ھىكايەت:ئۆز-ئارايېقىن ئۆتىدىغان ئىككى خوشنا بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر خوشنىسىنىڭ مەھەللىسىدىكى بىركەتمىنى بىلەن بىر يانتېلېفۇنى يۈتۈپ كېتىپتۇ. بۇ خوشنىسى ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ئاخىرى گۇمانىنى خوشنىلىرىنىڭ باللىرىغا قارىتىپتۇ ھەمدە بىر كۈنلىرى خوشنىسىدىن ئۆزىنىڭ بىركەتمىنى ۋە يانتېلېفۇنىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىگىنى، باللىرىنىڭ ئالغان-ئالمىغانلىغىنى سوراپتۇ. ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ يىپ-يىڭنە چاغلىق بىر نەرسىسىگە قارا سانىماي ئۆتكەن ئۇ خوشنىسىنىڭ بۇ گەپ بىلەن يۈرىگىگە دەز كېتىپتۇ ھەمدە قاتتىق رەنجىپتۇ-دە ئىككى خوشنا ئارىسىغا سوغاقچىلىق چۈشۈپ قاپتۇ. ھېكمەت: گۇمەنخورلۈق خۇددى ئاپئاق قەغەز يۈزىگە سېپىلگەن سىياھقا ئوخشايدۇ. ئۇنى ئاۋۋال چېچىۋىتىپ ھەرقانچە سۇرىتسىمۇ يەنىلا ئەتراپقا كېڭىيىدۇكى ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا گۇمانخورلۇقنى تۈگىتىش لازىم. ئەڭ بولمىغاندىمۇ تىزگىنلەش كېرەك. چۈنكى-بۇ خىل ھالەت پەقەت كىشىلەر روھىنى قايمۇقتۇرۇپ، دوستلارنى، خولۇم-خوشنىلارنى، قەۋمى-قېرىنداشلارنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۈرۈپ قالماستىن يەنە تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۈن ئوڭايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. |