پەلسەپىۋى ئەقلىيە سۆزلەر 1.چوڭقۇر دەريا جىمجىت ئاقىدۇ. 2.ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى سەۋەپ قېيىن ئەھۋالدا باشقىلاردەك ئۈمۈتسىزلەنمەستىن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۆرىشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدا. 3.ئازاپ-ئوقۇبەتكە قالغىنىڭىزدا ئۆگىنىش قىلىڭ.ئۆگىنىش سىزنى مەڭگۈ تىز پۈكمەسلىككە مەدەت بولالايدۇ. 4.ئادەمنىڭ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقرالىشى-دەل ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقرالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن. 5.سەۋىر-تاقەت ئەقىلدىنمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. 6.ئوڭۇشسىزلىقلار ئەمىليەتتە دەل بىزنىڭ مۇۋەپپەقيەت ئۈچۈن تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىمىز. 7.مەغلۇبىيەتنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.لېكىن ئۇنىڭ تەمىنى مەڭگۈ ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. 8.مۇھىت ئادەمنى ئەمەس، ئادەم موھىتنى يارىتىدۇ. 9.بۈگۈن ياش تۆكۈپ تېرىغان ئۇرۇقىڭىزدىن كۈلۈپ تۇرۇپ ھوسۇلغا ئېرشەلەيسىز. 10.پەقەت يولىڭىز توغرا بولسىلا،ھەرگىزمۇ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قارىماڭ!
2015-يىلى 14-ئىيۇن تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى |