ئىزدىنىش ئارقىسىدىكى مىۋە چىچەكلىدى
2015- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىكى «چەۋەنداز» مېھمانسارىيىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى «قەھۋە چاي تائاملىرى»خانىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەسىدىكى ئىلمىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم زىيالىي، دوكتور، پرافاېسسور، ئوبزورچى، يازغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئايال قەلەمكەشلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى، ئۈرۈمچى «چىننۇرى بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى،<سۇلتان>زاۋۇتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ئاستىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. بۇ، ئايال قەلەمكەشلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بېرىكى ئۇلار ئۆتكۈزگەن ئايال قەلەمكەشلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىقى، 2015- يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن ئالدىنقى يىغىنلارغا قارىغاندا ئىلمىيلىكى بىر قەدەر يۇقىرى، سۈپەتلىك بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان يىغىن بولۇپ، بۇنىڭدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئاياللار ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە 12مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى گۈلجامال مەمەتىمىننىڭ «ئۇيغۇر فېمىنىزم ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتاۋى ھەققىدە تەھلىل ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مەن بۇ مۇھاكىمىگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم ھەم تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، چۈنكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ بىر ئايال ۋە ئانا، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن سىرت، ئۆزىگە تەۋە بولغان كىچىككىنە ۋاقتىنىمۇ زايە قىلماستىن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئاياللار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسى سۈپىتىدە خەلقىمىزگە سۇنغان ئەمگەك مېۋىسىدىن مەمنۇنلۇق ئىچىدە مېھمانلارغا ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن سالام بېرىۋاتقان سۈيۈملۈك ھەدەم گۈلجامال مەمتىمىننىڭ ھەقىقىي قەلبىنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغانلىقىمدىن خۇرسەن بولغان ھالدا قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم . گەرچە مەن گۈلجامال ھەدەمنى سىرتتىن تونىغان بولساممۇ شۇنچە شەرەپنىڭ مۇئەللىپى سۈپىتىدە تونىمىغان ئىكەنمەن، بۈگۈن يەنە ئۇنىڭ كۆيۈملۈك يولدىشى ھەم ئۆمۈرلۈك ھەمراھى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ فراپپېسسورى، دوكتور، ئەدەبىي ئوبزورچى مەتتۇرسۇن ئەلى مۇئەللىم ۋە ئۇلارنىڭ بىر جۈپ پەرزەنتىنىمۇ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانىدىم. مەن گۈلجامال مۇئەللىمنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاياللار گۇرۇپپىسى ئاچقان سۆھبەت يىغىنلىرىدا مېغىزلىق، تېتىملىق ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن تونۇغان بولسام، بۈگۈن ئۇنىڭ تولىمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان، ھەم ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان بىر مۇنەۋۋەر، ئىلغار ئىدىيەلىك خانىم ئىكەنلىكىنى تونۇغانىدىم. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ مۇھاكىمىگە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوستسېنت ئابدۇشۈكۈر موللەك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئۇنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سېكىرتارى، دوكتور ئابدۇسالام ئابدۇشۇكۇر نوھ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پراففېسسورى، ماگىستىر يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فكۇلتېتنىڭ دوتسېنتى ئابدۇللا مەتقۇربان قاتارلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازلارنىمۇ تونۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. يىغىنغا يەنە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى نامىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى بىر قېتىممۇ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ھۆرمەتلىك ئانىمىز مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىكى تۈركچە ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ دىكتورى رۇقىيە ھاجى ئاپپاي ۋە مەن بىلىدىغان شەھىرىمىزدىكى ئايشەم ئەخمەت ئاپپاي، پەرىدە ئىمىن، سارەم ئىبراھىم، قۇندۇز مۇھەممەت، رەشىدە سىيىت، ماھىنۇر ھاجىياقۇپ، رىسالەت خانىم قاتارلىق ئانا ئەدىپلىرىمىز، بىلىقىز سۇلايمان، قەمبەرنىسا، گۈلزەپەر، بەختىگۈل قاتارلىق بىرقىسىم ئايال قەلەمكەشلەر، بىر قىسىم ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن: تارىم ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى مۇختەر تۇردى، «شىنجاڭ ئوبزورچىلىق» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەرىدە مالىك، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى گۈلباھار ناسىر خانىم، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ داڭلىق مۇخبىرى ئامىنە ئابدۇرېشىت خانىم ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىسىدىن غۇنچەم سەمەت قاتارلىق شەھىرىمىزدىكى بىر قەدەر چوڭ كۇتۇپخانا ۋە كىتابخانىلاردىن كەلگەن خادىملار، يەنە توخسۇن ناھىيەسىدىن كەلگەن ئوبزورچى خەلچەم رېشىت خانىم ۋە پىچان ناھىيەسىدىن كەلگەن مەلىكە ئايزىت خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ۋە گۈلجامال مەمتىمىننىڭ خىزمەتداشلىرى قاتناشتى. ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى ئىلىمدارلار قىلىدۇ دېگەن گەپكە ئىشەندىم، تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار چاقىرىلغان مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىپ بولغان بولغاچقا يىغىن دەل ۋاقتىدا باشلاندى، بۇرۇنقىدەكلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئاكتىپ تەشكىلاتچى خانىم ساجىدە سۇلايمانقارى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن يىغىن ئەھلىگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرگىنىدە زال ئىچىدە جىمجىتچلىق ھۆكۈم سۈردى، ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا مەركەزلەشكەن ئىدى، ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ مەردانە ھالدا ئىشتراكچىلارغا يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى ئوقۇپ بولۇپ، بىرىنچى بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھىۋىزۇللا ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى، گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆزگە چىققان پولات ھىۋىزۇللا ئەپەندى بۇ مۇھاكىمە يىغىننىڭ تەشكىللىنىش جەريانىنى قىسقىچە سۆزلەپ، يېقىندىن بېرىقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، بولۇپمۇ ئايال قەلەمكەشلەر گۇرۇپپىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەم بۈگۈنكى يىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ بۇنداق راۋان ئېچىلالىشىنى ئەسقەر ياسىن ئەپەندىنىڭ ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىپ، ھەر قايسى كارخانىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنىڭ ياردېمىنى قولغان كەلتۈرگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغاندا زال ئىچىدە يەنە بىر قېتىم گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تەپەكۇر»، «كارخانىچىلار» ژۇرناللىرىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەسقەر ياسىن ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياغۇچىلار جەمئىيىتى ئايال قەلەمكەشلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ناھايىتى ياخشى باھالارنى بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەھمىيىتى بولغان ھەر خىل تېمىلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى داۋاملىق ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت يولىنى كېڭەيتىشى ھەققىدە ئايال قەلەمكەشلەر گۇرۇپپىسىغا ئىلھام بەردى، رەھبەرلەر سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ساجىدە سۇلايمانقارى گۈلجامال مەمتىمىن خانىمنىڭ ئاياللار ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا كىرىشكەندىن بېرىقى ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئاندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت ئابدۇشۇكۇر موللەك ئەپەندى گۈلجامال مەمتىمىن خانىمنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئەدبىيات ھاياتى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن پەيتلەر ئاخىرى يېتىپ كېلىپ، چېھرىدىن مېھرىبانلىقى تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان، سۆيۈملۈك ئاپتورىمىز گۈلجامال خانىم قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە يىغىن ئەھلىگە تېخىمۇ قىزغىن كەيپىياتلارنى بەخش ئېتىپ سۆزگە چىقتى، ئۇنىڭ تەمكىن، سالماق ھەرىكەتلەر بىلەن مېھمانلارغا سالام بېرىشى ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئېگىسىگە خاس سالاپىتىنى يەنە بىر قېتىم نايان قىلىپ، ھەممىنىڭ چېھرىدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ئىپادىسىنى جىلىۋىلەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر فېمىنىزم ھەققىدە» دېگەن كىتاۋىنىڭ بۆلەكلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرى جەريانىدىكى تەتقىقاتلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ باشتىن ئاخىر چېھرىدە نامايان بولۇۋاتقان بىر نۇر ئۇنىڭ قەلبىدىكى بىلىمگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ يارقىن لاۋۇلداۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىدىن، ئۇنىڭ جاپا مۇشەققەتلەر دېڭىزى ئىچىدىن سۈزۈۋالغان گۆھەرلىرىنىڭ جۇلاسىنى يېقىندىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق، ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سېكىرتارى دوكتۇر ئابدۇسالام شۇكۇر نوھ ئەپەندى «ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ جىنىس نۇقتىسى» ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئاندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئابدۇللا مەتقۇربان ئەپەندى «<ئۇيغۇر فېمىنىزم ئەدەبىياتى توغرىسىدا> ناملىق كىتابتىكى يېڭى مىتود ۋە پىكىر ئىزچىللىقى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئارقىدىن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى گۈلباھار ناسىر خانىم قەشقەر ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ سېكىرتارى پراففېسسور ، ماگىستىر يېتەكچىسى كىرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇيغۇر فەمىنىزم ئەدەبىياتى ھەققىدە» ناملىق كىتابقا يازغان «ئۇيغۇر فېمىنىزىم ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجە» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ بەردى. ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2011- يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەمەتئېلى ئوبۇلتارى «ئىككىنچى ئاڭنىڭ ئويغىنىشى ئۇيغۇرلاردا فېمىنىزم». ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى پاتىگۈل غوپۇر «<ئۇيغۇر فېمىنىزم ئەدەبىياتى توغرىسىدا> ناملىق كىتابتىكى يېڭىلىق» تېمىلىرىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇدى، ئاخىردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ فراپپېسسورى ماگىستىر يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان يىغىن ئەھلىگە يۇمۇرستىك قىلىپ گۈلجامال مۇئەللىم بىلەن ئاياللار ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان قىزىقارلىق سۆھبەتلىرىنى سۆزلەپ كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئەڭ ئاخىردا گۈلجامال مۇئەللىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى مەمەتتۇرسۇن مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ گۈلجامال مۇئەللىمنىڭ ئائىلىدىكى رولى ۋە ئائىلىسى، باللىرىنىڭ ئوقۇش تەربىيەلىنىشىدە، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىمۇ سۈيۈملۈك رەپىقىسىنىڭ ئەجرىنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرغانلارنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ رەڭلەردىن خالىي جۈملىلىرى ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ كۆزلىرىمىزدىن ئىسسىق ياشلار ئەگىدى، ھەرقانداق ئۇتۇق قازانغان بىر ئەرنىڭ ئارقىسىدا ۋاپادار جاپاكەش بىر ئايال بار، دەپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بۇ بىر جۈپلەر بىر بىرىگە ۋاپادار بولۇپ بىر بىرىنى قوللاپ مەرىپەت بېغىدا تەڭ ئېچىلىپ، ئوخشاش خۇشپۇراق ھىد تارىتىپ كەلگەن زىيالىلار ئىدى، ئۇلار ئۆز ئارا قوللاش، ئۆز ئارا مەدەت، ياردەم بېرىش ئارقىلىق بىر بىرىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل نەتىجىلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى ھەم خەلق ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ مەردانىلىك بىلەن يۈزلىنىپ تۇرالىدى، مانا بىز گۈلجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ جەمئىيەتكە جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشالىغان پەخىرلىك ئايال ئكەنلكىنى بىلگەن بولساق، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ ئىجتىھاتچان زىيالىيلا بولۇپ قالماي ئائىلىدىمۇ ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ئانا، ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارغا كۆيۈمچان بالا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنى تەرىپلەشكە ھەقىقەتەن تىل تاپالماي قالدۇق. سورۇن ئەھلى بۇ بىرجۈپ گۈلگە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ گۈلدراس ئالقىشلارنى ياڭراتتى. ئاخىرىدا گۈلجامال مۇئەللىم ئائىلىسى ۋە كەسىپداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ كەلگەن دەستە - دەستە گۈللەرگە پۈركۈنۈپ خۇشپۇراق گۈللەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئاخىردا ساجىدە سۇلايمان قارى ئېزىز مېھمانلارنىڭ يىراقنى يىراق كۆرمەي قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئايال قەلەمكەشلەر گۇرۇپپىسىغا يارىتىپ بېرىۋاتقان شارائىتلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قوللىشىلا بولىدىكەن بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك يىغىنلارنى داۋاملىق ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «چىننۇرى بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى <سۇلتان> زاۋۇتىغا، مۇبارەك خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ يىغىننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، يىغىن ئەھلى گۈلجامال مۇئەللىمنىڭ نەخ مەيداندا ئىمزا قويۇپ ھەدىيە قىلغان كىتاۋىدىن بىردىن ئېلىپ، خوشاللىق پارلاپ تۇرغان ھېھرى بىلەن سورۇندىن ئايرىلدى. 2015- يىلى 6- ئېيۇن يېزىلىپ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن 9- ئېيۇن ئۆزگەرتىلىپ يوللاندى.
. . |