تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 10

كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
1
مۇنبەر پۇلى
5
ئىشەنىچ
1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-9 19:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات




1.股权投资=شەخسىي پاي ھوقۇقى:شەخسى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سىلىش بولسا بىر خىل بازارغا چىقمىغان پاي ھوقۇقى ياكى پىيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقى سودىسى ئاشكارە بولمىغان مەبلەغ سىلىش شەكلى .مەبلەغ سىلىش شەكلىدىن قارىغاندا يەككە ھالەتتە شەخسى كارخانىلارغا ۋە پىيى بازارغا سېلىنمىغان كارخانىلارغا نىسبەتەن ھوقۇق خارەكتىرلىك مەبلەغ سىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

2.国债=زايۇم:مەركىزى ھۆكۈمەت مەلۇم بىر پىرىنسىپ بويىچە جەمئىيەتتىن مەبلەغ يىغىش مەخسىتىدە تارقاتقان قەرز چىكى بولۇپ،تارقىتىشتىن ئاۋال يىللىق پايدىسى مۇقىم بىكىتىلگەن بولىدۇ .زايۇمنى ئادەتتە پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولغان چاغلاردا تارقىتىدۇ .

3.期货=قەرەللىك مال:قەرەللىك مال بولسا نەق مال بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ ،نەق مال سودىسى بولسا بىز كۆرۈپ تۇرىدىغان تاۋار سودىسىنى كۆرسۈتىدۇ .قەرەللىك مال ئەمىلىيەتتە ھەقىقىي مال سودىسى بولماستىن مەلۇم چوڭ تىپتىكى مەھسۇلاتلار مەسىلەن پاختا،دادۇر،قۇمۇش،نىفىت بىلەن پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى مەسىلەن پاي چىكى،قەرز چىكى،تاشقى پىرۋوت قاتارلىقلار ئوبىكىت ماددا بولغان ئۆلچەملەشكەن كىلىشىمنامە سودىسىنى كۆرسۈتىدۇ .قەرەللىك مال گىرىتسىيەدە بارلىققا كەلگەن.نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەرەللىك مال بازىرى بولغان چىكاكۇ قەرەللىك مال بازىرى 1848-يىلى قۇرۇلغان .

4.基金=فۇند:كەڭ مەنىدىن ئىيىتقاندا مەلۇم مەخسەت ئۈچۈن قۇرۇلغان  بەلگىلىك مىقداردىكى كاپىتالنى كۆرسۈتىدۇ .مەسىلەن ھاۋالە مەبلەغ فۇندى ،جامائەت فۇندى،سۇغۇرتا فۇندى،پىنسىيەگە چىقىش فۇندى .تار مەنىدىكى فۇند بولسا كىشىلەر دائىم دەيدىغان ئاكسىيە فۇندىنى كۆرسۈتىدۇ .فۇند شىركەتلىرى يىققان مەبلەغ ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سىلىنىپلا قالماشتىن باشقا يەنە ئەمىلىي تۈرلەرگىمۇ سىلىنىدۇ .فۇندتا ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتى بولىدۇ .فۇند باشقۇرغۇچى يەنى فۇند تارقىتىپ مەبلەغ يىققۇچى شىركەتلەر،ۋاستىچىلەر يەنى ھەرخىل بانكىلار ،مەبلەغ سالغۇچىلار يەنى بانكا قاتارلىق ئورۇنلاردىن فۇند سىتىۋالغۇچى كىشىلەر .

5.股票=پاي چىكى : پاي چىكى بولسا پاي چەكلىك تۈزۈمدىكى شىركەتلەر تارقاتقان پايچىلارنىڭ بىر خىل ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ئاكسىيە .پاي چىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈم خارەكتىرى بولغاچقا بازارغا سىلىنىپ ئوبۇرۇت قىلىنىدۇ.دۆلىتىمىزدە پىيى بازارغا سىلىنغان شىركەت پايلىرى شاڭخەي ئاكسىيە سودا بىرژىسى ۋە شىنجىن ئاكسىيە سودا بىرژىسىدا سودا قىلىنىدۇ.نۆۋەتتە شىنجاڭدا پىيى بازارغا سىلىنغان شىركەت سانى 41 بولۇپ ،ئارىسىدا مىللىي كارخانىلاردىن بىرسىمۇ يوق .

6.贵金属=قىممەتلىك مىتاللار :ئاساسلىقى يەر قاتلىمىدا مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغان ،باھاسى بەك يۇقىرى بولغان ئالتۇن ،كۈمۈش قاتارلىق مىتاللارنى كۆرسۈتىدۇ .قىممەتلىك مىتال سودىسى بولسا مەبلەغ سالغۇچى قىممەتلىك مىتال بازىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ،مەسىلەن خەلقئارا ئالتۇن-كۈمۈش زاپاس مىقدار ئۆزگىرىشى ،ئامرىكا دوللىرى قىممەت ئۆزگىرىشى،خەلقئارا نىفىت باھا ئۆزگۈرىشى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ سان-سىفىر ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ماس ھالدا ئالتۇن-كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىپ ئېلىم-سىتىم قىلىدىغان بىر خىل مەبلەغ سىلىش ھەركىتى .


دۇنيادىكى ئاساسلىق پاي چىكى كۆرسەتكۈچلىرى


1.道璟斯指数=داۋجىنىس كۆرسەتكۈچى:داۋجىنىس پاي چىكى ئوتتۇرچە كۆرسەنكۈچ بولسا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ،ئىشلىتىش دائىرىسى ئەك كەڭرى بولغان پاي چىكى كۆرسەتكۈچى بولۇپ ،نىيۇرك ئاكسىيە بىرژىسىغا پىيى سىلىنغان بىر قىسىم ۋەكىل خارەكتىرلىك شىركەتلەر پىيىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ھاسىل بولغان .تارىختا داۋجىنىس كۆرسەتكۈچى 1884-7-3-كۈنى ئىلان قىلىنغان بولۇپ ،دەسلەپتە 11 پاي چىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .كۆرسەتكۈچ دەسلەپتە 40.94 نۇقتىدىن باشلانغان .تارىختىكى ئەك يۇقىرى نۇقتىسى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 02-كۈنى 18282.63 نۇقتىنى ياراتقان .

2.NASDAQ=ناسىداك كۆرسەتكۈچى:ناسىداك بولسا ئامرىكىدىكى بىر ئىلىكتىرۇنلۇق ئاكسىيە سودا ئورگىنى بولۇپ ،ناسىداك كۆرسەتكۈچنى ناسىداك پاي بازىرى شىركىتى باشقۇرىدۇ.1971-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،ھازىر دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان پاي بازىرىغا ئايلاندى .ھازىر بۇ بازارغا 5500 دىن ئارتۇق شىركەتلەر پىيىنى سىلىپ بولدى .پۇتۇن دۇنيادىكى 500 دىن ئارتۇق كۈچلۈك ئاكسىيە شىركەتلىرى ئەزا بولدى.2010-يىلى داداڭ تورى DNNG دىگەن پاي نۇمۇر بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئامرىكا ناسىداك ئاكسىيە بىرژىسىغا پىينى بازارغا سىلىپ جۇڭگودىكى تۇنجى قىتىم ئامرىكا پاي بازىرىغا پىيىنى بازارغا سالغان ئۇنۋىرسال تور سودا شىركىتى بولۇپ قالدى .شۇكۈنى ئىچىلىش باھاسى 24.5دوللار بولۇپ تارقىتىش باھاسىدىن 8.5 دوللار يۇقىرى بولدى .داداڭ تورى بۇ قىتىم 17 مىليۇن پاي چىكى تارقاتتى .


3.ئۆلچەملىك پۇير 500 كۆرساتكۈچى:ئۆلچەملىك پۇير باشقۇرشىدىكى شىركەت بولۇپ 1957-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ،دەسلەپتە 425 سانائەت پىيى،15 تۆمۈريول پىيى ،60 ئاممىۋى ئىشلار پىيىدىن تۈزۈلگەن .داۋجىنىس كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا ۋەكىل خارەكتىرى كۈچلۈك بولۇش،توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش ،ئۈزلۈكسىز ياخشى بولۇش خۇسىسىيەتلىرىگە ئىگە.ئۆلچەملىك پۇير بولسا دۇنيادىكى نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە تەھلىل ئورگىنى .

4.恒生指数=خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى:شىياڭگاڭ پاي چىكى بازىرىدىكى تارىخ ئەڭ ئۇزۇن پاي چىكى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،خىڭشىڭ بانكىسى 1969-يىلى 11-ئاينىڭ 24- كۈنى ئىلان قىلىپ يولغا قويغان ،باشلىنىش نۇقتىسى 100 نۇقتا بولۇپ ھازىر 27900 نوقتىلاردا تەۋرىنىۋاتىدۇ .

5.日经指数:توكيۇ ئاكسىيە بىرژىسىدىكى مۇھىم پاي چىكى كۆرسەتكۈچ بولۇپ ،ياپۇنىيە ئىقتىسادى داۋجىنىس پاي چىكى كۆرسەتكۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .ئامرىكا داۋجىنىس كۆرسەتكۈچىنى ئۆرنەك قىلىپ 1975-يىلى يولغا قويۇلغان .

6.金融时报:پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گىزىتى كۆرسەتكۈچى 1984-يىلى قۇرۇلغان .لوندۇن ئاكسىيە بىرژىسىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان 100 شىركەتنىڭ پاي چىكى كۆرسەتكۈچى بولۇپ لوندۇن پۇل-مۇئامىلە گىزىتى تەھرىرلىكىدە بولىدۇ .1888- يىلى لوندۇندا بارلىققا كەلگەن ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە،ئىقتىساد ئەھۋالىنى تارقىتىش ئاساسلىق مەزمۇم قىلىنغان كۈندىلىك گىزىت financial times پۈتۈن ياۋرۇپادا تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ،150 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇندا ئوقۇرمەنلىرى بولغان گىزىت ھىساپلىنىدۇ .

22

تېما

5

دوست

3269

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
1258
مۇنبەر پۇلى
1947
ئىشەنىچ
1258
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-11 11:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات بەرگىنىڭىز گە تەشەككۇر

22

تېما

5

دوست

3269

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
1258
مۇنبەر پۇلى
1947
ئىشەنىچ
1258
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-12 14:11:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارمۇ بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

171

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
54
مۇنبەر پۇلى
117
ئىشەنىچ
54
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 02:11:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار دەرھال كۆرۈڭلار  پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
http://xinjiang01.hktd01.me48.com/
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:05, Processed in 0.132443 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش