىنى جىددى قۇتقۇزىلىۋېتىپتۇ...
-ئۇلار نېمە بولۇپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ،- «مەسۇم سەنكاۋ»  بىلەن روبىرو ئولتۇرغان شاپ بۇرۇت بىرەيلەن سورىدى.
-ھەي، يەنە شۇ يانفون ئويناپ مېڭىپ بولمامدۇ؟- دېدى «مەسۇم سەنكاۋ».
-...
-...
ساماۋەرخانىدىكى ھەممە ئادەم يانفون توغرىسىدا قايناۋاتتى، لېكىن ھەممەيلەننىڭ قولىدا يانفون تۇراتتى.
-مانا، بىزنىڭكىدەك كونۇپكىلىق يانفون تۇتقانلاردىن مەسىلە چىقمايۋاتىدۇ،- دېدى يەنە بىر شاپاق دوپپىلىق بىرەيلەن،- يانفون دېگەن سۆزلىششكە چىقارغان نەرسە بولغاندىن كېيىن سۆزلەشسىلا بولمىدىمۇ، لېكىنزە، مۇشۇ ياش بالىلار...
-ھەي، كۇنۇپكىلىق يانفوندىن چىققان چاتاق تېخىمۇ يامان،- دېدى بېشىغا چىمەن تاشكەن دوپپا كەيگەن، ساقال-بۇرۇتىنى پاكىز قىردۇرۇپ خۇددى بىرەر تويغا جابدۇنغاندەك راۋىرۇس كېيىنگەن بىرەيلەن،- مەن كونۇپكىلىق يانفوننىڭ قىزىقارلىق بىر ھىكايسىنى سۆزلەپ بېرەي،- ئۇ كىشىلەرگە تەكشى قارىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى يانفوننى كۆرىستىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بۇ تېخى ئەتىگەن مەسچىتتە يۈز بەرگەن ئىش...،- ئۇ كىشىلەرنى تەقەززا قىلىش ئۈچۈنمۇ، ئالدىدىكى پىيالىغا قويۇلغان چاينى ئالدىرىماي ئىككى ئوتلىۋالغاندىن كېيىن ھەممەيلەنگە بىردىن قاراپ چىقىپ ساماۋەرخانىدكىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچقىنىچە ئۇنىڭ تىكىلگەنلىگىنى كۆرۈپ سۆزىنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇردى،- بۈگۈن ئەتىگەنلىك بومداتنىڭ پەرزىگە تۇرغان ئىدۇق، ئەمدى رۇكۇغا باش قويىشىمىزغا بىرەيلەننىڭ يانفۇنى قاتتىق سايراپ دەسلىۋىدە «شادىيانە» مۇزىكىسى ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا
سىنى دەيمۇ، سېنى دەيمۇ،
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ؟
سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم،
مورادىمغا يېتەرمەنمۇ؟
دېگەن ناخشا ئاڭلاندى، تەرەپ-تەرەپتىن پىخىلىدىغان كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن يانفون ئاۋازىنىڭ ئۇنداق كۈچلۈكلىكىنى ئۇقماپتىكەنمەن، رۇكۇدىن بېشىمىزنى كۆتۈردۇق، ئاۋاز ئىمامنىڭ ئارقىسىدىلا ئولتۇرغان ئەمەت مەزىننىڭ يانفونىدىن چىقىۋاتقانىكەن، ئەمەت مەزىن خۇدۇڭشىغىنىچە قوينىغا قولىنى سالدى، بەلكىم ئۇ كونۇپكىنى بېسىۋەتمەكچى بولغان بولسا كېرەك، بالانىڭ تېخىمۇ چوڭى تېرىلدى...
-نېمە-نېمە؟- بىرەيلەن لوقما سالدى،- يەنە قانداق بالا تېرىلدى؟ ناماز بۇزۇلغاندۇ-ھەقىچان؟
-ئالدىرىماي تۇرمامسىلەر؟- دېدى ھېلىقى ئادەم كىشلەرنى تېخىمۇ تەقەززا قىلىپ،- نامازغۇ ناخشا بىلەن تەڭلا بۇزۇلغان،-ئۇ ئادەم پىيالىسىدىكى سۇۋۇپ قالغان چاينى قۇۋزىنى توشقۇزۇپ بىر ئوتلىۋالغاندىن كېيىن ئەزمىلىك بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئەمەت مەزىنگە تىكىلگەنىدى، مەنمۇ ئەمەت مەزىننىڭ ئارقىسىدىلا ئولتۇرغان ئىكەنمەن، قانداق بولدى، دىمەمسىلەر؟ يانفوندىن بىر ئايالنىڭ چورىدە جاۋۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى؛ ھەي قېرى! مېنىڭ كالتە ئىشتىنىمنى كېيىپ چىقىپ كېتىپسەن، ھۇ كالۋا، كالتە ئىشتاننىڭ يانچۇقىدا پۇل بار ئىدى، ئەگەر پۇل يوقاپ كەتسە...،- ئەمەت مەزىن يانفونىنى قويۇن يانچۇقىدىن ئېلىپ يانفونغا «تۈفى»  دەپ بىرنى تۈكۈرگەندىن كېيىن «بەغەرەز» دەپلا كونۇپكىنى بېسىۋەتتى، بەزىلەر پىخىلداپ كۈلسە، بەزىلەر ياقىللىرىنى تۇتۇپ تۆۋە ئىستىغپار ئېيتىۋاتاتتى...
-ھا! ھا! ھا! –ساماۋەرخانىدا كۈلكە كۆتىرىلدى.
-كۈلمەڭلار!- دېدى چەتتە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىۋاتقان بىرەيلەن،- بۇ كۈلىدىغان ئىش ئەمەس، «تۆۋە» دىمىسەك، گۇاناھقا شىرىك بولۇپ قالىمىز...
-نامازنى مەزىن بۇزسا بىز نېمىشقا گۇناھقا شىرىك بولغىدەكمىز؟ - ئۇ ئادەمنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان بىرەيلەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
-بولدى، بولدى، تالاشماڭلار!- دېدى «ھىكايە» نى سۆزلەۋاتقان ھېلىقى ئادەم قولىنى شىلتاپ،- «ھىكايە» نىڭ قىزىقى تېخى ئارقىدا...
-نېمە، نېمە؟- دېدى باياتىندىن بىرى گەپكە «لوقما» سالماي ئاڭلاپ ئولتۇرغان «مەسۇم سەنكاۋ» ئورنىدىن مىدىراپ قويۇپ،- بۇلارنى سەن توقىۋاتمىغانسەن؟
- «توقۇش» دېگەن سۆز سىزدىن ئايلانسۇن- مەسۇمكا!- دېدى «ھىكايە» نى سۆزلەۋاتقان ئادەم بىر ئاز تىرىككەندەك،- سىزنى كىشلەر نىمىشقا «مەسۇم سەنكاۋ» دەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغانسىز؟ بۇ لەقەمنىڭ سىزگە سىڭىپ قېلىشى بىر گەپنى ئاڭلىسىڭىز، گەپكە پۇت-قول چىقىرىپ، قىلنى پىل قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈندۇر، شۇڭا كىشلەر سىز دېگەن گەپتىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئىشنىشكە بولمايدۇ، دېگەن تەرۈزدە بۇ «لەقەم» نى قويىۋالغان، بۇمۇ خۇددى «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەر ماقالىلارنىڭ كۆپى پەرەز بىلەن يېزىلغان ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، دېگەندەك...
-ھا! ھا! ھا! – ساماۋەرخانىدىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكە ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-گەپنى تولا ئاۋۇتماي ئاخىرىنى ئاڭلايلى!- دېدى بېشى موكىدەك كىچىك، ئەمما بوينى بۇقىنىڭ بوينىدەك تۈرۈلۈپ قاتلىشىپ كەتكەن، قورسىقى ئاي كۈنى يېقىنلاپ كەتكەن ئايالنىڭ قورسىقىدەك تومپىيىپ چىققان بىرەيلەن شاپ بۇرىتىنى سىلاپ قويوپ.
ھەممەيلەن دىققىتىنى «ھىكايە» سۆزلەۋاتقان ئادەمگە ئاغدۇرۇپ مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا تېكىلدى.
-ھە، ئۇنداق بولسا «لوقما» سالماي ئاڭلاڭلار،- ئۇ كىشىلەرنى قەستەن تەقەززا قىلىش ئۈچۈن پىيالىدىكى چاينى ئالدىرىماي ئوتلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە چىكەتكىدەك تىكىلگەنلىكىنى كۆرۈپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- ئەسلىدە ئەمەت مەزىن يانفونى سىگىنال بېرىشى بىلەن تەڭلا تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرىمەن دەپ ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرىش كونوپكىسىنى بېسىپ سالغان گەپ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋاز خۇددى رادىئو كارنىيىدەك ئاڭلىنىپ نامازنى بۇزدى. ئىمام «گۇناھ، ئېغىر گۇناھ» دەپ قويۇپ، پەرزنى قايتىدىن ئوقۇدى، بامدات نامىزى ئاخىرلاشتى، ئىمام قىرائەتنى قىسقىلا قىلىپ بولغاندىن كېيىن دۇئانى تۈگىتىپ كايىشقا باشلىدى؛
-بۈگۈن ئەمىتاخۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئېغىر گۇناھ قىلدى، بىز ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم جامائەتلەرگە «يانفوننى ئالماي كىرىڭلار، يېرىم سائەت يانفوندىن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ ھېچگەپ بولمايدۇ» دېگەنىدۇق، ئەمما...
توختى ئىمامنىڭ قوينىدىن چىققان يانفون ئاۋازى ھەممەيلەننى قاتتىق ھەيراق قالدۇردى، توختى ئىمامنى چۈچىتىۋەتتى، توختى ئىمامنىڭ يانفونىنىڭ ئاۋازىمۇ بەكلا كۈچلۈك بولۇپ، توختى ئىماممۇ خۇددى ئەمەت مەزىنگە ئوخشاش قويۇن يانچۇقىغا قولىنى سېلىپلا ئاۋاز كونۇپكىسىنى بېسىپ سالدى بولغاي ئاۋال «تەنتەنە» مۇزىكىسى ئاندىن «تۆت پەدە» ناخشىسى ئاڭلاندى، ئىمام دەرھال يەنە بىر كونۇپكىنى بېسىپ سالدى بولغاي، بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى!
-ئىماخۇنۇم، مۇزاينى چىڭراق باغلىمىغان ئىكەنلا، بوشناپ كېتىپ ئانىسىنى ئېمىۋاپتۇ...
ئىمام ئاچچىغىدا قويندىن يانفوننى ئېلىپ، ئاۋاز كونۇپكىسىنى زەردە بىلەن باستى، شۇنىڭ بىلەن قوشناچىمنىڭ سۆزى ئۈزۈلۈپ قالدى.
-ھا! ھا! ھا! –ساماۋەرخانىنى يەنە كۈلكە قاپلىدى، ساماۋەرخانىدىكىلەر ھەر خىل تەبىرلەرنى بېرىشىۋاتاتتى، بىرىنىڭ گېپىنى بىرى پۇتلايتتى، مېنىڭ يانفونۇم جىرىڭشىدى، قارىسام ئايالىمنىڭ نومۇرى، مەن تېلېفوننى بېسىۋەتتىم، ئارقىدىنلا يەنە جىرىڭشىدى، ئۇ مېنى «يوقلىما» قىلغان ئىدى، مەن يانفوننى قولۇقىمغا تۇتقىنىچە، ساماۋەرخانىدىن سىرتقا چىقتىم.
-ھە، نېمە گەپ؟- مەن ئايالىمغا ۋارقىرىدىم.
-مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دەپ بەك ۋارقىرايلىغۇ؟ سىلە ھازىر نەدە؟- ئايالىمنىڭ ئەلپازى ياماندەك قىلاتتى.
-مەن ساماۋەرخانىدا!- دەپلا يانفوننى بېسىۋەتتىم. يانفونۇم يەنە جىرىڭلىدى، قارىسام يەنىلا شۇ نومۇر، قائىدە بويىچە تۇرغان ئورنۇمنى سۈرەتكە تارتىپ ئايالىمغا «نەخ مەيدان خەۋىرى» بەرمىسەم، «بالا» نىڭ چوڭى تېرىلاتتى، شۇڭا ئارقىسىغا يېنىپ ساماۋەرخانىغا كىرىپ «نەخ مەيدان» نى سۈرەتكە تارتىپ، ئايالىمغا يوللاپ بەردىم...
X               X               X
ۋاقتىدا ئۆيگە بارمىسام بولمايتتى. ئەمما يامغۇر توختايدىغاندەك ئەمەس، تېخى كەچ بولماي تۇرۇپلا جاھان قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، بوران يامغۇر تامچىلىرىنى ئۇچۇرۇپ، كوچىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىغا ئۇراتتى، شەرق تەرەپتىن چېقىلغان قىزىل چاقماق، بولۇتنىڭ بىر پارچىسىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك بىر مۇنچە يەرنى قان رەڭگىگە كىرگۈزدى. يەردىن نۇرغۇن ئوقيا ئوقلىرى ئېتىلغاندەك، ئۆگزىلەردىن سان ساناقسىز شاقىراتمىلار چۈشۈۋاتقاندەك بولۇپ كەتتى، كوچىدا ئادەم ئاز بولۇپ، مەندەك «يوقلىما» غا ئالدىرىغانلار بولسا كېرەك بىر قانچە ئادەملا يامغۇرلۇقلىرىنى تۇتۇشقىنىچە ئاپتوبوس بېكەتلىرىگە چاپاتتى، مەندە يامغۇرلۇقمۇ يوق، دوپپامنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بىر سۇلياۋ خالتىنى كېيىۋالغانىدىم، بىراق ئۇ ھېچنەرسىگە دال بولماي، ھەممە يېرىم خۇددى سۇغا پىشىلغان توخىدەك بولۇپ كەتتى، مەن سامارخانىدىن چىققىلى بىر قانچە مىنوت بولغان بولسىمۇ ئاشۇ بىر نەچچە مىنوت ئىچىدىلا ئاسمان بىلەن يەرنى پەرق ئەتكىلى بولماي قالدى. مەن دىققەت بىلەن قارىدىم؛ ماڭا ئاسماندىكى دەريا تۆۋەنگە ئېقىۋاتقاندەك، يەردىكى دەريا توغرىسىغا ئېقىۋاتقان، ئېقىۋاتقان دەريا ئۈستىدە ئاقۋالداق ئېتىلىۋاتقاندەك، گۇگۇم ۋاقتىغا ئوخشاپ قالدى، خۇددى دۇنيانى سۇ بېسىپ كېتىۋاتقاندەك ھەممە يەر ئاپئاق كۆرىنەتتى...
مەن تولىمۇ تەستە ئاپتوبوس بېكىتىگە بارالىدىم، ئەمما بېكەتتە ئادەم كۆپ بولۇپ، بېكەتنىڭ يامغۇردىن، ئاپتاپتىن ساقلىنىش لەمپىسى ئاستىدا پاناھلانغىدەك ئورۇن يوق، قۇچقىدا بالىسى بار ئىككى ئايال بىلەن بىر قانچە مويسىپىتمۇ «ياغە، قانچىلىك ياغىسەن» دېگەندەك، يامغۇردا «يۇيۇنىۋاتاتتى». ئەمما ھېلىقى ئايالنىڭ قۇچىغىدىكى بالا قىرقىراپ يىغلاۋاتاتتى، مەن ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ، ئاپتوبوس بېكەت لەمپىسى ئاستىدىكى 7-8 كىشلىك ئۇرۇندۇققا قارىدىم. ئورۇندۇقتا بىر قانچە جۇپ ئوغول-قىز ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى فورمىغا قارىغاندا بۇ شەھەردىكى بىرەر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ، قولىدا يانفون ئويناپ ئولتۇرغاچقا، ئەتراپتىدىكىلەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى، بالىلارنىڭ يىغىسى ئاڭلىمىغانىدى.
-ھەي، مۇشۇ يولنىڭ ئاپتوبوسى-دە!- دېدى ئاسماندىن چىلەك بىلەن قۇيغاندەك چۈشۈپ، پۈتۈن كېيىم-كېچىگى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بېرەيلەن غۇدراپ، -بىز ساقلىغىلى يېرىم سائەت بولدى،- ئۇ مويسىپىت بېشى بىلەن ئۇرۇندۇقتا بىخارامان ئولتۇرۇپ «تور» غا چىقىۋاتقان ياشلارنى ئىشارەت قىلىپ،- بۇ كەمنىڭ باللىرىنىچە، يانفون بولسىلا بولدى...
-ھە، كەلدى، ئاپتوبوس كەلدى!-بىرەيلەننىڭ بۇ گېپى ھېلىقى مويسىپىتنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويۇپ، ئاپتوبوس ساقلاپ تۇرغانلارنى پاتىپاراق قىلىۋەتتى.
تۆۋە، ئاجايىپ ئىش، باياتىندىن بىرى كىشىلەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى، بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىماي، يانفوندىن باش كۆتىرەلمىگەن بالىلار «ئاپتوبوس كەلدى!» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاپتوبوس ساقلاۋاتقانلارنى ئىتتىرىپ ئالدىغا ئۆتۈپ، يىراقتىن كېلىۋاتقان ئاپتوبوسقا تەلمۈرۈپ تۇردى.
-ھەي ئۇكىلار، ياشانغانلار بىلەن قۇچىقىدا بالىسى بارلارغا يول بەرسەڭلار، ئۇلار چىقىۋالىسۇن!-دېدىم مەن ئۈنلۈك ۋارقىراپ، ئەمما ئۇلارنىڭ قولىقىدا تىڭشىغۇچ بولغاچقا، مېنىڭ ئاۋازىمنى قاتتىق يېغىۋاتقان يامفۇر ئېقىتىپ كەتتى...
ئاپتوبوس بېكەتتىن 10 نەچچە مېتىر ئۆتۈپ «كۇس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەستە توختىدى، ھېلىقى بالىلار مەكتەپتە يۈگۈرەش مۇسابىقلىرىغا قاتنىشىپ تۇرغاچقىمۇ ياكى ئۇلار ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا بولغاچقىمۇ بىر قانچە تاقلاپلا ئاپتوبوسنىڭ ئىشىگى ئالدىنى توسۇپ، بىرمۇ ئادەمنى ئالدىغا ئۆتكۈزمىدى، ئاپتوبوس تولىمۇ ھۇرۇنلۇق بىلەن ئارقا ئىشىكىنى تەستە ئاچتى، ئەمما ئادەم چىقىدىغان ئالدى ئىشىك ئېچىلمايۋاتاتتى، ئارقا ئىشىكتىن قارىسام ئاپتوبوستا ئادەم خۇددى سەرەڭگە قېپىغا نىقتاپ تىزىلغان سەرەڭگىدەك بولۇپ خېلى «قىيا-چىيا» دىن كېيىن ئاران بەش-ئالتە ئادەم چۈشتى، ھېلىقى بالىلار ئاپتوبوسنىڭ ئالدى ئىشىكىنى مۇشتى بىلەن قاتتىق ئۇرىۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا ئۇلار ئىچىدىن ئىككەيلەن يۈگۈرۈپ بارغانچە ئارقا ئىشكىتىن چىقىۋالدى، ئارقا ئىشىك يېپىلدى، ئەمما ئالدى ئىشىك ئېچىلمايۋاتاتتى، قارىغاندا شوپۇر ئادەم قاچىلىمايلا مېڭىپ كېتىدىغاندەك سىگىنال بېرىپ ئاپتوبوسنى ئاستا قوزغاتتى، بىراق ھېلىقى بالىلاردىن بىرەيلەن چاققانلىق بىلەن ئاپتوبوسنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ۋارقىرىدى؛
-نوچى بولساڭ باسۇرۇپ ئۆتۈپ كەت، شۇنداق قاتتىق يامغۇردا ئاپتوبوس ساقلاپ تۇرغىلى بىر سائەت بولدى!...
قاتتىق تورمۇز ئۇ بالىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى.
-بىرمۇ ئادەمنىڭ سىغقۇچلىگى يوق، كەچۈرۈڭلار، ئارقىدا كېلىدىغان ئاپتوبوسقا چىقساڭلار!- ئالدى ئىشىكنىڭ تەستە ئېچىلىشى بىلەن شوپۇرنىڭ نالىسى ئاڭلاندى.
مەن يىراقتىن قارىدىم، ئاپتوبوستا راستىنلا ئادەم بەك زىچ بولۇپ، ھېلىقى چىقىدىغان پەشتاقتىمۇ ئادەم تۇراتتى، «باياتىن ئاپتوبوستىن چۈشكەنلەرنىڭ ئورنى بوشىمىغاندىمۇ؟».
ياش دېگەننىڭ ياشلىقى بار-دە! مەن بۇ خىيالنى قىلىپ بولغىچە، ئاپتوبوس ئىشىكى ئالدىدىكى بالىلاردىن بىر قانچىسى كۈچەپ ئاپتوبوسقا چىقىۋالدى، شوپۇر ئىشىكنى يېپىشقا ئامالسىز، سىگىنال بېرىپ ئاپتوبوسنى قوزغاتتى، ئەمما ئاپتوبوسنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ توسقان بالا چىقالماي ئاغزىنى بۇزدى؛
-ھۇ ئاناڭنى، ماشىناڭنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتكەي!
-ھەي، ئۇنداق قارغىماڭ!-دېدى ئوتتۇرا ياشلىق بىرەيلەن،- ئاپتوبوستا لىق ئادەم تۇرسا، ماشىنىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟
-ئىشىڭىزنى قىلىڭا، سىز ئارىلاشماي!- دېدى ھېلىقى بالا ئۇ كىشىگە ھۆرپىيىپ ۋە دەرھال توپنى يېرىپ چىقىپ ئاپتوبوس بېكىتى لاپىسىنىڭ ئاستىدىكى بوش ئورۇندۇققا ئۆزىنى ئاتتى...
ئاپتوبوس ساقلاۋاتقانلار ھالۋاققىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى، ھەممەيلەننىڭ كۆزى لاپاس ئاستىدىكى بوش ئورۇنغا تىكىلگەن بولسىمۇ، بىرەر ئادەممۇ ئۇ بوش ئۇرۇندا ئولتۇرۇپ يامغۇردىن پاناھلىناي دېمەيتتى.
-ئاۋۇ بوش ئۇرۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇشسىلا!- دېدى بايام ياش بالىسىدىن دەككىسىنى يېگەن ھېلىقى ئوتتۇرا ياش ئادەم قۇچىقىدا بالىسى بار ئىككى ئايالغا بېگىز قولى بىلەن لاپاس ئاستىنى كۆرىستىپ،- ئۇ ھاسا تاينىۋالغان بىر قانچە مۇيسىپىتكىمۇ ئۇ يەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن غۇدۇراپ قويدى،- بۈگۈن تاكسىمۇ بەك قىس بولۇپ كەتتى-دېسە!
-بەلكىم يامغۇردا ھادىسە چىقىشتىن قورقۇپ ماڭمايۋاتقان بولسا كېرەك.
-تاكسى ئاندا-ساندا مېڭىۋاتىدۇ، بىراق ئىچىدە ئادەم بولغاچقا توختىمايۋاتىدۇ...
-مۇنداق قىلايلى!- دېدى بېشىغا چىمەن دوپپا كەيگەن ئوتتۇرا ياش بىرەيلەن تېخىچە توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇردىن نارازى بولۇپ، ئاسمانغا قارىۋەتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئادەمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- بۇنداق قاتتىق يامغۇردا ئارقىدىن كېلىۋاتقان ئاپتوبوسمۇ بوش كەلمەيدىغاندەك،- ئۇ يېنىدا يامغۇرلۇق تۇتۇپ يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقان بىرەيلەنگە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سىز يامغۇرلىقىڭىزنى ماڭا بېرىپ تۇرۇڭ، مەن تاكسى توساي، ئاۋۇ قۇچىقىدا بالىسى بار ئايال بىلەن ياشانغانلارنى ماڭغۇزىۋېتەيلى، ئەگەر پەقەت بولمىسا مۇشۇ يەردىن ئۆتكەنلا ماشىنا توسۇپ باقايلى، بىرەر ياخشى نىيەتلىك شوپۇرغا ئۇچراپ قالساق ھەجەپ ئەمەس،- ئۇ ئادەم ھېلىقى يامغۇرلۇق تۇتۇپ تۇرغان ئادەمنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا قولىدىن يامغۇرلۇقنى ئېلىپ ئۇ ئادەمگە دېدى،- سىلە ئاۋۇ لاپاس ئاستىغا بېرىپ يامغۇردىن پاناھلىنىپ تۇرسىلا!- ئۇ ئادەم يولدىن خېلى ئىچكىرلەپ كىرىپ تاكسى توسىماقچى بولدى.
كشىلەرنىڭ نەزىرى لاپاس ئاستىغا ئاغدى، لاپاس ئاستىدىكى ئۇرۇندۇقنىڭ بىر بۈرجىگىدە ئادەم سىغقۇدەك بوش ئورۇن تۇراتتى، ئەمما ئۇ يەرنى ھېچكىم تالاشمايتتى، ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئاپتوبوس كېلىدىغان تەرەپكە تېكىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىت-تىت بولىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ھەممەيلەننىڭ كېيىم-كېچەكلىرى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ، ھازىرلا سۇدىن سۈزىۋالغان ئادەمدەك، ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئۇلارنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىدە توختاپ قالماي، ئايىغى ئاستىدا ئېقىۋاتقان ئېقىنغا قۇشۇلۇپ كېتىۋاتاتتى...
تاكسى توسۇش ئۈچۈن تۇرغان ئىككەيلەن ئاندا-ساندا ئۆتىۋاتقان بىر قانچە تاكسىنى توسقان بولسىمۇ ئىچىدە ئادەم بولغاچقا توختىماي ئۆتۈپ كەتتى.
-ئاكا، سەن قەيەردە؟- ئاپتوبوس ساقلاۋاتقانلار ئىچىدە 30 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ يانفون بىلەن سۆزلەشكەن ئاۋازى دىققىتىمنى تارتتى، ئۇ ئايالمۇ يامغۇرلىق ئېلىۋالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىمۇ خۇددى دەريادىن ھازىرلا چىققان ئادەمدەك سۇ ئايىغىدىن جوپاڭشىپ ئېقىۋاتقان بولسىمۇ خىيالىغا كەلمىگەندەك سۆزلىشىپلا كەتتى، مەن ئىچىمدە «ئىشەك ئۆلەۋاتسا كۈتى غىجەك تارتىپتۇ، دېگەن شۇ-دە» دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇ ئايالغا «لەپپىدە» قارىدىم، ئۇ ئايالنىڭ چىرايى جىددى تۈس ئالغان بولۇپ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى،- شوپۇرىڭ بولمىسا پىراۋاڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭلا ھەيدەپ كەل، بۈگۈنچە قائىدىنى بۇزۇپ ھەر قانچە ئالدىراش بولساڭمۇ «خۇاڭاڭ دوختورخانىسى» نىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاپتوبوس بېكىتىگە كەلگىن..،- تاكسى توسۇپ دەمسەن، تاكسى توسالمىدىم، ياق، مەن ئەمەس... بۇ يەرگە كەلسەڭ ھەممىنى چۈشىنىسەن...،- ئۇ ئايال يانفوندا قارشى تەرەپكە بىر مۇنچە يېلىنغاندىن كېيىن لاپاس ئاستىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، يىغلاۋاتقان بوۋىقىنى بەزلەۋاتقان ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ دېدى،- ھازىرلا ماشىنا كېلىدۇ، سىلەرنى ئۆيۈڭلەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ، بىر ئاز تەخىر قىلىڭلار!- ئۇ ئايال ئاپتوبوس كېلىدىغان تەرەپكە تەقەززا بولغاندەك قارىدى. ئاپتوبوس ساقلاۋاتقانلارنىڭ نەزىرى ئۇ ناتونۇش ئايالغا ئاغدى. مەن بايام تازا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن، مەن دىققەت بىلەن قاراپ ئۇ ئايالنى تونىۋالدىم، ئۇ چوڭ ئوغلۇمنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتىماتكا مۇئەللىمى ئاسىيە مۇئەللىم ئىدى.
-ۋۇي، ئاسىيە مۇئەللىمغۇ سىز، قانداق ياخشى تۇرىۋاتقانسىز؟- مەن ئاسىيە مۇئەللىمگە سالام قىلدىم.
-ھە، سىز ئەكبەرجاننىڭ دادىسىغۇ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟- ئاسىيەنىڭ چىرايىدىكى جىددىلىك يوقاپ كۈلۈپ تۇرۇپ سالامىمغا جاۋاب قايتۇردى،- قانداق ئەكبەرجان ياخشى ئوقۇۋاتقاندۇ؟
-يازلىق كانىكولدا كەلگەن،- دېدىم مەنمۇ جاۋابەن،- تېخى يېقىندىلا ماڭدى...
بىكەتتىن ئۆتۈپ توختىغان بىر كىچىك ماشىنا بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى ئۈزۈپ قويدى.
-ئاكا!- دېدى ئاسىيە مۇئەللىم قولىنى پۇلاڭلىتىپ ۋە دەرھال ئۆرىلىپ لاپاس ئاستىغا بېرىپ دېدى،- ئاۋۇ ماشىنا ئاكامنىڭ ماشنىسى، تۇرۇڭلار، سىلەرنى ئۆيۈڭلەرغا ئاپىرىپ قويىدۇ...
لاپاس ئاستىدا ئولتۇرغان مويسىپىتلار بىلەن قۇچىقىدا بالىسى بار ئىككى ئايال ھاڭ-تاڭ قالغىنىچە بىر-بىرىگە قاراشتى.
-بولۇڭلار، تېز بولۇڭلار!- ئاسىيە مۇئەللىم بىر ئايالنىڭ قۇچقىدا قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاقنى ئېلىپ، ماشىنا توختىغان تەرەپكە ماڭدى.
يامغۇر تېخىچە توختايدىغاندەك ئەمەس، يەنىلا شارقىراپ يېغىۋاتاتتى، قۇچىقىدا بالىسى بار يەنە  بىر ئايال ئورنىدىن تۇرغان بولسىمۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي دېلىغۇلدا بولۇپ توختىغان ماشىنىغا قاراپ تۇراتتى.
-ئاچا بولسىلا!- دېدى ئاسىيە مۇئەللىم ماشىنىنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى ئايالنىڭ  مىدىرلىماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،- ئاۋۇ ياشانغانلارمۇ كەلسۇن، تېزراق بولۇڭلار!
مەن ئاسىيە مۇئەللىمنىڭ مەقسىدىنى ئەمدى چۈشەندىم ۋە دەرھال بېرىپ ئايالنىڭ قولىدىن بالىنى ئېلىپ، ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغانلارغا قاراپ دېدىم؛
-سىلەرمۇ تۇرۇڭلار، ئۇ 15-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىلەرنى ئاپىرىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ...،- مەن بالىنى كۆتۈرۈپ ماشىنا تەرەپكە كېتىۋېتىپ، قېشىمدا تۇرغان 30 نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى ناتونۇش بىرەيلەنگە قاراپ دېدىم،- ئاۋۇ بوۋاينىڭ ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىزدەك قىلىدۇ، ئېغىر كۆرمەي سىز يارىدەملىشىپ ماشىنا قېشىغا ئاپرىشىپ بەرسىڭىز...
-ئۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ!- دېدى ئاسىيە مۇئەللىم ھېلىقى ئايالنى بالىسى بىلەن ماشىنىغا چىقىرىپ بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ قولۇمدىكى بالىنى قولىغا ئېلىپ،- خاتىرجەم بولۇڭلار، ئاكام سىلەرنى ئۆيۈڭلەرگە بىخەتەر ئاپىرىپ قويىدۇ،- ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل رازىمەنلىك ۋە ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى،- سىز ئاۋۇ تاغامغا يارىدەملىشىڭ!- ئاسىيە ھاسىغا تايىنىپ ئاران تۇرىۋاتقان بىر بوۋاينى ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا ماشىنا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
مەن مېڭىشى قۇلايسىز بوۋاينى يېتىلەپ ماشىنا قېشىغا بارغاندا ئاسىيە مۇئەللىم ئىككىنچى ئايالنى ماشنىغا چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن مەن ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ئۇ كىشنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەسەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق تونىدۇم...
دەل شۇ چاغدا بېشىمىزدىلا كىشىنى ئالاقىزادە قىلىدىغان دەھشەتلىك ئاۋاز ئاڭلىنىپ ھەممە كىشىنى ئالاقىزادە قىلىۋەتتى، ماشىنغا چىقىپ ئورۇنلىشىپ بولغان ئىككى بوۋاق بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك قىرقىراپ يىغلاپ كېتىشتى، مويسىپىتلارمۇ نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ھازىرلا زامان ئاخىرى بولىدىغاندەك ئاغزىلىرىنى موتورلىتىپ دورت ئوقىۋاتقاندەك قىلاتتى.
مەن ئەقلىۋالىق بولۇپ مۇشۇ ياشقىچە كەلگۈچە بۇنداق دەھشەتلىك ئاۋازنى ئاڭلىمىغان ئىدىم. مەن چۈچىچىگىنىمچە ئاسمانغا قارىدىم، كاللامدا ئاسمان يېرىلىپ كەتكەندەك، ئاسماننىڭ يېرىلغان پارچىسى بېشىمغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئەسلىدە ئاسماننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولۇپ، ئاسماننىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈلدۈرماما سادالىرى ياڭراپ، كىشلەر قۇلاقلىرىنى پاڭ قىلىۋېتىشىدىن قورققاندەك قۇلاقلىرىنى تۇتۇشقىنىچە ۋەھىمە بىلەن ئاسمانغا قارايتتى. ئارقىدىنلا كۈچلۈك چاقماق نورى ئاسماندىكى قوياش نۇرىنى توسىۋالغان بولۇتلارغا ئۇرۇلغاندەك، كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قەۋەتلىك بىنالارغا سوقۇلغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى. ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان چىلەك بىلەن قۇيغاندەك چۈشۈۋاتقان قاتتىق يامغۇر، ئىككى تەرەپتىكى ئورمان بەلۋىغىدىنمۇ تېشىپ، يۈگەنسىز تايدەك ماگزىن، رىستوران، ئاشپىزۇللارغا بۆسۈپ كىرمەكتە. يولدا ئېقىن ھاسىل قىلىپ ئاقماقتا...
-مۇنداق ئىش-ئاكا!-ئاسىيە مۇئەللىمنىڭ سۆزى خىيالىمنى بۆلدى،- تەپسىلاتىنى كەچتە ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي، قاتتىق يامغۇردا قېلىپ بۇ يەردە تۇرغىلى بىر سائەتتىن ئاشتى، ئاپتۇبوزدا ئادەم كۆپ، بۇلار چىقالمىدى، تاكسى توسالمىدۇق، شۇڭا سېنى ئاۋارە قىلىپ...
-ۋۇي، ئادەم سانى ئېشىپ كەتتى!- دېدى باشقارما باشلىقى ماشىنىغا چىققانلارنى كۆرۈپ،- بۇ...بۇ... – باشقارما باشلىقى بېشىنى قاشلىدى،- سەن چىقساڭ نورمىدىن ئىككى ئادەم ئېشىپ كېتىدۇ...
-بولدى، مەن بىر ئامال قىلىمەن!- دېدى ئاسىيە مۇئەللىم ئاكىسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- بىر چاغدا 10 نەچچە ئادەم سىغقان «سەنلىڭ③» مۇشىدۇ؟
-ھۇ شەيتان!- دېدى ئەسەت باشقارما باشلىقى،- ئۇ چاغ دېگەن ئۇ چاغ، ئەمما ھازىر دېگەن يېڭى قانۇن ئېلان قىلىندى...
-بۇنداق يامغۇردا كىم سەندەك باشقارما باشلىقىنى تەكشۈرۈپ يۈرەتتى، بولدى، بۇلارنى ئۆيلىرىگىچە ئاپىرىپ قويغىن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ چېكى يوق...،- ئاسىيە مۇئەللىم مويسىپتلارنى ماشنىغا چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ ئاكىسىغا چاخچاق قىلدى.
-ھوي شەيتان، سەن قانداق قىلىسەن؟- باشقارما باشلىقى سورىدى.
-مەندىن خاتىرجەم بول، ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن، خەيرى-خوش! ئاۋايلاپ ماڭ!-ئاسىيە مۇئەللىم ئاكىسىغا قولىنى پۇلاتتى...
X               X               X
تۆۋە، ئاجايىپ ئىش، چۈشتىن تارتىپ توختىماي ياغقان يامغۇر بىز ئولتۇرغان قورونىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە توختىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم، ئاسماندىكى قويۇق قارا بولۇتلار يېرىلدى-دە، قارا بولۇتنىڭ چەكلىرىگە ئالتۇن رەڭلىك جىيەكلەر تارتىلىۋاتقاندەك، بولۇتلار ئاقىرىپ، ئاق تۈتەكلەر بولۇتلارنىڭ تېگىدە يۈگرەشكە باشلىدى. بېشىمنىڭ ئۈستىدىلا چېقىۋاتقان چاقماقلار غەرپ تەرەپكە بېرىۋېلىپ، غىل-پال چاقناپ قوياتتى. بىردەمدىن كېيىن بولۇتلار ئارىسىدىن قوياش نۇرى كۆرۈنۈپ، پاكىز يۇيۇلغان مەنزىرە دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىغا چۈشۈپ، تېخىمۇ پاقىرتىۋەتكەنىدى. ئاسماننىڭ شىمال تەرىپىدە رەڭگارەڭ ھەسەن-ھۆسەن خۇددى ئېسىپ قويغاندەك ئېسىلىپ تۇراتتى. ھەسەن-ھۆسەننىڭ ئىككى ئۇچى تېخى تارقاپ بولالمىغان قارا بولۇتلار ئىچىدە باسۇرۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۈستى كۆك ئاسمانغا تاقاشقانىدى. مەن خېلىغىچە تەبىئەتنىڭ ئايالىمنىڭ مىجەزىدىنمۇ بەك ئۆزگۈرۈشچانلىقىغا ھەيران بولۇپ تېخىمۇ دىققەت بىلەن سەپسالدىم، ھەسەن-ھۆسەن ئۇزاققا بارمايلا غايىپ بولدى، ھايىت-ھۇيىت دېگىچە ئاسماندا بىرەر پارچىمۇ بولۇت قالمىدى. يۇيۇلغان كۆك ئاسمان بىلەن يەر يۈزىدىكى نەرسىلەر قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىن يېڭى، سالقىن گۈزەل بىر دۇنيانى ئاپىرىدە قىلغان ئىدى...
ھازىر مېنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم مېنىڭ يامغۇردا قاپتۇ ئەمەس، سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، دەپ قارايتتى، شۇڭا ئۆيگە ناھايىتى تەستە كىردىم، مەن كىرىپ دالاندا كەشنى سالاي دەۋاتقىچە ئايالىم يانفوندا ئويۇن ئويناۋاتقان بولسا كېرەك، قۇلىقىدىن تىڭشىغۇچنى ئالمايلا ۋارقىرىدى؛
-ۋاي-ۋۇي، نېمە ئىش بۇ؟- ئۇ بېشىمدىن ئايىغىمغىچە قاراپ ئەلپازىنى تېخىمۇ بۇزدى. ئۇنىڭ چىرايى تېخى يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدىكى ھاۋادىنمۇ بەك تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، مەن ئارقىغا داجىدىم. دىمىسىمۇ راست، مەن كىرىپ بىر مىنوتمۇ ئۆتمەي كېيىملىرىمدىن ئېقىۋاتقان سۇ پولغا ياراپ كەتكەنىدى.
-زادى نېمە بولدى، سۇغا چۈشۈپ كەتتىڭىزمۇ؟ -دېدى ئۇ مېنىڭ مەيدەمدىن سىرتقا ئىتتىرىپ،- بولۇڭ، بولۇڭ، كېيىملىرىڭىزنى سىرتقا سېلىپ كىرىڭ!
-ئەتىگەندىن بىرى يېغىۋاتقان يامغۇرنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟- دىيەلىدىم مەن كارىدۇرغا چىقىپ،- مېنىڭ ئىچ كېيىملىرىمنى ئاچىقىۋېتىڭ...
ئۇنىڭ قولىقىدا تىڭشىغۇچ بولغاچقا ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ سۆزلەپلا كەتتى. ئۇنىڭغا تەڭ كېلىش مۇمكىن ئەمەسلىگنى بىلەتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قۇلىقىدا تىڭشغۇچ، قولىدا يانفون بولغاچقا، بەرىبىر مېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا سۈكۈت قىلىش ئەڭ ياخشى چارە، مەن ئارتۇقچە گەپ قىلماي تاش كېيىملىرىمنى بىنانىڭ كارىدورىغا سېلىپ تۇرۇشۇمغا ئايالىم تازىلىق ئۆيىدىن بىر داسنى ئاچقىپ تەڭلىدى؛
-قارىڭا سىزنى، يېڭى كاستىيوم –بۇرۇلكىنى بۇزۇپسىز، ھەي...
مەن سالغان كېيىم-كېچەكلىرىمنى داس بىلەن تازىلىق ئۆيىگە ئەكىرىۋېتىپ چىقسام، ئايالىم يانفونىمدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرىۋاتقان بولۇپ، ماڭا ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن يانفوندىكى ئويۇننىڭ قىزىق يېرىگە كەلگەن بولسا كېرەك، گەپمۇ قىلماي يانفون ئويناش بىلەن بولۇپ كەتتى.
ئۆزىچىلا تىترەپ ئولۇشۇپ توڭلاپ كەتتىم، قارىغاندا سوغ تەڭگەن ئوخشايدۇ، ئاش كۆكى سېلىپ سويۇق ئاش ئىچكۈم كەلدى، كىچىك ۋاقتىمدا ئانام سەللا شامالداپ قالسام، ئاشۇنداق سويۇقئاش ئېتىپ: «ئاشنى تويغىدەك ئىچىپ، چۈڭكىنىپ يېتىپ بىر تەرلەنسەڭ،، ئوڭشىلىپ قالىسەن» دەيدىغان، دېگەندەك ئۇنىڭ بەكلا ئۈنۈمى بولاتتى. شۇڭا يېتىپ بولغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مېھمانىغا چىقتىم، قارىسام  ئايالىم كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ يانفون ئويناۋېتىپتۇ. ئوغلۇمنىڭ ياتاق ئۆيىدىن قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ھەيران بولۇپ ئوغلۇمنىڭ بېرەر ساۋاقدىشى كېلىپ، يامغۇردا كېتەلمەي، پاراڭلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاراپ باقماقچى بولۇپ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلسەم ئىشىك يېپىق، كۈلكە ئاۋازى قايتا ئاڭلاندى. مەن ئىشىكنى چەكتىم، سادا چىقىمىدى، قايتا-قايتا چەكتىم، يەنە سادا يوق، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتىم، قارىسام ئوغلۇمنىڭ قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ بولغاچقا ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ، ئۇ مېنىڭ كىرگەنلىكىمنى تۇيمىدى، ئۇ يالغۇز ئىدى، مەن ھەيران بولۇپ بىردەم قاراپ تۇردۇم، ئۇ توساتتىنلا نىرۋىسىدىن ئازغان ئادەمدەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، يوتىسىغا ئۇرغىنىچە كۈلۈپ كەتتى. مەن ئەنسىرەپ دەرھال ئۇنى تۇتىۋېلىپ سورىدۇم؛
-بالام، ساڭا نېمە بولدى؟
-دادا، مەن يەڭدىم!- دېدى ئۇ خۇددى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان گېنىراللاردەك غادىيىپ.
ئوغلۇم ساراڭ بولۇپ قالماپتۇ، كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى. مەن گەپ –سۆز قىلمايلا چىقىپ كەتتىم، مېھمانىدا ئايالىم بايامقى پېتىپ پۈتۈن زېھنى بىلەن «چەمبىرەك» ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ دېدىم؛
-بەكلا توڭلاپ كېتىۋاتىمەن، بىر سويۇق ئاش ئېتىپ ئىچەيلى!
-...- ئۇ ماڭا قاراپ قويماي «ئويۇن» نى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
-مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن!- دېدىم سەل ئاچچىغىم كېلىپ.
-نېمە دەيسىز؟- دېدى ئۇ ماڭا قاراپ ۋە مېنىڭ ئاچچىغىم كەلگەننى بىلگەن بولسا كېرەك، قولىقىدىن تىڭشىغۇچنى ئالدى، بەك قىزىق يېرىگە كەلگەن... ئادەمنىڭ... ،- ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋېتىپ، تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا سالماقچى بولىۋېدى، مەن ئېڭىشىپ قولىنى تۇتىۋالدىم؛
-مەن بىر سويۇق ئاش ئېتىپ ئىچەيلى دەۋاتىمەن، ئۆيدە ئاش ئەتمىگىلى نەچچە ھەپتىلەر بولۇپ كەتتى، بۈگۈن ماڭا سوغ تەككەن ئوخشايدۇ. سويۇق ئاش...
-بۈگۈنچە تەييار چۆپ يەپ تۇرايلى!- دېدى ئايالىم گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ ۋە يەنە تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا تىقىۋېتىپ قوشۇپ قويدى،- بەك ئاش ئىچكۈڭىز بولسا ئۆزىڭىز ئېتىپ ئىچىڭ، مەن بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرىغا چىقىۋېتەي...
ئەمدى «ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك» ئاچچىغىمدا يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن  بولساممۇ ئۆزۈمنى بېىسىۋالدىم، «يولۋاسنى يەڭگەن ئەر ئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن ئەر» دەپتىكەن كونىلار، مەن ئىلاجىسىز ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياتتىم، ئەمما بارغانسىرى توڭلاپ جاقىلداپ كېتىۋاتىمەن، يوتقاندىن يەنە بىرنى ئېلىپ ئۈستىگە ياپتىم، بىراق نەتىجىسى ئوخشاش، قورسۇغۇم ۋىژىلداپ ئېچىپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما قوپۇپ تەييار چۆپ چىلاشقا ماجالىم يوق، ئوغلۇم ئېسىمگە كەلدى، ئۇنىڭغا ئاچ ئىكەنلىكىنى، تاپشۇرۇغىنى ئىشلىمىگەنلىگىنى بىلىمەن...
ھەممىنى ئارقىغا تاشلىۋېتەي، ھەممە ئىشنى ئۇنتاي دەپ ياتتىم، ئىككى يوتقانمۇ كار قىلمىدى، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتاي دېگەنسىرى ئۆتكەن ئىشلار كاللامغا كىرىۋالدى. دىمىسىمۇ راست، بىز بۇرۇن ھەرگىز بۇنداق ئەمەس ئىدۇق، بىزنىڭ ئائىلە ھەرگىز ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى. يىراقلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايدىغان، يېقىنلارنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان ئائىلە ئىدى، بالىلارمۇ شۇنداق، چوڭ ئوغلۇم سىنىپنىڭلا ئەمەس، مەكتەپنىڭ ئالدى ئىدى، بىراق نىكۇنى قولىغا «ئالما» يانفون چىقتى، شۇ كۈندىن باشلاپ دەرستە چىكىنىپ كەتتى، ئائىلىمىزدە ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ، قول-قول تاماققا تۇتۇش قىلاتتۇق، تاماقنى يەپ بولۇپلا بالىلار تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشكە چۈشەتتى، بىز ئەر-خوتون ئىككىمىز بەزىدە خۇددى يېڭىدىن مۇھەببەت باغلىغان «ئاشىق-مەشۇق» لاردەك بىرەر-يېرىم سائەت تاماق سىڭدۈرگەچ ئايلىناتتۇق، ئۆيگە كىرىپ بىرەر-يېرىم سائەت تېلېۋىزور كۆرەتتۇق ياكى كىتاب ئوقۇيتتۇق، خۇشنىلار بىلەن ھال-مۇڭ بولىشاتتۇق. بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرەتتۇق. بۈگۈنكىدەك سوغ تېگىپ يېتىپ قېلىش ئەمەس، بىر يېرىم ئاغرىپ بولغىچە ئايالىم ھېلىقى «دوختورغا كۆرۈنۈپ باقايلى» دېسە، ھېلى «شوۋا گۇرۇچ قاينىتايمۇ ياكى ئۈزۈپ تاشلاپ سۇيۇق ئاش ئېتىپ بېرەيمۇ؟» دەپ ئايغىمدا پاي-پېتەك بولاتتى، مانا ھازىر ئۆيىمىزدە تاماق ئېتىلمىگىنى قانچە ۋاقىت بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن، «سۇيۇق ئاش ئېتىپ بېرىڭ» دېسەممۇ «تەييار چۆپ يەپ تۇرۇڭ» دەپ مىدىراپمۇ قويمىدى. بىناغا كۆچۈشتىن ئاۋال 160 نەچچە تاختا پەنەركە ئىشلىتىپ ئۆينى بېزىۋالدۇق، ھەممە ئۆيگە ئىشكاپ ياساتتۇق، ئەمما كىتاب ئىشكاۋىغا ئورۇن چىقماي، كىتابلىرىم يەشىڭ-يېشىكلەرگە قاچىلىنىپ «يەر ئاستى ئۆيى» دىن ئۇرۇن ئالدى، تاماق ئېتىشكە چول يوق تۇرسا كىتاب ئوقۇشقا نەدە چول؟!
يېقىندا خەنزۇچە گېزىتتە «گىرمانلىقلارنىڭ كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتى» دېگەن بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ، ئۇ ماقالىنى قېيىپ ئېلىپ قويدۇم، ماقالىدا مۇنداق دېيىلىپتۇ:
سىز گىرمانىيىنىڭ قەيىرىگە بارماڭ ياكى قەيەرگە قارىماڭ كىتاب ئوقىۋاتقانلارنى كۆرىسىز، كىتاب ئوقۇش يالغۇز مەكتەپ ئىچى بىلەنلا چەكلەنگەن بولماستىن بەلكى ھەر قانداق جاي، ئورۇن، ماشىنا بىكەت، قەھۋەخانا، چىملىقلار... غىچە كىتاب ئوقىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى، ھەتتا ھەر قانداق بىر گىرمانىيىلىكلەر سومكىسىدىن بىر ئىككى پارچە كىتاب تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئازراق ۋاقتى بولسىلا ئېلىپ ئوقۇيدۇ.
ئۇلارنىڭ قارشىچە، كىشىنى ھەقىقى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە كىتاب بولۇپ، ھەرگىزمۇ ۋاقتى ئۆتكەن خەۋەر ئەمەس ئىكەن، ئۇلارنىڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغىنى گەرچە ئۇزۇن ماقالە بولسىمۇ قىممىتى بار ماقالىلار بولۇپ، ھەرگىزمۇ پايدىسى يوق، رەمباللىققا ئائىت، ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق، گۈللۈك رامكىلارغا ئېلىنغان  خەۋەرلەرنى ئوقىمايدىكەن.
گىرمانىيىلىكلەرنىڭ ئوقۇشقا ئامراق كىتابلىرى مەنىسى چوڭقۇر، تەپەككۇر قىلىشقا ئەرزىيدىغان، كىشىنىڭ روھى دۇنياسىنى لەززىگە سالالايدىغان ئەدەبى ئەسەرلەر ئىكەن.
بۇلاردىن باشقا، گىرمانيىلىكلەرنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇش دۆلەتنىڭ كۈلگۈسىگە ئالاقىدار (چېتىشلىق) ئىش بولۇپ، داۋاملىق ئوقۇغاندا، كۆپ ئوقۇغاندا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ماھارىتىنى ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى بىلەن تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئاتا-ئانىسى بىلەن مەكتەپ ھەيدەكچىلىك قىلغاندىن  باشقا، ھۆكۈمەتمۇ كىتاب ئوقۇشنى بالىلارنى ئويغۇتىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشى دەپ قاراپ، 5-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى كىتاب ھەدىيە قىلىش كارتىسىغا ئېرىشىپ، كىتاپخانىدىن  بىر كىتاپنى ھەقسىز ئالالايدىكەن.
گىرمانىيلىك ئاتا-ئانىلار بالىسى تۇغۇلغاندىن باشلاپلا كىتاپقا ھېرىس قىلىپ تەربىيلەلەيدىكەن. نۇرغۇن بالىلارنىڭ تۇنجى ئويۇنچۇقى رەسملىك كىتاب بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىدىكەن ياكى ئۇلار بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇيدىكەن.
گىرمانىيىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى دەرس ئوقۇيدىغان ۋاقتى كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە چۈشتە ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر بىلەن قويۇپ بېرىدىكەن. ئەمما كۈتۈپخانىلار دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۈچۈن ھەر خىل كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرىدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئوقۇتقۇچى ئاساسى تېملىق (مەقسەتلىك) تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرۈپ تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلەشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
ئاساسى جەھەتتىن ھەربىر گىرمانىيىلىكلەر ئۆيىدە كىتاب جاھازىسى ياكى كۈتۈپخانىسى ۋە ياكى مېھمانخانىغا تىزىلغان كىتابلىرى بولۇپ، بۇ ھەر قانداق ئۆينىڭ بىر خىل بېزىگى ئورنىدا تۇرىدىكەن. ۋاھالەنكى، ھەر قانداق بىر ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ كىتاب جاھازىسىدىكى، كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆي ئىگىسى ئوقۇپ بولغان كىتابلار ئىكەن. گىرمانىيىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ساقلىغان كىتابى 300 پارچە، ھەربىر كىشىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 نەچچە پارچە ئىكەن. ئۇلار «بىر ئائىلىدە كىتاب بولمىسا، بىر ئۆينىڭ دېرىزىسى بولمىغان بىلەن ئوخشاش» دەپ قارايدىكەن.
گىرمانىيەنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالى بىلەن بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋلىمىزنى سېلىشتۇرغۇم كەلدى، ھازىر قارايدىغان بولساق قاۋاقخانىلار، چايخانىلار ئاۋات، ئەمما كىتابخانا چۆلدەرەپ قالدى، كىتاپخانىدىغۇ كىتابنى پۇلغا ساتىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت پۇلىغا مۇشتىرى بولىدىغان گېزىت-ژورناللارنىمۇ كۆرىدىغان ئادەم يوق، سىز ھەر قانداق ئىدارە-ئورگانغا كىرمەڭ، پوچتالىيۇن گېزىت-ژورناللارنىڭ پوچتالىيۇن قانداق ئېلىپ كىرگەن بولسا شۇ پېتى پىچىتى بۇزۇلمىغان ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز...
تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ئاتا-ئانىلارنى ئالاقىزادە قىلىۋەتكەن، ھەتتا بەزى ياش-ئۆسمۈرلەر بىرەر-ئىككى سوتكا تاماق يېمەي، ئارام ئالماي تورخانىدىن ئۆلىگىنى ئېلىپ چىققانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار بۇ بالايى-ئاپەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ھۆكۈمەت دائىرلىرى «قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخانىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن بۇيرۇغىمۇ كار قىلمىغان ئىدى. ئەمما ئەقلىيفوننىڭ ئومۇمىلىشىشى بىلەن، ئەقلىيفوندا ھەممە ئىقتىدار بولغىنى ئۈچۈن بۇنى چەكلەشكە ئامال بولماي ئاتا-ئانىلار بېشىنى قاتۇرىۋاتىدۇ...
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنىلا ئوغلۇم ئېسىمگە كەلدى، پەرزەنت دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇ كەچلىك تاماق يېمىگەن ئەمەسمۇ؟ يۈرۈگۈم ئېچىشتى، گەرچە ھازىر مىدىرلىغىدەك ئەھۋالىم بولمىسىمۇ، ئوغلۇمنى دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرسەم قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ، قولىدا يانفوننى تۇتقان پېتى ئۇخلاپ قاپتۇ، ئىچىم سىرىلىپ كەتتى ۋە دەرھال توڭلاتقۇدىن بىر تەييار چۆپنى ئېلىپ قايناقسۇ قويغاندىن كېيىن ئۇنى ئويغاتتىم؛
-قوپقىن جېنىم بالام، تاماق يەپ، كېيىم-كېچەڭلىرىنى سېلىپ ئۇخلىغىن!
ئۇ ناھايىتى تەستە ئويغۇنۇپ، ئۇيقۇچان كۆزىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ دېدى؛
-يەنە شۇ تەييار چۆپمۇ، يېمەيمەن!
-يېمىسەڭ بولمايدۇ، ئوبدان بالام، ئازراقمۇ بولسا يېگىن،- مەن قولۇمدا چىلانغان چۆپنى تۇتقان پېتى ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم.
-چۈشتىمۇ تەييار چۆپ يېگەن، بولدى، يىگۈم يوق!-ئۇ ئۆرۈلۈپلا يېتىۋالدى.
-...
-...
ئىككىمىز خېلىغىچە تالاشتۇق، زورلاۋىرىپ ئاخىرى مەن غالب كەلدىم، لېكىن ئوغلۇم بىر قاچا تەييار چۆپنىڭ يېرىمىنىمۇ ئىچمەي، ئاشقىنىنى «دوققىدە» قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، يەنە يېتىۋالدى.
دىمىسىمۇ راست، يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. چوڭلارغۇ مەيلى، ئۆسۈش باسقۇچىدىكى بالا مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئاخىرى قانداق بولار، نائىلاج ئوغلۇمنى كېيىمىنى سېلىپ يېتىشقا كۆندۈرۈپ قايتىپ چىقتىم. قارىسام ئايالىممۇ قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ، قولىدا يانفوننى تۇتقان پېتى كىرسىلودا ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇ ئويغىتاي دېسەم، داۋامنى يەيمەن، شۇڭا ياتاق ئۆيدىن بىر ئەدىيال ئېلىپ چىقىپ، ئۈستىگە يېپىپ قويغاندىن كېيىن ئوغلۇم ئاشۇرۇپ قويغان تەييار چۆپنى ئىچىۋېتىش ئۈچۈن شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تەييار چۆپنى قولۇمغا ئالدىم، بىراق قورسۇغۇم ۋىژىلداپ ئېچىۋاتقان بولسىمۇ بىر ئوتلاپلا «غىققىدە» بولۇپ جايىدا قويدۇم. قارىغاندا يانفون بىزنىڭ ئائىلىگە تەككەن ئاپەت ئوخشايدۇ. ياق، يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ ئائىلا ئەمەس، بىز ياشتىكىلەرنىڭ ئائىلىسىگە، ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەككەن بىر ئاپەت ئوخشايدۇ. شۇڭا مەن ۋايساپ، قايناپ نەگە ئاپىرالايمەن؟ ھەممىنى ئۇنتۇپ ئاچ قۇرساق ئۇخلاي...
X               X               X
ئۇخلاش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىپ باقساممۇ، ساناق ساناپ باقساممۇ يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم، بۇ مۇنداق ئىش ئىدى، بىر دەم ئېلىش كۈنى بىر قانچە ئۈلپەت بىلەن تاماق يېگەچ پاراڭلاشماقچى بولۇپ، يېڭىدىن ئېچىلغان بىر ئاشپىزولغا كېتىۋاتاتتۇق، ئۇ ئاشپىزۇلغا بېرىش ئۈچۈن ئىككىنچى قول يانفون بازىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە 30 نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى بىرەيلەننىڭ 12 ياش ئۆپچورىسىدە بىر ئوغول بالا بىلەن ۋارقىراشقان ئاۋازى دىققىتىمىزنى تارتتى:
-ھازىرچە مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرغىن ئوبدان بالام، كۈزلۈككە قولىمىزغا پۇل كىرگەندە سەن دېگەن يانفوننى ئېلىپ بېرىمەن،- دېدى 30 نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى بۇرۇت قويىۋالغان، ئۈستى-بېشى خېلى يامان ئەمەس بىر ئادەم، بىر نىمكەش يانفوننى كۆرسىتىپ.
-ياق، مەن بۇ يانفۇننى ئالمايمان، ئەگەر بۇ يانفوننى ئېلىپ مەكتەپكەل بارسام ساۋاقداشلىرىم مېنى ئارىغا  ئالمايدۇ،- دېدى ئوقۇغۇچىلىق فورمىسىنى كەيگەن 12 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغول بالا،- «ساۋاقداشلار چەمبىرىگى» گە كىرەلمەيمەن!
-سۆزلەشكىلى بولغاندىن كېيىن بولىدىغۇ- جېنىم بالام، مېنى ئۇنداق خىجىل قىلمىغىن، كۈزدە كېۋەز ساتقاندا ياخشىسىنى ئېلىپ بىرىمەن...
-ياق، ياق، ياق، ھى، ھى، ھى! –بالا دادىسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم «ياق» دېگەندىن كېيىن يىغلاشقا باشلىدى.
-ئاكا، ئوغلىڭىز چىرايلىق، ئەقىللىق بالا بوپتۇ. مانا بۇ يانفوننى ئېلىپ بېرىڭا، ئەگەر مېنىڭ بۇنداق بالام بولىدىغان بولسا ئايفون ئېلىپ بېرەتتىم!-قولىدا بەش-ئالتە يانفون كۆتىرىۋالغان 20 نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى بىر يىگىت قولىدىكى يانفوندىن بىرنى يىغلاۋاتقان بالىغا كۆرسىتىپ «باز-باز» غا سالدى.
-ئاكا، ماۋۇنى ئېلىپ بىرىڭ، بۇنىڭدا تورغا چىققىلى، ھەر خىل ئويۇن ئوينىغىلى، بايام ئوغلىڭىز دېگەن «ساۋاقداشلار چەمبرىگى» گە قاتناشقىلى بولىدۇ، بىر چىچقاق پاقلاننىڭ پۇلىغا بېرىمەن،- چىرايلىق كېيىنگەن، چېچى گەردىنىنى ياپقان بىرەيلەن كەڭ ئىكرانلىق بىر يانفوننى ھېلىقى كىچىك بالىغا كۆرسىتىپ «دو دۇز» لاتقىلى تۇردى،- قاراڭ ئۇكام، ماۋۇ ئويۇننى ئويناپ باققان بولغىدىڭىز؟
-...
-...
ئىككىنچى قول يانفون بازىرىدىكى يانفونچىلار ئاتا-بالا ئىككەيلەننى ئورىۋېلىپ، قولىدىكى يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى  ماختىغىلى، ھېلىقى بالىنى ئۇچۇرغىلى تۇردى.
-مېنىڭغۇ تېخىمۇ ياخشىسىنى ئېلىپ بەرگۈم بار-ئۇكىلار!- دېدى ھېلىقى ئادەم ئۆزىنى قويىدىغانغان يەر تاپالماي قىزىرىپ،- مەن ئېلىپ بەرمەيمەن ئەمەس، كۈزدە كېۋەز ساتقاندا ئېلىپ بېرەي دېدىم،- ئۇ ئادەم ئۇۋال قىلىنغاندەك بىردە بالىسىغا  قارىسا، بىردە يانفون ساتىدىغانلارغا قاراپ قويغاندىن كېيىن گەردىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- بۇلتۇردىن بۇيان بۇ بالىغا موتسىكىلىت بالاسى تېگىپ، ھەدىسىلا موتسىكىلىت ئېلىپ بەرمىسەڭ ئوقۇمايمەن، دەپ تۇرىۋېلىپ، ئۈچ قوينى سېتىپ توكسىكىلىت ئەپ بەردىم، ئەمدى ئېلىپ بىرىشىمگە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ موتسىكىلىت، توكسىكىلىت مىنىشىگە بولمايدىغان قانۇن چىقىپ، ئىككى قېتىم قاتناش ساقچىلىرى تۇتىۋېلىپ، 200  يۈەن جەرىمانە تۆلەپ ئاران تەستە ئېلىپ چىقتۇق، ئەمدى بولسا بۇ بالىغا «يانفون جىنى» چاپلىشىپ مەكتەپكە بارغىلى ئۇنمايۋاتىدۇ، ئەرزانىراق نىمكەش يانفون ئېلىپ بېرەي دېسەم ئۇنىماي...
-بۈگۈن ئېلىپ بەرمىسەڭ ئوقۇمايمەن!-ھېلىقى بالا دادىسىنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىپ يىغلىغان پېتى توپنى يېرىپ چىقىپ مېڭىشىغا بىز بىلەن بىرگە تاماق يېگىلى ماڭغان بورادىرىمىز ئەسەت بالىنىڭ ئالدىنى توسۇپ دېدى؛
-بالام، قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسەن؟
-شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە!- بالا ئەسەتنىڭ بېشىدىن ئايىغىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
-قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇيسەن؟- ئەسەت ئۇ بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ يەنە سورىدى؛
-بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇيمەن!- بالا يەردىن ئۈستۈن قارىماي جاۋاب بەردى.
-مەكتىۋىڭلار سىنىپقا يانفون ئېلىپ كىرىسەڭلەر گەپ قىلمامدۇ؟
-...،- بالا ئەسەتنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەيلا، توپنى يېرىپ «پارتتىدە» قېچىپ كەتتى.
ئەسەت شەھەرلىك مائارىپ كومتېتىدا ئىشلەيتتى.
-ھازىر مائارىپ تارماقلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ موتسىكىلىت، توكسىكىلىت مىنىپ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىنى، يانفون ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدۇق،- دېدى ئەسەت يىغىۋالغانلارغا بىر-بىرلەپ قاراپ چىققاندىن كېيىن ھېلىقى دېھقاننى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ،- ئەمما بۇ ئىشقا قىسمەن ئاتا-ئانىلار تازا ماسلاشمايۋاتىدۇ،- ئەسەت ھېلىقى دېھقانغا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئەگەر بالىڭىز يەنە يانفون ئېلىپ بېرىسەن، دەپ تۇرىۋالسا، سىنىپ مودىرىڭنى باشلاپ كەل، دەڭ، ئۇ چاغدا...
-بىراق، بىراق، ئۇ ئۇقىمايمەن دەپ تۇرىۋالسا....،- دېھقان دۇدۇقلاپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.
-چىرايلىق تەربىيە قىلىڭ، سىنىپ مودىرىغا ئەھۋالنى ئېيتىڭ، سىنىپ مودىرى  ئۇنى قايىل قىلىدۇ.
-...
-...
ئەسەت بىر مۇنچە قائىدە سۆزلەپ دېھقاننى قايىل قىلدى، كىچك بالىنى بازلاپ يانفونىنى ساتالمىغان يانفونچىلار ئەسەتنىڭ سودىسىغا بەرھەم بەرگەنلىگىدىن ئاغرىنغاندەك، ھەممىسى بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، ئەسەتنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا غايىپ بولۇشتى. بىزمۇ بايامقى ئەھۋالنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، ياقىمىزنى تۇتقىنىمىزچە ئاشپىزۇلغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
-بۇ مەسىلە ھازىر مائارىپ تارماقلىرىلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى،- دېدى ئەسەت ھەممەيلەنگە مۇراجەت قىلغاندەك،- بۇ مائارىپقا، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا مىللىتىمىزگە تەككەن بىر خىل كېسەللىك، بىردىن يەنە بىرىگە يوقىدىغان ۋىروس،- ئۇ چايدىن قۇۋزىنى توشقۇزۇپ بىر ئوتلىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى،-  بىز يېقىندا شەھرىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانداق بولدى؟ دىمەمسىلەر؟
-قانداق بولدى؟- ھەممەيلەن تەڭلا سورىدۇق.
-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يانفوننىڭ ئومۇمىلىشىشى 84 پىرسەنت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە 108 پىرسەنت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە 119 پىرسەنت...
-نېمە، نېمە دېدىڭىز؟- مەن ھەيران قېلىپ ئەسەتنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم.
-ھەيران قالماڭ، بۇ دېگەن ئەمەلىيەت،- دېدى ئەسەت چۈشەندۈرۈپ،- يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەسلى باللىرى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقتىكى بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بالىلار يەسلىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كۆچىدىغان چوڭلار سىنىپىدىكى بالىلار، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققاندا ساقچىغا، ئاتا-ئانسىغىلا ئۇلىنىدىغان بىر خىل «بالىلار يانفونى» بازارغا سېلىندى، ئۇ يانفوندا ئۈچ كۇنۇپكىلا  بولۇپ، خالىغان بىر كۇنۇپكىنى باسسىلا بىرىسىگە ئۇلۇنۇپ، ئاتا-ئانىلار ياكى ساقچى شۇ بالىنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنالايدۇ...
-سىلەرنىڭ قوروماڭلار!- مۇلازىم بىر قانچە  خىل قورومىنى شىرەگە تىزىپ ئەسەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ قويدى.
-قېنى، قورومىلارغا ئېغىز تەگكەچ پاراڭلىشايلى!- دېدى يەنە بىر بورادىرىمىز مامۇت قولىغا چوكا ئېلىپ،- قورومىلار سوۋۇپ قالمىسۇن.
ھېچقايسىمىز مامۇتنىڭ چاقىرىغا ئاۋاز قوشالمىدۇق، ھەممەيلەن چوكىنى تۇتقىنىمىزچە ئەسەتنىڭ ئاغزىغا قارايتتۇق.
-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يانفوننىڭ ئومۇمىلىشى %84 كە يەتكەن بولسا، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان باللىرىمىزدىن ئاغرىنمىساق  بولىدىكەن-دە! –دېدىم مەن قورومىدىن بىر تال ئاغزىمغا سېلىپ،- بايامقى بالىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %108 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %119 دېگەن، بەزى ئوقۇغۇچىلاردا ئىككىدىن يانفون بار دېگەننى چۈشەندۈرمەمدۇ؟- مەن ئەسەتنىڭ كۆزىگە قارىدىم.
-ئەمدى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %108 ۋە %119  بولۇشىدىكى سەۋەب،- دېدى ئەسەت مېنىڭ تېخىچە ھەيران بولىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىشەنچلىك قىلىپ،- ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىش مەسلىسى چەكلەپ بولالمىدى، دەسلەپ كۇنۇپكلىق يانفون ئومۇمىلاشقاندا  ئۇنىڭدا تورغا چىققىلى، ئويۇن ئوينىغىلى، «ساۋاقداشلار توپى»... قاتارلىق توپلارغا قاتناشقىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپلەرمۇ ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەقلىيفوننىڭ ئومۇمىلىششىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ مودىغا ئەگىشش، مودا قوغلىشىش شامىلى چىقتى، - ئۇ يانچۇقىدىن ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئېلىپ بىر قانچە «توپ»، «چەمبىرەك» لەرنى كۆرسىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بۇنى شامال دېگەندىن كۆرە «يانفون كېسىلى» يوقتى دېيىش كېرەك، بۇ كېسەلنى يۇقتۇرغان ئوقۇغۇچىلار  دەرىسخانىدا يانفون ئوينايدىغان، تۇرغا چىقىدىغان، بىر-بىرىگە ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق چاخچاقلىشىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار دەرستە چىكىنىپ كەتتى...
-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىشىنى مەكتەپ چەكلىمە قويسا بولمامدۇ؟- مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم.
-بۇ ئىشتا مەكتەپنىڭ قىلمىغىنى قالمىدى،- دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ،- مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە يانفون ئېلىپ كەلمەسلىككە ئۇقتۇردى، بىراق يانفون چەكلەنگەن نەرسە بولمىغاچقا، بۇ  شەخىسلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق بولدى، سىنىپتا يانفون ئويناپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاخىرىچۇ، بۇمۇ قانۇنغا خىلاپ بولدى...
-بۇنداقتا 108 پىرسەنت، 119 پىرسەنت دېگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟-  مەن تاقەت قىلالماي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم.
-تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە يانفونى يوقلارمۇ بار،-دېدى ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ،- ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى سەھرادىن كىرىپ ئوقۇۋاتقان تۆۋەن كىرىملىك دېھقان پەرزەنتلىرى، شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى،- ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ تۈتۈنىنى ھالقا قىلىپ ئاسمانغا پۇۋلىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- كەچۈرۈڭ، ئالدىڭىزدا ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇم، ئەسلى تاماكىنى تاشلىۋەتمەكچى ئىدىم، بىراق... بەزى ئىشلار... ھە، ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بەزى پۇلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى، باشلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككى ھەتتا ئۈچتىن يانفۇنى بار..
-بىر ئادەم ئۇنچىۋىلا يانفوننى...
-ئالدىرىماڭ، سەۋەبىنى مەن سىزگە چۈشەندۈرىمەن،- دېدى ئەسەت مېنى ئېغىز ئاچۇرماي،- بىرى مەنمەنچىلىك، يەنە بىرى، ئەقلىيفوننىڭ ئەڭ زور ئاجىزلىقى باتارىيىسى ئۇزاق يەتمەيدۇ، خېلى كۆپ ماركىلىق ئەقلىيفوننىڭ  زاپاس باتارىيىسى يوق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىشى، ئويۇن ئوينىشى ئۈچۈن بەك قۇلايسىز، شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىسىدە ئىككى ھەتتا بەزىسىدە ئۈچ يانفون بار...
مەن ئوغلۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن 600 نەچچە يۈەنگەن «توكدان» ئالدۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم.
-...
-...
ھەممەيلەن بىردەك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ بۇ خىل ھالەتنى تۈپتىن تۈزەپ، پەرزەنتلەرنى قۇتقۇزىۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىشتۇق.
-مەن باشتىلا دېدىمغۇ، بۇنىڭغا مائارىپ تارماقلرىلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت، ئاتا-ئانىلار ھەركەتكە كېلىشى كېرەك،- ئەسەت بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىككەيلەننىڭ پارىڭىمىزغا ئارىلاشماي تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا تىقىۋېلىپ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېڭىكى بىلەن ئىشارەت قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- قاراڭلار، ماۋۇ ئىككەيلەننىڭ باللىرى كىچىك، ئۇلار تېخى يانفون ئويناش يېشىغا يەتمىگىنى ئۈچۈن ئۆزى بىخارامان ناخشا ئاڭلايدۇ، «QQ» ئوينايدۇ، ئەمما يانفون ئويناشنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تېخى ئويلاپ يېتەلىگىنى يوق، - ئەسەت چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر تۇتام قەغەز ئىچىدىن بىر ۋارىقىنى ئېلىپ كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ دېدى،- قاراڭلار، يېقىندا بىر گېزىتكە «يانفوننى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر» دېگەن بىر ماقالە بېسىلغان  ئىكەن، بۇنى مەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي،- ئەسەت بىزنىڭ جاۋابىمىزنى كۈتمەيلا ئوقۇشقا باشلىدى؛
1. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئوينىغاندا ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
2. باشنى ئۇزاق ۋاقىت ساڭگىلىتىپ يانفونغا قارىغاندا، بويۇن ئومورتقىسى زەخملىنىدۇ، باشنى تۇيۇقسىز كۆتۈرگەندە، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا شامالدارىش كۆرۈلىدۇ.
3. يېرىم يېتىش ھالىتىدە يانفون ئوينىغاندا كۆزگە زىيان يېتىپلا قالماي، بەل ئومورتقىسىمۇ زەخمىلىنىدۇ.
4. باشنى ئۇزاق ساڭگىلىتىپ يانفون ئوينىغاندا، بويۇننىڭ بېسىمى ئېشىپ، بويۇن مۇسكۇلى ساڭگىلاپ قالىدۇ.
5. يانفوننى ئۇزاق قولدىن چۈشۈرمەي ئوينىغاندا، تېرىگە رېئاكسىيە قىلىدۇ.
6. يانفونغا ئۇزاق تىكىلىپ قارىغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، كۆز قۇرغاقلىشىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
7. يانفوننى قولدا ئۇزاق تۇتۇپ تۇرغاندا، پەي غىلىپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
8. يانفوننى يانداق ئۇزاق ساقلىغاندا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ.
9....
10....
ئەسەت داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى، ئەمما بايامدىن بۇيان قۇلىقىدىكى تىڭشغۇچنى ئالماي ئولتۇرغان ئەكبەز چاخچاق قىلىپ ئەسەتنىڭ سۆزىنى بۆلدى؛
-بۇنى بايامقى يانفون بازىرىدىكى بالىغا ئوقۇپ بېرىدىغان ئىش ئىكەن!
-ھا! ھا! ھا!- بىر قانچەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشتى.
-بۇنىڭدىن ئۇلار خەۋەر تاپمىدى- دەمسىلەر؟- دېدى ئەسەت ئېغىر –بېسىقلىق بىلەن،-مائارىپ كومتېتىنىڭ ئوقۇش تەتقىقات ئىشخانىسى  بۇ ماقالىنى بىر قانچە يۈز پارچە كۆپەيتىپ، ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تارقاتتۇق ھەمدە ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ پىسخولوگىيە دەرسىدە باشتىن-ئاياغ بىر قېتىم ئوقۇشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان...
-ئۈنۈمى بولماپتۇ-دە؟- ئەسەتنىڭ سۆزىنى يەنىلا ئەكبەر بۆلدى.
-مەن باشتىلا دېدىمغۇ، بۇنىڭغا پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەندىلا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ،- دېدى ئەسەت ئەكبەرنىڭ يەنىلا چاخچاققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،- مەن سىلەرگە بىر نۇسخىدىن بېرەي،- ئۇ ھەممەيلەنگە بىر نۇسخىدىن تارقتىپ بېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بۇ «يانفون كېسىلى» نى داۋالاش ئۈچۈن خۇددى «قۇش زۇكۇمى»، «ئىبولا ۋىروسى» داۋالىغانغا ئوخشاش بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش، پۈتۈن خەلق ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك...
-ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەشۇدۇئاللاھ ئىلاھى ئىللاھۇ، .....،- ئولتۇراق رايۇنىغا يېقىن يەردىكى مەسچتىنىڭ مەزىنى ئېيىتقان ئەزان ئاۋازى خىيالىمنى ئۈزۈپ قويدى. تاڭ ئاتقان چېغى، ئىسىمگە كەلسەم بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتىدۇ، قىزىتمام خېلىلا يۇقىرى، نېمە قىلارىمنى بىلمەي دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ يەنە بىر ئاز ياتتىم، ھەي، ماۋۇ ئۇنۇتقاقلىقىمنى، قارىغاندا مەندىمۇ ئاشۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، مەن شۇ چاغدا ئىشنى ئائىلىدىن باشلاشقا ۋەدە قىلىپ ئەسەتتىن ئىككى نۇسخا ئېلىۋالغان، ھازىر ئەسلىسەم، بۇنى ئۇنتۇپتىمەن، دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم، يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، يەنە ئەسلىدىم، ئايالىم بىلەن ئوغلۇمدا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ بىر قانچە خىل ئالامىتى كۆرىلىپتۇ، دەرھال ھەرىكەتكە كەلمىسەك بولمىغىدەك، شۇڭا مەن ناشتىلىق تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدىم، ناشتا قىلغاچ، ئىككەيلەنگە بۇنى ئوقۇپ بېرەي، ئاندىن ئۆينىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا چاپلاپ قوياي!...
X               X               X
مەن ناشتىلىق تەييارلاۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم، ھازىر بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇنداق يۈزەكى چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن ئانا-بالا ئىككەيلەننى قايىل قىلالمىغۇدەكمەن. قايسى بىر كىتاپتىدۇر كۆرگەن مۇنۇ بايانلار ئېسىمگە كەلدى؛ ھەربىر ئادەم ئۆز خاھىشى بويىچە تۈرلۈك قاراشلاردا بولىدۇ ھەمدە ئۇنى تۈرلۈك ئاساسلار بىلەن قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەمما، كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ ھۆكۈمى ھامان ھېسياتنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدۇ. ئىككى ئادەم مۇنازىرىلەشكەندە ھەر قايسىنىڭ كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى ئادەتتىكى ئىش... ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ئېھتىيات ۋە زىرەكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئۆز قارشىڭنى ئېھتىيات بىلەن تۈزىتىش، ئۆز مۇددىئايىڭنى باشقىلارنىڭ پىكىرى نوقتىسىدىن تەكشۈرۈپ كۆرۈش زىيانلىق ئەمەس. شۇنداق قىلغىنىڭدىلا، باشقىلارنى قارىسىغا ئەيىپلاشتىن ياكى ئۆزۈڭنى قارسىغىلا ئاقلاشتىن خالىي بولالايسەن...
يوقارقىلارنى ئۇقىغان چېغىمدا ئانالىز يۈرگۈزمەي شۇنداقلا ئوقۇپ قويۇپتىكەنمەن، ھازىر قارايدىغان بولسام، يوقارقى مەنالار بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىغا بولۇپمۇ مەكتەپ يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەھۋالىغا تولىمۇ ماس كېلىدىكەن، ئەگەر ھازىر مەن ئۆز قارشىمنى ئۇلارغا تاڭسام ئۇلار «ئۆز قارشىمدا چىڭ تۇرۇش» ھەتتا مېنى يېتىم قالدۇرۇشنى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا ئۇ نېيىتىمدىن ۋاز كېچىپ ناشتىنى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان تەرۇزدا قىلدۇق، بىرلا پەرق- ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولىقىدا تىڭشىغۇچ، قولىدا يانفون، تورغا چىققاچ ناشتا قىلدۇق، ئەمما مەن ئۇنداق قىلمىدىم، گەرچە مەن گەپ تېشىش، ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم گەپ قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قولىقىدا تىڭشىغۇچ بولغاچقا، مېنىڭ دېگەنلىرىم ھاۋاغا سىڭىپ كەتتى...
مەن خىزمەتكە ماڭدىم، بۇ قېتىم مېنىڭ خىزمەتكە مېڭشىم باشقا كۈنلەرگە ئوخشىمىدى، قولىقىمدا تىڭشىغۇچ، قولۇمدا يانفون يوق، شۇڭا بىر قانچە خوشنىلىرىم بىلەن سالاملىشىپ، تېنچ-ئامانلىق سورىشىۋالدۇق، كەيپىم چاغ، تۈنۈگۈندىن بۇيانقى ئىشلارنى ئۇنتۇلغاندەك قىلىمەن، ئەمما ئاپتوبوسقا چىقىشىم بىلەنلا يەنە كۆڭلۈم غەش بولدى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە، خىزمەتچىلەر خىزمەتكە ئالدىرىغاچقا، ئاپتوبوس تولىمۇ قىستاڭ ئىدى، بىر ئاپتوبوسقا چىقالمىدىم، ئىككىنچى ئاپتوبوس كەلدى، ئارقامدىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىتتىرىش بىلەن ئاپتوبوسقا چىقىپ قالدىم، ئەمما ئادەمنىڭ كۆپلىگىدىن يىڭنە تاشلىسا يەرگە چۈشمەيتتى.
ئاپتوبوستا قېيا-چېيا كۆترىلدى، قۇچىقىدا بالا كۆتىرىۋالغان ئاياللارنىڭ قولىدىكى «تىلسىز» بالىلار يىغلاشقا باشلىدى، ئاپتوبوسنىڭ بېكەت مەلۇم قىلىش كارنىيىدىن: «ئالدىمىزدىكى بېكەت غالىبىيەت يولى بېكىتى، غالىبىيەت يولى بېكتىدە ئاپتوبوستىن چۈشىدىغانلار ئارقا ئىشىكتىن چۈشىڭلار، قېرى، ئاجىز، مېيىپ، ئىككى قات، قۇچقىدا بالىسى بارلارغا ئورۇن بېرەيلى...» ئەمما بىرەر ئادەم ئۇلارغا ئورۇن بەرمەيتتى، مەن قىستىلىپ ئارقىغىراق سىلجىدىم، ئاپتوبوسنىڭ ئۇرۇندۇقىنىڭ مۇتلەق كۆپىنى ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ، قولىدا يانفون، ئىڭىشىپ تۇرۇپ «تور» غا چىقىۋاتقان بولغاچقا ھېچقايسىنىڭ قولىقىغا كىرمەيتتى...
-بۇ يەردە ئولتۇرىۋېلىڭ- سىڭلىم!- دېدى 50 ياشلار چاممىسىدا بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە ئاپتوبوسنىڭ كوچا تەرىپىدە پۈتۈن زېھنى بىلەن تورغا چىقىۋاتقان بىر قىزىنى نوقىدى،- مەن ئۆتىۋالاي، ئاۋۇ ئايالنىڭ قۇچىقىدا بالىسى بارىكەن...
-ئۇھوش!- دېدى ھېلىقى تورغا چىقىۋاتقان قىز ئاپتوبوسنىڭ دېرىزىسى تەرەپتە ئۆرە تۇرغان دادىسى دېمەتلىك ئەرگە ئالىيىپ ۋە يەنىلا يانفوندىن كۆزىنى ئۈزمەي ئاپتوبوسنىڭ دېرىزىسى تەرەپتىكى ئورۇنغا سىلجىدى.
-ھازىرقى ياشلارنىزە، ئۆزى ئورۇن بەرمەكتە يوق، دادىسىدەك ئادەمگە سوغوق تەگكىنىنى!
-...
-...
ئاپتوبوس ئىچىدە غولغۇلا كۆتىرىلدى، ئۇ قىزغا لەنەتلەر ياغدى، ئەمما ھېلىقى قىزنىڭ خىيالىغا كەلمەي يەنە «تور»نىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىدى.
قۇچىقىدا بالىسى بار ئايال ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ قىزنىڭ قېشىدا قورۇنۇپ ئولتۇردى، ئۇ ئايالنىڭ بالىسىمۇ يىغىدىن توختىدى، ئاپتوبوستىكى كىشلەر ھۆرمەت نەزىرى بىلەن ئورۇن بۇشۇتۇپ بەرگە  ئەرگە قاراشتى.
-...
-...
ئاپتوبوستا يەنە غولغۇلا، ياق، تاپا-تەنە، مىننەتدارلىق ساداسى كۆتىرىلدى، بىراق بۇ تاپا-تەنىلەرنى قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ، قولىدا يانفون بارلار ئاڭلىمايتتى. كىشىگە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، ۋاقتىدا يارىدەم قىلىش، باشقىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشنى كۈتمەيلا يارىدەم قولىنى سونۇشنىڭ، يارىدەم قوبول قىلغۇچىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر مەجبۇرىيەت سىزىمىغا ئىگە قىلىشنى، مەجبۇرىيەتنىڭ مىننەتدارلىق ھېسياتىغا ئايلىنىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى...
يوقارقى كۆرىنىشلەردىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ياخشىلىقلارنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان زەنجىر ئىكەنلىگىنى، بارلىق بەخىت-سائادەتنىڭ مەركىزى ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
شۇنداق، گۈزەل ئەخلاق كىشىنى ئىھتىياتچان، ئاڭلىق، پاراسەتلىك، سادىق، باتۇر، پۇختا، راستچىل... قىلىدۇ. قىسقىسى سېنىڭ ھەممە گۈزەللىككە ئىگە بولغان باتۇر، قەيسەر بولۇشۇڭغا ئىمكان بېرىدۇ، گۈزەل ئەخلاق دېگەن پانى دۇنيانىڭ قوياشى، ئۇ شۇقەدەر سۆيۈملۈككى، ئۇ ھەم تەڭرىنىڭ ھىممىتىگە سازاۋەر ھەم بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە، گۈزەل ئەخلاق ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشكە، ئۆلگەنلەرنى ياد ئېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ...
ئاپتوبوسنىڭ بېكەت مەلۇم قىلىشى دىققىتىمنى چاچتى، مەن چۈشىدىغان بېكەتكە كەلگەنىدىم، مەن ھېلىقى ئورۇن بەرمىگەن ياش قىزچاققا نەپرەت كۆزۈم بىلەن، قۇچىقىدا بالىسى بار چوكانغا ۋە ھېلىقى ئورۇن بوشىتىپ ئۆزى ئۆرە تۇرغان 50 نەچچە ياشلىق ئەرگە ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن قاراپ قويۇپ ئاپتوبوستىن چۈشۈپ قالدىم.
بىزنىڭ ئىدارە قىلاي دېسە ئىش تۈگمەيدىغان، قىلمىسا خىزمەت توختاپ قالمايدىغان ئىدارە ئىدى، تور يېڭى چىققان چاغدا ھەممە ئادەم تورغا مەستانە بولۇپ، كەسپى خىزمەتكە تەسىر يەتتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى «تور خومارى» لىرىنىڭ بۇ ھالىتىگە تەدبىر قوللىنىپ، تۇيۇقسىز تەكشۈرىدىغان، كىمكى توردا ئويۇن ئويناۋاتقانلارنى بايقىسا ئۇلارنى ئومۇمى ئۇقتۇرۇش بىلەن تەنقىد قىلىدىغان تەدبىرنى قوللىنىپمۇ چەكلەپ بولالماي، ئىدارە بويىچە باشلىق ئىشخانىسىدىكى تور بىلەن ئىشخانا مودىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى تورنىلا ساقلاپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن «تور مەستانلىرى» بىر مەزگىل ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەقلىيفون ئومۇملىشىشى بىلەن تەڭلا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنىڭ بۇ تەدبىرى، مەكتەپلەرنىڭ يانفوننى چەكلەش چارىسى سۇغا چىلاشتى...
ئەتىگەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئەتىگەندىلا تىڭشىغۇچنى ئالمىغان ئىدىم، ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن كاللام يەنە چېچىلدى، مەن يانفونىمنى ئېتىۋېتىپ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى يىغىلىپ قالغان گېزىت-ژورناللارنى كۆرۈش ئۈچۈن، پوچتالىيۇن ئەكىرىپ پىچىتى بۇزۇلماي تۇرغان گېزىت-ژورناللارنىڭ پىچىتىنى بۇزۇپ، تېخى ئەمدى بىر ژورنالنى ۋاراقلاپ تۇرۇشۇمغا ئىشخانا مودىرى ئۈسۈپ كىرگىنىچە كايىپ كەتتى؛
-ئىدارىنىڭ تۈزۈمىنى بىلمەمسىز، ئىدارە باشلىقى سىزگە تېلېفون ئۇرسا يانفونىڭىز ئېتىك ئىكەن...
-كەچۈرۈڭ مودىر، ئاخشام توك قاچىلاشنى ئۇنتۇپ...،- مەن ئىشخانا مودىرىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىدىم.
-توك قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس، كېچىچە QQ ئوينىدىم-دەڭا!- دېدى ئىشخانا مودىرى،- توك قاچىلاشنى ئۇنۇتقان بولسىڭىز توكدان بارغۇ؟
-ھە، مەن... ئۇنىڭدىمۇ زاپاس توك يوق ئىدى، شۇڭا...،- مەن چاندۇرۇپ قويدۇم.
-...
-...
بىز خېلىغىچە تالاشتۇق، كۆرسەتكەن باھانىلىرىم پەقەت چاك باسمىدى، ئاخىر بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ باشلىق ئىشخانىسىغا كىرىپ بىر مۇنچە تەنقىد ئاڭلىدىم. ئەسلى ئىدارە باشلىقى مېنى يوقىلاڭ بىر ئىش بىلەن ئىزدىگەن بولۇپ، ئۇ ئىدارىنىڭ «خىزمەتچىلەرنىڭ يانفونى 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇش» دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن كايىپ كەتتى، مەن خاتالىقىمنى بوينۇمغا ئېلىپ يۈزۈم بىلەن ماڭغاندەك يامان تەستە قايتىپ چىقتىم.
گېزىت-ژورنال كۆرمىگىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ، يېقىنقى گېزىتلەرنى بىر قۇر ۋاراقلاپ، ماۋزۇلىرىنىلا كۆرۈپ تۇرۇشۇمغا گېزىت ئارىسىدىن مەن مۇشتىرى بولغان بىر ژورنال «پاققىدە» يەرگە چۈشتى. ژورنالنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاۋاتسام كۆزۈم «ئىنتېرىنت تورى تەشۋىشلىرى» دېگەن بىر ماقالىغا چۈشۈپ، ماقالە مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى، ماقالىنىڭ ھەجىمى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ ئەمما بىر تىنىق بىلەنلا ئوقۇپ تۈگەتتىم، ماقالە «ھەممە پۇل ئۈچۈن»، «كۆپ سانلىق كىشلەر تەدىرىجى نامراتلىشىۋاتىدۇ»، «ئىجتىمائى ئالاقە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش 5 كىچىك ماۋزۇلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر قېتىم ئوقۇپ بولۇپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ماقالىنى قايتا ئوقۇدۇم، ئىككىنچى قېتىم ئوقىغاندا ئۇنى مەلۇم گېزىتكە بېرىلگەن «ئۈندىدارغا كۆز تەگمىسۇن» دېگەن ماقالە بىلەن ۋە جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق، ئاپتوبوس بېكىتى ۋە ئاپتوبوستا كۆرگەنلىرىم، چايخانىدا ئۆز قولۇغۇم بىلەن ئاڭلىغانلىرىم بىلەن سېلىشتۇردۇم، ماقالىنىڭ «ھەممە پۇل ئۈچۈن» كىچىك ماۋزۇ ئاستىدا مۇنداق دېيىلگەن: بەزى مۇتەخەسسىلەر ئىنتېرتورىنى كەلكۈن، يىرتقۇچقا ئوخشىتىدۇ. ھالبۇكى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ نۇرغۇن كىشلەر كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇشۇ «كەلكۈن»، «يىرتقۇچ» لار بىلەن بارغانسېرى زىچ باغلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا... 2014-يىلى دۇنيادىكى 3 مىلىيارد تورداش مىنوتقا 204 مىلىيۇن پارچە ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئەۋەتكەن. 72 سائەتلىك YOUTUBE سىن كۆرۈنۈشى يوللىغان، گۇگىل (GOOGEL) دا 4 مىلىيۇن قېتىم ئۇچۇر ئىزدىگەن. 2 مىلىيۇن 460 مىڭ پارچە FCEBOOK ئۇچۇرىنى ھەمبەھرىلىگەن،  TWITTEL دا 277 مىڭ پارچە يازما ئۇچۇر ئېلان قىلغان. ئامازۇن تور بېكىتىدە 830 مىڭ دوللار خەجلىگەن...
ئىنتېر تورى ماگىناتلىرى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي «ئىنتېر تورى ھەممەيلەننى باراۋەر سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ، كىشلەرگە ئەركىنلىك، ھوقۇق ۋە ئۇچۇر بەخىش ئېتىدۇ» دىيىشمەكتە...
بىراق، ئىنتېر تورى ھوقۇق ۋە بايلىقىنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ قولىغا كىشىنى چۈچۈتكىدەك تېز سۈرئەتتە يۆتكىمەكتە. كۆپ سانلىق كىشلەر ئەكسىچە تېخىمۇ زور باراۋەرسىزلىككە، يەنى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادىلسىزلىققا مەھكۇم بولماقتا. مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر نوقتا شۇكى، ئىنتېر تورى ھەممە ئىشتا پۇلنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىدۇ...
يوقارقى پۈتۈكلەرنى «ئۈندىدارغا كۆز تەگمىسۇن» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىدىكى «... ھازىرقى جىددى خىزمەت، تېز تۇرمۇش رىتىمدا كىشلەرگە گەپ قىلىش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك، مىسالەن، ئىدارەمدە رەھبىرى خادىم، باشقۇرغۇچى بولمىسلا گەپ قىلىش پۇرسىتى كەمدىن-كەم بولىدۇ؛ ئائىلىدە ئەر-خوتون، بالا چاقا ئۈندىدار ئويناپ ئالدىراش بولغاچقا گەپ قىلىشقا چولىسى يوق... شۇڭا بۇ چاي كىشلەرنى پاراڭلىشىش سورونى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ دىۋەڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن...» دېگەن سەپسەتە بىلەن تامامەن زىت.
«ئىنتېرىنت تورى تەشۋىشلىرى» دېگەن ماقالىنىڭ «كۆپ سانلىق كىشلەر تەدىرىجى نامراتلىشۋاتىدۇ» ماۋزۇ ئاستىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئىنتېرتورى ئەمەلىيەتتە خۇسۇسىلار ئىگىدارلىقىدا، ئۇنىڭغا چوڭ شىركەتلەر يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ دېموكراتىيە، باراۋەرلىك دېگەنلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ رەزىللىكى تېخىمۇ يوشۇرۇن... ئاتالمىش «ھەممىگە نەپ يەتكۈزىدىغان» تور ئىقتىسادىنى ئەمەلىيەتتە نەچچە ئون نەچچە يۈز مىلىياردلىق بازار قىممىتىگە ئىگە  بىر قانچە شىركەتلا كونتىرول قىلىدۇ، ئەجەبا، بىز ئىشسىز قېلىشنى خالامدۇق؟ ئۆزىمىزنى مۇشۇ تور بېكەتلىرىگە تاپشۇرامدۇق؟ رەقەملىك ئىگىلىك ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشلەرنى ئەشەددىي بېيىتماقتا، ئەكسىچە كۆپ سانلىق كىشلەرنى تەدىرىجى نامراتلاشتۇرماقتا....
يوقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ئىختىيارسىزلا ھازىرقى قەرزىم ئىسىمگە يەتتى، خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىلغىچە تىجەپ خەجلەپ ھازىرقى خوتونغا ئۆيلەنگەن، ئاتا-ئانامغا قىچلىك ئېغىرچىلىقمنى سالمىغان، ئەمما مائاشىم 7 مىڭ يۈەندىن ئاشقاندا قەرزىمىز 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى، خوتون ئاپتوموبىل غەلۋىسىنى قىلىۋاتىدۇ، ئىككى ئوغولنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىدىغان، ئۇلارنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىدىغان ئىش بار، ھازىر بىزنىڭ مۇشۇ شەھەردىمۇ تويلۇق كام بولغاندا 50 مىڭ يۈەنگە چىقتى. بەزى قىزلار تېخى «ساياھەت تويى» قىلىش تەلىۋىنى قويىدۇ، تويلۇق سۈرەتكە مەركىزى شەھەرگە بېرىپ چۈشۈش، 24 نەچچە كىشلىك «لىنكولىن» ماركىلىق ماشنىدا قىز يۆتكەش، ئۆيى بولۇش... قاتارلىق قۇشۇمچە شەرتلەرمۇ بار تېخى. ئەگەر مەركىزى شەھەرگە بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن بىر قانچە مىڭ يۈەن، ئۆي ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە يۈز مىڭ يۈەن....
بولتۇر بىر گېزىتتە «بىر پەرزەنت يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە 650 مىڭ يۈەنن كېتىدۇ» دېگەن بىر ماقالىنى كۆرۈپ ئەينى چاغدا ئېرەن قىلماپتىكەنمەن، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ھازىرقى ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىش ئىددىيىسى كۈچلۈك، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا «...بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلدى...» دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەرنى كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق، ئەمما بۇنداقلار بەك ئاز ياكى بىزنىڭ يورتلاردىن بۇنداق بالىلار چىقمايدىغان ئوخشايدۇ، بىزنىڭ «پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىش ئاتا-ئانىسىنىڭ قەرزى، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك پەرز...» دېگەنگە ئوخشاش بەزى ئەنئەنىمىزنى ئىسلاھ قىلمىساق بولمايدىغاندەك، مېنىڭچە ئوقۇتۇش پەرز بولۇشى توغرا، ئەمما ئۇلارنى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق قىلىش «پەرز» بولمىسا كېرەك....
مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىنى ۋە ئاخىرىدا ياۋروپادىكى 17 دۆلەتنى تەكشۈرۈش شەرپىگە مۇيەسسەر بولدۇم، تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەممە ساھەدىن بىرەرنى تەكشۈرۈپ باقتۇق. بىز گىرمانىيىنىڭ مىيونخىن شەھرىگە قاراشلىق بىر دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بىر مەيداننى تەكشۈردۇق. مەيدان ئىگىسى (غوجايىنى) 57 ياشلىق بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىۋاتقان يېرى 20 نەچچە مىڭ مو، بېقىۋاتقان چارۋىسى (كالا، ئات)، بىر قانچە مىڭ تۇياق ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى پۈتكۈل ھېسابات ئىشلىرىغا، ئۆزى ئومۇمى ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن قانچە بالىسى بارلىقىنى  سورىغىنىمىزدا ئۇ بىرلا ئوغلى بارلىقىنى، ئوغلىنىڭ بىر يېزا ئىگىلىك ئونۋىرستېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغانلىقىنى ئېيىتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلى يىلىغا قانچە پۇل ئىكەنلگىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، ئوقۇش پۇلىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ھەر يىلى يازلىق، قىشلىق كانىكولدا ئىشلەپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. بىز ئۇ غوجايىندىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قەيەردىن خىزمەت تاپىلايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «ئوغلۇم بىر ئۇنۋاننى ئېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرەلمىسە (بىزنىڭ تەرجىمان ئۇ ئۇنۋاننى تەرجىمە قىلالمىدى) مەن ئىگىلىگىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىمەن، ئەگەر ئۇ ئۇنۋاننى ئالالماي كەلسە، شۇ ئۇنۋاننى ئالمغىچە باشقا جايدا ئىشلەپ كۈنىنى ئالىدۇ» دېدى بىز ھەممىمىز ئىنتايىن ھەيران قالدۇق.
دىمەك يوقارقىلاردىن چەتئەلنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى بىلەن بىزنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ...
يەنە ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك  «ئىنتېرىنت تورى تەشۋىشلىرى» دېگەن ماقالىنىڭ «شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قىينلاشتى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «... بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئىنتېر تورى يەنە ھەر بىرىمىزنى تاۋارغا ئايلاندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ، بىز تورغا چىققاندا، ئىنتېر تورى ماگىناتلىرى ئۇچۇرىمىزغا ئېرىشىدۇ، سالاھىيىتىمىزنى، قىزىقىشىمىزنى، ئادىتىمىزنى بىلىۋالىدۇ» ئىچكى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان تورداشلار «ئېلېكتىرونلۇق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نازارەت» مۇھىتىدا ئۆزى خالاپ تۇرۇپ، يانچى قۇللارغا ئوخشاش ياشايدۇ. مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن تارتىپ چوڭ تىپتىكى تور شىركەتلىرىگىچە بىزگە ئالاقىدار بارلىق ئىشلارنى ئاساسەن ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە تاقىۋالغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەر (ئالما ماركىلىق سائەت دېگەندەك) ئومۇمىلاشسا ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ يامان بولىدۇ. كۆرۈنۈشتە ئىنتېر تورى بىزنى ئۇچۇر دېگىزىغا ئېلىپ كىرگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆز نۆۋىتىدە ھەر بىر ئادەمنى «ئۇچۇر» غا ئايلاندۇرۋېتىدۇ، بىلوگ، مىكروبىلوگ، مۇنبەردىكى ھەرخىل شەخسى ئۇچۇرلار، تورغا چىقىش خاتىرىلىرىنى تەكشۈرگىلى، ئىزدەش موتورى ئارقىلىق تاپقىلى، ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تورداشلارنىڭ خىلمۇ خىل شەخىسى مەخپىيەتلىكلىرى ھەر تۈرلۈك ئاپپاراتلار ياكى شەخىسلەر تەرىپىدىن ھەرخىل يوللار ئارقىلىق پايدىلىنىلماقتا ۋە ئۇلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرمەكتە. جۈملىدىن، ئىنتېر تورى ساغلام ۋە ئاشكارا جەمئىيەت بەرپا قىلالمايلا قالماي، كىشلەرنىڭ شەخىسى مەخپىيەتلىكىنى بىتىچىت قىلماقتا، ئۇ كشىلەرنى ھەر زامان ئاپپاراتلارنىڭ نازارىتىگە چۈشۈرۈپ قويدى...
دېمەك، بىر قېتىملىق تورغا چىقىشتىن يوقاتقان نەرسە نەچچە يىلدىن بۇيان ئەستايىدىللىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەرسىدىنمۇ كۆپ بولىۋاتىدۇ، شەخسى ئۇچۇرنىڭ ئوغورلىنىشى سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقان ئالدامچىلىق دېلولىرى قەدەمدە بىر يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى داغدا قويىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، يېقىندا مەلۇم مەركىزى شەھەردە يۈز بەرگەن «ئۈندىدار سەتچىلىگى» ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ دىلىغا ئازار بەردى، توردا قوزغالغان بەس-مۇنازىرە بەزىلەرنىڭ غورورىغا تەگدى، يۇرتۋازلىق، بۆلگۈنچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى...
«ئىنتېرىنت تورى تەشۋىشلىرى» دېگەن ماقالىنىڭ «بەدىئى ئىجادىيەتكە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزو ئاستىدىكى يازمىدا مۇنداق دېيىلگەن: تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىۋاتقان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، ئىنتېر تورىدىكى «ھەقسىزلىق» دولقۇنى ئىجادىي كەسپىلەرگە زەربە بەردى. بۇنىڭ سەۋەبى ئاددىي: ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ماقالىسى، رەسىمى، كىتابلىرىغا ھەقسىز ئېرىشكىلى بولسا ئۇلار قانداق پۇل تاپىدۇ؟ كشىلەرگە قانداقچىلارچە مەنىۋى ئۇزۇق بېرەلەيدۇ؟!
يېڭى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىر مونۇپۇل سەھنىسىنى زورايىتىۋەتتى. بىراق، بۇ مونۇپۇل كاتتىباشلىرى بەدىئىي ئىجادىيەتكە تۈپتىن  قىزىقمايدۇ. ئامېرىكىدا فوتوگىرافلارنىڭ %43، گېزىت-ژورنال تەھرىرلىرى %27 ئازلاپ كەتكەنلىگى بۇنىڭ دەلىلى، ئۇلار پەقەت يوقىرى سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلەردىن تەشكىللەنگەن نەشىرىيات شىركەتلىرى، ئۈن-سىن شىركەتلىرى قاتارلىقلارنى شاللاۋاتىدۇ. ئەمما كونا نەرسىلەر شاللانغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ ئورنىنى نېمە ئېلىۋاتىدۇ؟ ئىگىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان ئىغۋالار، غەزەپلەنگەنلەرنىڭ زارى، شۇنداقلا يەنە مىلىيۇنلىغان تور مەستانلىرى بار تۇرۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ماركىسىنى تەشۋىق قىلىشقىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان نامىدارلار، خالاس...
يوقارقى ئەھۋاللار مىللىتىمىز ئارىسىدا، جەمئىيىتىمىزدە ئەڭ تىپىك بولۇپ، گېزىت-ژورنال، ھەرخىل كىتاپلارنىڭ تىراژىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، كىتاب ئوقۇماي ئەتىگەندىن كەچكىچە تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش... قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلى، ئەگەر بۇ مەسىلە ھەل قىلىنماي ھازىرقى پېتى كېتىۋەرسە، مىللىتىمىزنىڭ  قەيەرگە بېرىشى، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇشى ھەربىر ئادەمنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى...
«ئىنتېرىنت تورى تەشۋىشلىرى» دېگەن ماقالىنىڭ «ئىجتىمائى ئالاقە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇ قىسمىدا مۇنداق پۈتۈكلەر بار: ئىنتېر تورى كىشىلەرگە ئىزچىل ھالدا «بىز ئىجتىمائى ئالاقىگە ھېرىس، ئىنتېر تورى بىزنى ئەڭ ياخشى ئىجتىمائى ئالاقىگە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگەن خاتا تۇيغۇنى بېرىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە تور ئالاقىسىدا تاراتقۇغا يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي ئالاقىنى ھەققى مۇددىئا قىلغىنى ناھايىتى ئاز. بىز ئىنتايىن زىچ ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت تورلىرىغا قىستىلىپ قالدۇق. بۇ يەردە كۈتۈلمىگەن بايقاش مەۋجۇت ئەمەس. ھەممىلا ئىش ئالدىن بېكىتىلىگەن، سىزگە نامايان قىلىنغان ھەممىلا نەرسىنىڭ سىزگە ياقىدىغانلىقى ئۇلارغا بەش قولدەك ئايان... ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى كىشلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىنى ساقلىشىغا يارىدەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پەرۋىش قىلىۋاتقىنى ئۆز خومارلىق (نارتسىزىم)، ئىلھام بېرىۋاتقىنى ئىنسان تەبىئىتىگە يات بىرخىل پىسخىك ھالەت... مەلۇم بىر تور بېكىتىگە يوللانغان 14ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ سۈرىتىنىڭ يېرىمىنى دېگىدەك ئۇلار ئۆزلىرى تارتقان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى بۇ تاراتقۇ ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلماقچى بولۇشىدۇ.
كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئىجتىمائى ئالاقە تورى ۋە كۆرۈنمە چاستوتلىق ئويۇنىنىڭ دوپامىن (مېڭە ئىشلەپچىقىرىدىغان، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددا) نى قوزغىتىش ئۇسۇلى ئەخلەت يېمەكلىكلەر ۋە باش چايقاش كومىلىچىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن.
تور بوشلىقىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى كەمچىل بولغاچقا، تور ئابونتلىرى ئىشلىرىنىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتىنى كۆرەلمەيدۇ. كىشلەر توردا ئۇچۇر قوبۇل قىلىشقا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلسىمۇ، بىراق دىقىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. نەتىجىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغان ۋاقتىمۇ قىسقىرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائى ئالاقە سۇسلىشىدۇ. بۇنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرايدىغىنى سان –سىپىر دەۋرىدە توغۇلغان ياشلاردۇر...
دىمەك، يوقارقىلارنى تورغا مەستانە بولغان ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئەمەس، چوڭلارمۇ ھەتتا جەمئىيەتمۇ تونۇپ يەتكىنى يوق.
مەن يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر كىتاپتىن ئوقۇغان تۆۋەندىكى «ئەقلىيە سۆز» لەر ئېسىمگە كەلدى؛ بەزىدە تۇرمۇش بىمەنە چاخچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەللا ئىھتىياتىسزلىق قىلىدىغان بولساڭ، ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەقلىمۇ، ئىھتىياتمۇ، جاسارەتمۇ، ھەتتا بىلىممۇ سىناقتىن ئۆتۈشكە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويۇش لازىم. ئۆزۈڭگە ئەڭ ئىشەنچىلىك بىلىنگەن كۈن ئەڭ ئىشىنىپ بولمايدىغان ۋاقىتتۇر. ھۇشيارلىق ساڭا تازا كىرەكلىك چاغدا غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. «زادى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېگەن بىزنى ئاسمانغا چىقىرىپ، ئاندىن يەرگە تاشلىۋېتىدۇ، بىزنى ئىنچىكە كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئەنە شۇ تاكتىكىنى ئىشلىتىدۇ؛ بىر تەرەپتىن بىزنى دەڭسەيدۇ، پەملەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھېچقانداق تەييارلىقىمىز يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىزگە قول سالىدۇ...
شۇنداق، بۇ تەقدىرنىڭ بىزگە قىلىۋاتقان چاخچىقى، ئۇلار بىزنىڭ ئويۇنغا ھېرىس ئىكەنلگىمىزدىن پايدىلانغان، قارىغاندا پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ھەركەتكە كەلسەك، ھازىرقى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنى پاتقاقتىن تارتىپ چىقىرىشىمىز تەستەك قىلىدۇ، بۇ سىزنىڭ، مېنڭلا ئىشىم بولماستىن مىللەتنىڭ ئىشى، شۇڭا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا، جەمئىيەت، ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ، پۈتكۈل مائارىپ ئورتاق تىرىشىمىز لازىم...
ئىلاۋە: ئەدەبىياتنىڭ مەقسىدى، ھەرخىل تۇرمۇشنى تەسۋىرلەش، ئوبراز يارىتىش... قاتارلىقلار ۋاستىلار ئارقىلىق كىشىلەرگە مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلىپ، كىشلەرنى يامان يولدىن توسۇپ، ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەشكە ئۈندەشتۇر. مەن باشتا دېگەندەك گۈزەل ئەخلاق ھەممە ياخشىلىقلارنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان زەنجىر، بارلىق بەخىت-سائادەتنىڭ مەركىزى. گەرچە ئەدەبى ئەسەر «توقۇلما» بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتىكى رېئاللىقتىن چەتنىمىگەندىلا كىشلەرنى ئىرادىلىك، شەرمى-ھايالىق، كۈيۈمچان قىلىپ تەربىيلەپ چىقالايدۇ ۋە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيدۇ. مەن ھازىرقى رېئال تۇرمۇشتا يۈز بېرىۋاتقان رېئالنى ئەھۋاللارنى كۈزىتىش، تەتقىق قىلىش  ئارقىلىق بۇ يازمامغا ئەڭ ئاخىرقى قىسمىنى قوشۇشقا مەجبۇر بولدۇم، گەرچە ئاخىرقى بابى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشىماي قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ پىسخىك ھالىتىدىن، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارىغاندا، دەرھال ھەممە ھەرىكەتكە كەلمىسەك بولمايدىغاندەك، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىنى قوللىمىغانلىق ئەمەس. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئىزاھات: ①لوبەن- غوجايىن
② سەنكاۋ-پايدىلىنىش.
③ جۈجاڭ- ئىدارە باشلىقى
ئادىرىسى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزاۋات شۆبىسى
تېلىغۇن: 13999086084

11

تېما

14

دوست

5821

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايشەم سادىر
تۆھپە
3696
مۇنبەر پۇلى
2799
ئىشەنىچ
3696
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 00:49:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!كۆپ ئەجىر قىپسىز

0

تېما

0

دوست

3014

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1039
مۇنبەر پۇلى
1978
ئىشەنىچ
1039
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 10:05:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن تىما بوپتۇ  ھەرقانداق بىر ئەسەردە ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋەقەلىكنىڭ ئىجىدىماھى تۇرمۇشتىن چەتنەپ كەتكەن  تەرپى بولمىسا كىرەك.

11

تېما

14

دوست

5821

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايشەم سادىر
تۆھپە
3696
مۇنبەر پۇلى
2799
ئىشەنىچ
3696
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 04:47:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21132113 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 10:05
ھەقىقەتەن ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن تىما بوپتۇ  ھەرقانداق بىر  ...

بۇ تېمىنى ئۆتكەندە ئوقۇغاندا،بىر سائەت ۋاقتىم كەتتى
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-6-2 15:49:50
ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!كۆپ ئەجىر قىپسىز
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-6-4 12:25:06
yakxi yezipsiz ,hazirki jamiyattiki amali ahwal kan
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-11 20:52, Processed in 0.173647 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش