بيېجىڭ-شىنجاڭ رىشتىسىنى باغلاپ،جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش پائالىيىتى
  دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خەۋىرى:   پايتەخت ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ «بېيجىڭ شىنجاڭ رىشتىسىنى باغلاپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى ھال سوراش ئويۇنى 26-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن قاراقاش ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ھال سوراش ئويۇنى بولۇپ، پائالىيەتتە بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 12 نومۇر، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكى بىر نومۇر، قاراقاش ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى بىر نومۇر بولۇپ، جەمئى 14 نومۇر كۆرسىتىلدى. بىرسى-بىرسىدىن سەرخىل ۋە ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان بۇ نومۇرلار كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.  تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىرگە بېرىلدى:
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
  |