بىز ھەركۈنى شۇنچە ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يۇيۇنۇپ پاكىزلىنىمىز، لېكىن بۇ چاغدا بىز ھەر ۋاقىت يېنىمىزدىن ئايرىماي يۈرىدىغان يانفۇنىمىز بىزدىنمۇ بەكرەك يۇيۇنۇشقا مۇھتاج بۇلىشى مۇمكىن ...
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى يانفۇن بىلەن كۆپ بولغاندا 150 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇچىرىشىدىكەن، ئامېرىكا ئالىمى 51 خىل يانفۇن ئەۋرىشكىسىدىن ئوخشاش بولمىغان 7000 خىل مىكروب بايقىغان. دوئانگىرىيە ئۇنۋىرستىتى مىكىرو بىئولوگىيە ئالىمى مۇنداق دەيدۇ:<<ئەڭ يامان بولغىنى تېخى بۇ ئەمەس، سىز يانفۇننى قولىڭىزغا ئېلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقتىڭىزدا يانفۇننىڭ تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بۇ مىكروبلارنىڭ تىز سۈرئەتتە كۈپىيشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بىرىسىز. >>
تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشچە نۇرغۇنلىغان كىسەل پەيدا قىلغۇچى مىكىروپلار يانفۇن سىرتقى يۈزىدە بايقالغان. كۇنۇپكىلىق يانۇنلار تېخىمۇ خەتەرلىك بۇلۇپ مىكروبلار ئاسانلا كۇنۇپكىلارنىڭ ئارسىغا كىرىۋالىدىكەن. شۇڭلاشقا ھەر كۈنى كۈنى يۇيۇنغان ۋاقتىڭىزدا يانفۇنىڭىزنى مىكىروبقا قارشى ھۆل لاتا بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ، قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. مەنبە: ئەلقۇت ساغلاملىق تاراتقۇسى
|