تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1151|ئىنكاس: 4

قاراقاش ئەدىبلىرى زىيارەتتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

0

دوست

380

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
32
مۇنبەر پۇلى
311
ئىشەنىچ
32
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-15 03:50:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش ئەدىبلىرى زىيارەتتە

دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خەۋىرى:


قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى يازغۇچى-شائىر ۋە مۇخبىرلارئۈچ كۈن زىيارەت پائالىيىتىدە بولدى. پائالىيەت 2015-يىلى8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلدى. زىيارەت پائالىيىتىگە 30 نەپەرگە يېقىن يازغۇچى-شائىر، مۇخبىر قاتناشتى. پائالىيەتتە ناھىيە ئىچىدىكى ئىش-ئىزلىرى ئىلغار بولغان بىر قىسىم ئورۇن ۋە نەمۇنىلىك شەخىسلەر بولۇپ توققۇز نۇقتا كۆزدىن كەچۈرۈلدى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان ۋە ناھىيەلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يازغۇچى-شائىرلار يېڭى نۇقتا،يېڭى تېمىلار بىلەن ئۇچرىشىپ چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى.

تۆۋەندە زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر بېرىلدى:


IMG_2611.jpg

تۇنجى كۈنى ناھىيەلىك پارتكوم يىغىن زالىدا  ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت پائالىيىتى توغرىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
IMG_2624.jpg

كاۋاك يېزا بوستان كەنتىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ چۈشكەن ساخاۋەتچى ئادىل مەمەتنىڭ ئىش-ئىزلىرى زىيارەت قىلىندى.
IMG_2749.jpg

پېشقەدەم ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرى ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى (ئالدىدىكى كۆزەينەكلىك بوۋاي)
IMG_2683.jpg

كاۋاك يېزىسىدا كەڭ كۆلەمدە چىلان يەتكۈزۈپ بېيىغان، بېيىغاندا خەلقنى ئۇنتۇپ قالمىغان ساخاۋەتچى ئوبۇلقارى ئاخۇن زىيارەت قىلىنماقتا.
IMG_2664.jpg

قاراقاش ئەدىبلىرى چىلانزارلىقتىن چىقىپ يولدا كېتىۋاتماقتا
IMG_2853.jpg

يېڭىيەر يېزا ئاق ئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق موڭغۇل ساقچى پولې لېنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى مەخسۇس زىيارەت قىلىندى.(پولې لې ئۆزىنى تونۇشتۇرماقتا)
IMG_2843.jpg

پولې لې تۇرۇشلۇق ئاق ئۆستەڭ كەنتىسى قورۇسى
IMG_2901.jpg

ئۇرچى يېزىسىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە
IMG_2984.jpg

قاراقاش ناھىيەسىگە يېڭىدىن سېلىنغان تۆۋەن ئىجارىلىك «قەلبداشلار ئولتۇراق رايونى»
نىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىلىق زىيارەت ئېلىپ بېرىلماقتا
IMG_3085.jpg

ناھىيە ئىچىگە يېڭىدىن سېلىنغان «مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى» زىيارەت قىلىندى.
(ناھىيەلىك قەدىمى يادىكارلىقلار ئورنىنىڭ مەسئۇلى بۇ تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا
IMG_3456.jpg

224-تۈەنگە جايلاشقان «شىنجاڭ شىڭ شىياڭ مېۋە-چېۋە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى»
مەيدانى
IMG_3475.jpg

شىركەت مەسئۇلى شىركەت توغرىلىق چۈشەنچە بەرمەكتە
IMG_3480.jpg

ئەدىبلەر شىركەت ئىچىنى زىيارەت قىلماقتا
IMG_3567.jpg

قاراقاش ناھىيەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «پىدا دۇختۇرخانىسى» نىڭ مەسئۇلى
دۇختۇرخانا ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا
IMG_3636.jpg

ئەدىبلەر ئوپراتسىيە بۆلۈمىدە
IMG_3694.jpg

پىدا دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالدى تەرىپى (پىدا دۇختۇرخانىسى قاراقاش خەلق مەيدانىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان)
IMG_2662.jpg

ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە ئەھمىيەتلىك خاتىرە سۈرەت قالدۇرۇلدى (سۈرەتنىڭ ئارقا تەرىپىدە كاۋاك يېزىسىغا يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى)
IMG_2654.JPG
IMG_3465.jpg

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
4097
مۇنبەر پۇلى
5795
ئىشەنىچ
4097
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 11:14:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.

0

تېما

4

دوست

998

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
0030
تۆھپە
576
مۇنبەر پۇلى
426
ئىشەنىچ
576
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 13:17:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ئەھمىيەتلىك   پائالىيەت  بۇپتۇ.  قەلەم  كەش  ئۇستازلار  ئۇزۇن ئۇمۇر  كۇرسۇن.

4

تېما

4

دوست

2978

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
481
مۇنبەر پۇلى
2504
ئىشەنىچ
481
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 23:33:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ناھىيەلەردىكى تەشۋىقات بۈلۈملەر نەچچە يىلدىمۇ بىرەر قىتىم مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرمايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى كۈرۈپ قويسا بۇلاتتى .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-11 21:06, Processed in 0.141365 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش