بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kb137 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-9 14:04
ئەسسالامۇ– ئەلەيكۇم . تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكە بارلىق تورداشلار ۋە قېرىنداشلار . مەندىن سىلەرگە چوڭقۇر سالام . ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ، كۈنلىرىڭلارنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن . مەن ئاساسى مەخسىتىمنى تورداشلار تولۇقراق - تەپسىلىي چۈشىنىشى ئۈچۈن خەتلىرىمنى سەل كۆپرەك يازدىم. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەم : مەن 2007 – يىلى 8-ئايدىن 2010 –يىلى 7 – ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك كەسپى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇپ 2010-يىلى ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كىيىن ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ كىلىپ يېزىمىزدا بىر كومپيۇتېرخانىداپىراكتىكا ھېسابىدا ئىشلىدىم . كىيىن ئوقۇپ كەلگەن بولغاچقا كاللامغا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش خىيالى پەيدا بولدىدە كىچىككىنە دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋالدىم . بۇ دۇكاننى ئاچقىلىمۇ 2 يىلدىن ئېشىپتۇ. تىجارەت ئىشلىرىممۇ يامان ئەمەس ھەر ھالدا .لىكىن دۇكاننىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆپەيتىش ، مەبلەخ سېلىش ئىشلىرىدا ئىختىساد مەسلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالدىم . ئائىلە شارائىتىم ئادەتتىكىچە . بىر سىڭلىم ئىچكىردە ئوقۇۋاتىدۇ .ئائىلەمدىكىلەر سىڭلىمنىڭ ئوقۇش راسخوتى دەردىنى تارتسا ...مەنمۇ ئۆز ئىگىلىكىمگە ئۆزۈم مەبلەخ سالسام دەپ ئويلاپ ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ ئاخىرى كەڭ تورداشلارنىڭ مەسلىھەت بىرىشىنى سوراپ بۇ تېمىنى يازدىم .
.كەسپى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك دىپلوم ، كومپيۇتېر كەسىپ گۇۋاھنامىسى ، دۇكاننىڭ بارلىق تىجارەت كىنىشكىللىرىم تولۇق . پارتىيە - ھۆكۈمەتكە ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قائىدە –تۈزۈملىرىگە خىلاپ قىلمىشلىرىم يوق . دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىشىغا قارىتا قەرىز-مەبلەخ ئاجىرتىپ بىرىدىغان سىياسىتىدىن ماڭا ئېنىق مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار كەڭ تورداشلارنىڭ ياردىمىدىن چەكسىز سۆيۈنگەن بولاتتىم . ھەمدە يول ئېچىپ ئىشلىرىمنى ھەل قىلىشىپ بىردىغانلار بولسا مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن . ئۇلارنى كۆڭلىدىكىدك رازى قىلغان بولاتتىم . .
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرۇم :15599925328 ئالاقىلىشىش QQ نۇمۇرۇممۇ : 15599925328 مەسلىھەت بىرىشنى خالايدىغانلار ۋە ياكى ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن ئۆزۈم مارالبېشى تەۋەسىدىن . ئۆزتەۋەلىكىمدىكى ھەممە بانكىلارغا كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم . شەخسى تىجارەتچىلەرگەقەرىز بەرمەيمىز دەيدۇ . ئەمدى ماڭائوخشاش يېڭىدىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلاش ئارزۇسى بار قېرىنداشلىرىمىز قانداققىلىپ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرشى كېرەك ؟ بانكىغا يول مېڭىش جەھەتتىن ھەرقانداق ماتىريال بولسا مەن تەمىنلەپ بىرەلەيمەن . يەرلىك ئورۇنلاردىن تونۇشتۇرۇش ، ئىسپات ئېلىش ۋە كىپىل بولغۇچى دىگەندەك ئىشلار بولسۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى بولسۇن ... |