دادام ماڭا ھايات ۋاختىدا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىدى.ئارىدىن نەچچەن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن،دادامنىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشكە ناھايىتى ئاددى تۇرغىنى بىلەن مەنىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر،ناھايىتىمۇ قىممەتلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر ئېكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ھېكمەتلەرنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئېيىتىپ بىرىشنى،ھەر بىر ئىش-ھەركىتىدە ئۆزلىرىگە قىبلىنامە قىلىپ،ھايات يوللىرىدا تەمتىرىمەي مېڭىشىنى لايىق تاپتىم. -بالام خىزمەتنى ياخشى ئىشلە،ھورۈنلۈق قىلما،ئىشلىگەنگە ئادەم ئۆلمەيدۇ،نومۇسقا ئۆلىدۇ.ئىشلىگەننىڭ ھامان يۈزى يورۈق بولۇپ،ئەل-ئاۋام ھامان ئىشلىگەننى كۆرىدۇ.بۈرۈن بىز بىر نان ئۈچۈن نەچچە كېچە ھاردىم-تالدىم دىمەي ئىشلەيىتتۈق.ھازىر سىلەر بىر كۈن ئىشلىسەڭلار ھۆكىمەت سىلەرگە 100نانغا لايىق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل بىرىدۇ.شۇڭا ئالغان مائاشقا لايىق ئىشلەپ،ھۆكىمەتنىڭ پۇلىنى ھالال ئېلىشنى ئۈگەن.ئادەم ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلغاندا ھەرگىزمۇ چارچاش ھېس قىلمايدۇ،سەمىمىي بولۇشنى ئۈگەن،چۈنكى-سەمىمىي ئادەملەرنىڭ ھەر بىر قەدىمىي ئاستىدا يول ئۆزى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.نوچى ئادەم بول،ئەڭ نوچى ئادەم باشقىلارنى ھەرگىز بوزەك قىلمايدۇ،بەلكى ئۇلارغا قاراپ ھېسداشلىق قىلىدۇ.جىسمى ساغلام،روھى خاتىرجەم كىشىلا ئەڭ بەخىتلىك كىشىدۈر.ھەر بىر ماڭغان يولۇڭدا پۇلنى ھەرگىز دوسىت تۇتما،باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆت.باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ ياشايدىغان چاكىنىلىقتىن ساقلان.باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى ياشناتقانلار ئەڭ نومۇسسسىز كىشىلەردۈر.بۇنداق نومۇسسسىزلىق كىشىگە ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئونۇتما،چۈنكى سېنىڭ قىلغان ھەر بىر ياخشىقىڭنىڭ بىر كۈنلىرى ساڭا نەچچە ھەسسە بولۇپ يېنىشىدا گەپ يوق.نىيەتنى ھەرگىزمۇ يامان قىلما،ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ نىيىتى تەرپىندىن بەلگۈلىنىدۇ.نىيەت-ئىقبالىڭ دۇرۇس بولۇپ شىۋىرغاندا قالساڭمۇ ساڭا شۇ چاغدا يەنە بىر قىسىم دۆڭلەر بولسىمۇ توسالغۇ بولۇپ ئېللىتىدۇ،جىسمىڭ بىر ئاز توڭغاندەك قىلغىنى بىلەن قەلبىڭدىن باھار كەم بولمايدۇ.باشقىلارغا ھەرگىزمۇ يوغانچىلىق قىلما،قولۇڭدىن كەلسە ھەر ۋاقىت ياردەم قىل،باشقىلارغا سالام قىلىشنى ئۇنتىما(مەيلى ئۇ دۈشمىنىڭ بولسىمۇ)سېنىڭ باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشى مۇئامىلەڭ بىر كۈن بولمىسۈن ھامىنى بىر كۈنى دۈشمىنىڭنىڭمۇ قەلبىنى ئېرىتمەي قالمايدۇ.ھاجەتمەنلەرنىڭ بېشىنى سىلاپ،ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا يۈكسەك ئېتىبار بەر.چۈنكى ھاجەتمەننىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا ھاجىتىنى ئېيىتىشىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.سالامەتلىگىڭنى ئاسرا.مال-دۈنيانى بەك قوغلاشما،ئۇنى تېپىپ بۈگۈنگىچە قانائەت قىلغان،ھەتتا ئۇنىڭ چېكىگە يەتكەن بىرمۇ ئېنسان يوق،ۋاختى كەلگەندە قۇرۇق قول كەلگەنسەن،يەنە قورۇق قول كېتىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ قوي.ئۆز ئائىلەڭگە ياخشى ئىگە بول،خوتۈن-باللىرىڭغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلاپ تۇرۇشنى بىر كۈنمۇ ئونۇتما،مېھىر-مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالغان ئائىلە بۇ پانىي دۈنيادىكى دوزاختۇر.پەرزەنتلىرىڭنىڭ كۆڭلى پەقەت سەندىكى ئەشۈ مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىقلا ئۆسىدۇ،شۈنىمۇ تونۇپ يەتكىنكى ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلمىگەن ئادەمنىڭ ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلىشى بەسى مۇشكۈلدۈر.كۆڭۈل-كۆكسۇڭنى كەڭ تۇت،كۆڭۈل تارلاشقاندا ئۇنىڭغا بىر تال تېرىق چاغلىق نەرسىمۇ پاتماي قالىدۇ،بۇ ياخشى ئىش ئەمەس.ئالدىراپ باشقىلارغا باھا بەرمە،بىر قىسىم ئۆزىنى ئالى جاناپ كۆرسەتكەن ئېپادىلەرنىڭ قىياپىتى ئاستىدا رەزىللىك يۈشۈرۈنغان بولىشىمۇ،بىر قىسىم سوغاق چىرايلارنىڭ قىياپىتى ئاستىدا باھاردەك ئىللىقلىق بولىشىمۇ مۇمكېن.بوراندىن كېيىن يامغۈرنىڭ يېغىشى ناتايىن،ئەمما يامغۇردىن كېيىن ھەسەن-ھۈسەننىڭ چىقىشىدا گەپ يوق.ئۆزەڭگە ياخشى باھا بەرمەكچى بولساڭ ئەڭ ياخشىسى خەلىقنىڭ ئېغىزىغا قارا،پەقەت خەلىقنىڭ ئېغىزىدىن چىققان باھالا سېنىڭ ھەقىقىي باھاسىڭدۈر.ئىش ئوخشايدۇ دەپ تاماكا چېكىشنى،ھاراق ئىچىشنى ئۈگىنىپ قالمىغىن،ھاراق ئىچىش بارلىق بالايى ئاپەتلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ،قەدىمدىن ھازىرغىچە بىرەر ھاراقكەشنىڭ ئۇتۇق قازانغىنىنى كۆرمىدىم.ھاراقخورلۈقنىڭ ئاخىرى جىنايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،بىلىپ-بىلمەي بۇ يولغا كىرىپ قالغىنىڭ ھايات يولىدا پالاكەتنى زورلاپ ئۆزۇڭگە تاڭغىنىڭدۈر.پۇل تاپ،تاپقان پۇلۇڭنى پاكىز يەرگە خەجلەشنى ئۈگەن،مۇمكېن بولسا پۇل خەجلەۋاتقىنىڭدا ئۇنىڭ ئۇرۈنسىز ياكى ئەمەسلىگىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ قوي؟شۈندىلا ياشىغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولۇپ،ماڭغان ھەر بىر قەدىمىڭنىڭ ئاستىدا گۈللەر ئۈنىدۇ،ئەل-ئاۋام ئالدىدا مەرتىۋەڭ يۇقۇرى بولۇپ،ھەممە سېنى ھۆرمەت قىلىدۇ،قىلغان ھەر بىر ئىشىڭ نەتىجىلىك بولۇپ،قەلبىڭ چەكسىز بەخىتكە تولىدۇ،خەيىر بالام شۈندىلا مەنمۇ سەندەك بىر ئوغلۇمنىڭ بولغىنىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن!
|