خېجىڭ ناھىيەلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لوڭقىسى» ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى
 خېجىڭ پۇتبولچىلىقى تارىخىدا تۇلىمۇ خەيرلىك بىر كۈن بولدى. يەنى خېجىڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش مەركىزى ، ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە خېجىڭ ناھىيىلىك تۇنجى نۆۋەتلىق«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لوڭقىسى» ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا بىرلەشمە پۇتپول مۇسابىقىسى خېجىڭ ناھىيىلىك 3-باشلابغۇچ مەكتەپتە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۇتپول سۈيەر كىشىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ، دوستلۇقىنى، ئۆزئارا تەجىربىە ئالماشتۇرۇشىنى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ناھىيىمىزنىڭ «قۇياش نۇرى تەنتەربىيە ھەركىتى» نى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ناھىيە رەھبەرلىرى، مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى نەتىجىسىدە غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلدى. ئىشىنىمىزكى، غەمگۇزار رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارنىڭ ياردىمى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ماشلىشىشى، ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ جاسارىتى بىرلىشىپ خېجىڭ پۇتبولچىلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتونوم رايونىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشقۇسى!
|