تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1333|ئىنكاس: 2

قاراقاش ناھىيەسىدە كاتتا ساخاۋەتلىك ئىشتىن يەنە بىرسى بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

0

دوست

380

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
32
مۇنبەر پۇلى
311
ئىشەنىچ
32
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-30 00:31:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش ناھىيەسىدە كاتتا ساخاۋەتلىك ئىشتىن يەنە بىرسى بولدى
دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خەۋىرى:

مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەش قاراقاش كارخانىچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى. يېقىندا قاراقاش ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مائارىپقا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئىئانە توپلاش ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى» دە كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى.  قاراقاش ناھىيەسىدىكى 80 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كارخانا مائارىپنى قوللاش، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەمدە مەكتەپكە مېڭىش ئالىداتۇرىۋاتقان ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 2 مىليون 890 مىڭ 265 يۈەن ئىنائە قىلدى. پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى مەمتىمىن ئابدۇللا مۇھىم سۆز قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقىغا ئاپىرىن ئوقىدى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىش، جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا ياخشى  تېلەكلەرنى بىلدۈردى. پائالىيەت جەريانىدا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى، ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلدى. بالىلار يازغۇچىسى، شائىر ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار «ياخشى ئىشنى قىلساڭلار ھاياتلىقتا ئادەملەر» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ پائالىيەت ئەھلىنى قىزغىن ھاياجانغا چۆمدۈردى. پائالىيەت ئاخىرىدا 2015-يىلى 7-ئايدا لىياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجۇ ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئىستىقبال يۇلتۇزى لوڭقىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 10 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، كۈچلۈك تۆت كوماندا قاتارىغا كىرگەن ۋە ئەخلاق پەزىلەتلىك كوماندا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا ھاجىئېغىل كەنتىدە پەرھات مۇئەللىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان كوماندا ئەزالىرىدىن ئىككى نەپەر ئۆسمۈر، شۇنداقلا بۇ كوماندىدىكى بارلىق كوماندا ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇكاپاتلاندى.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى:

IMG_3710.jpg

رىياسەتچىلەر پائالىيەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا
IMG_3977.jpg

ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللا سۆز قىلماقتا

IMG_3761.jpg

ماكانىم شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابلەت ئابابەكرى ئىئانە تەقدىم قىلماقتا

IMG_3807.jpg

شىركەت مەسئۇللىرى ئىئانە تەقدىم قىلماقتا

IMG_3825.jpg

شىركەت مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىئانە تەقدىم قىلماقتا

IMG_4099.jpg

خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۈن پۇتبول مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ۋە كوماندا ئەزالىرىغا مۇكاپات تارقاتماقتا

IMG_4057.jpg
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندا ئەزالىرى

IMG_4011.jpg

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھەسەنجان ئابلىمىت ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقاتماقتا

IMG_3994.jpg

ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار

IMG_3918.jpg

شىركەت مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىئانە تەقدىم قىلماقتا

IMG_3766.jpg

شائىر ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا

IMG_3742.jpg

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى

IMG_4133.jpg

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى

IMG_3900.jpg

مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار

IMG_3899.jpg

مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار

IMG_4023.jpg

ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى تەسىرات سۆزلىمەكتە

IMG_4030.jpg

ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى تەسىرات سۆزلىمەكتە

IMG_4127.jpg

ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار «مۇئەللىم» ناملىق نومۇرنى ئورۇندىماقتا

IMG_4175.jpg

پەرھات مۇئەللىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان كوماندا ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
4097
مۇنبەر پۇلى
5795
ئىشەنىچ
4097
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-31 12:16:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىش بۇ؟  ھەقىقىتەن كاتتا ساخاۋەتلىك ئىشكەن،  مائارىپنى قوللايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارغا ئالى سالام.

27

تېما

12

دوست

1233

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
278
مۇنبەر پۇلى
901
ئىشەنىچ
278
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-1 19:56:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنى قوللايدىغان كارخانىچىلارغا ئاپىرىن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-11 18:58, Processed in 0.140029 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش