- تىزىملاتقان
- 2013-3-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-12
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 297
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
 
- تۆھپە
- 66
- مۇنبەر پۇلى
- 231
- ئىشەنىچ
- 66
| گوۋۇيۇەننىڭ ‹‹شەھەر -يېزا ئاھالىلىلرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى نىزامى ›› ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ‹ شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى نىزامى ›نى يولغا قويۇش چارىسى ››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىملەرگە ئاساسەن ، بىر ئائىلىدە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شەھەر ئاھالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ھەر ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى (تۈرلۈك نەپىقە پۇللىرى بۇنىڭ سىرتىدا )شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەر ئايلىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن تۆۋەن بولسا ، شۇ جاينىڭ ئايلىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمگە يەتكۈزۈپ تولۇقلاپ بىرىلىدۇ ؛ بىر ئۆيدا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يىزا ئاھالىلىرى (دېھقانلار)نىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جايدىكى يىزا ئاھالىلىرى (دېھقانلار)نىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن تۆۋەن بولسا ، شۇ ئوتتۇرىچە كىرىمگە يەتكۈزۈپ تولۇقلاپ بىرىلىدۇ .‹‹ نىزام ›› ۋە ‹‹ چارە ›› دە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ ياش چەكلمىسى ھەققىدە بەلگىلىمە يوق ، ئەمگەك ئىقتىدارى ، قارىغۇچىسى ، كىرىم مەنبەسى يوق يەنى ‹‹ ئۈچ يوق ›› لار ، ئائىلىسدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بارلار ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ، مېيىپلار نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرلىدۇ ، ھەركەتچان باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە ،تۇرمۇش سەۋىيىسى ياخشىلانغانلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن قالدۇرلۇپ ، ئۇلاردىنمۇ قىيىنچىلىقتا قالغانلار تولۇقلاپ كىرگۈزىلىدۇ دەپ بىكىتىلگەن . قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىر 210 مىڭ شەھەر ئاھالىسى ، 700 نىڭ يىزا ئاھالىسى بۇ تەمىناتتىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ ، بۇ سان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبىكىتلىرىنىڭ 4تىن 1 نى ئىگەللەيدۇ . موشۇ تۆۋەن كاپالەت سوممىسى ئەسلىدە پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنىڭ نامراتلارغا قىلغان غەمخورلىقى، قىيىنچلىقى بارلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشىدىكى ۋاقىتلىق تولۇقلىما ئىدى ، لېكىن بىرقىسىم بەش ئەزاسى ساق ، كىرىم مەنبەسى بار ياش ، قىران كىشىلەرمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ھۆكۈمەت بىكارغا بىرىدىغان ‹‹ مائاش ›› دەپ قاراپ ، ھورۇنلۇق كەمىرىنى چىڭ تاقاپ ، ئىش - ئەمگەكتىن نېرى قېچىپ ، ‹‹ سەدىقە ›› گە تاينىپ جان بېقىش يولىغا كىرىۋالدى ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ موشۇ تەدبىرى بىر ھىساپتا موشۇنداق ھورۇنلار قارىتىلغان قامچا . ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش جەريانىدا يۇقىرىدا نۇقتلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان بەش خىل ئوبىكىتلا ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ ، باشقا كىشلەر ئىچىدىكى 18 ياشتىن ئاشقان ، 60 ياشتىن تۆۋەن بولغانلار ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەر بولۇپ ،نۇقتلىىق كاپالەتلەندۈرلىدىغان ئوبىكىتلار قارىغا كىرمەيدۇ ، شۇڭا بۇ مەسىلىدە تىما ئىگسىئاشۇ كۆپچىلككە ‹‹ ئەمگەك ئىقتىدارى بار ›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يەتكۈزۈپ سىياسەتنى توغرا تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى ئمىد قىلىمەن . تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تاما قىلىش ئەمگەك ئىقتىدارى بار ، ساغلام ،غورۇرلۇق كىشىلەر ئۈچۈن نۇمۇس . |
|