تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 7

مەخەت ئابدۇرېھىم:ئارقا ئىشىك.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1586

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
759
مۇنبەر پۇلى
796
ئىشەنىچ
759
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 16:55:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقا ئىشىك
( ساتىرا)


ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ،
ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ.
(خەلق تەمسىلى)

بار ئىكەن،يوق ئىكەن زامانىمىزدا،
ھەقىقەت تاج كىيگەن دەۋرانىمىزدا.
بار ئىكەن بىر ئىشىك ئورنى نا ئېنىق،
لىكىن ئۇ ئىشىكنىڭ خىرىدارى جىق.
ئارقا ئىشىك دەيدىكەن ئۇنىڭ ئىسمىنى،
كۆرگىلى بولماسكەن شەكلى،جىسمىنى.

ئېچىلار ئىكەن ئۇ بەزى سول ياندىن،
كۆپىنچە ئارقىدىن،دالدا-پىنھاندىن.
يوق ئىكەن ئېسىغلىق پەيزىسى ئۇنىڭ،
يا پوستا ئەسكىرى نەيزىسى ئۇنىڭ.
شۇڭا كۆپ كىشىلەر تاپالمايدىكەن،
تاپسىمۇ ‹دىتى يوق›ئاچالمايدىكەن

بەك ئاسان تاپاركەن‹دىتى بارلىرى›   
ھوقوقى،تونوش،دوست،ئېپى بارلىرى).
بىردەمدە پۈتتۈرۈپ ئىشىنى ئۇلار،
ئوڭلاركەن مۈشكۈلى،بېشىنى ئۇلار.
ئۇ نۇرغۇن نەرسىگە ئىكەن ھامىلدار
تۇغۇپتۇ ھەتتا ئۇ نەچچە ئەمەلدار.

ئۇنىڭدىن نى ئىلمىي ئەرباپلار چىقمىش،
نە ئىلمىي توم تۈرۈك كاززاپلار چىقمىش.
بەزىلەر داشۆگە ئاشۇ ئىشىكتىن،
غىپ قىلىپ چىقىشتى (ئارقا تۆشۈكتىن)
كۆپلىرى تەلمۈرۈپ ئالدى ئىشىككە،
بۆلۈنۈپ تەسەللى ئاتلىق بۆشۈككە.
تەلمۇرە-تەلمۈرە كۆزلىرى تالدى،
نەتىجە؛ ئاخىرى كوچىدا قالدى.

يوق ئىكەن ئۇ ئىشىك ئېچىلمىغان جاي،
ئۇرۇغى بولمىسىمۇ چېچىلمىغان جاي.
ئىدارە،ماگازىن ھەم دوختۇرخانا،
گۆش دۇككان،ئۇن پونكىت،كىنو،ئاشخانا.
ھەممىسى،ھەممىسى،ھەممىسىدە بار،
قاتنايدۇ ئۇنىڭدىن مىڭلاپ خېرىدار.

بىردەرتمەن بىر يىلچە ئالدى ئىشىكتىن،
ماڭدى ھەم كىردى ئۇ نەچچە تۆشۈكتىن.
ئالدىغا ئۇچرىغان قانچە كادىرنىڭ،
كوجاڭۇ،چۈيجاڭۇ ھەتتا نازىرنىڭ.
قويمىدى ئارامى،ھەپىسىلىسىنى،
ھەل قىلماق ئۈچۈن ئۆ مەسىلىسىنى.
شۇندىمۇ ئىشىنى قىلالمىدى ھەل،
(ئۇمۇ چوڭ ئېلىشتى قويۇۋەتمەي بەل)


كىيىن بىر تونۇشى كۆرسىتىپ ئەقىل،
دىدىكى؛بۇرادەر ئىشنى مۇنداق قىل.
جايلىدى بىر سومكا دوستى دىگەندەك،
تولدۇرۇپ سوغىغا يىگەن- ئىچكەندەك.
دەل مۇشۇ بىز دىگەن ئىشىكتىن ئۇنى،
شۇڭغۇتتى چاققانلىق بىلەن بىر كۈنى.
يۈرۈشۈپ كەتتى ئىش ئۇزۇن ئۆتمەستىن،
ھەل بولدى ھەممىسى ھەپتە كۈتمەستىن.

بۇ ئىشىك ھەققىدە بولدى تولا سۆز،
غەزەپلىك تىكىلدى مىليۇنلىغان كۆز.
شۇ غەزەپ ياسىسا كۈچلۈك بىر دولقۇن،
نەپرەتلەر ئوت ئېلىپ بولسا بىر يالقۇن،
كۆيدۈرۈپ كۈل قىلسا شۇنداق ئىشىكنى،
تۈزلىسە تىندۇرۇپ ئەسكى تۆشۈكنى،
قۇتۇلسا ئەل بۇ بىر بالا-ئاپەتتىن،
بولاتتى خەلق رازى بۇ ئادالەتتىن.



مەنبە؛توي چاچقۇسى ناملىق
شىئېىرلار توپلىمى                              
ئاپتۇرى؛ غېنىزات غەييۇرانى.






11

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1127

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
510
مۇنبەر پۇلى
589
ئىشەنىچ
510
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 12:23:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ  ئېسىل  يىزىلغان ئەمىلىيەت  ئىكەن . تەشەككۈر. يوللغان  قوللىرڭىزغا  دەرت  بەرمىسۇن .

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1586

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
759
مۇنبەر پۇلى
796
ئىشەنىچ
759
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 00:08:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baxkiram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 00:13  

روبائىلار

قۇچقاچلار توپلىشىپ قىلغاندا  پەرۋاز ،   
چىقىدۇ توساتتىن پۇر قىلغان ئاۋاز .
ۋەلىسپىت مىنگەندە كۆتۈڭ ئاغرىسا ،  
ئىگەردىن رەنجىمە چاقىدا يەل ئاز .  

كۆرۈنگەن يەرلەرگە پايپاقنى يەشمە ،   
سۆھبەتتە بىراۋنىڭ سۆزىنى تەشمە .
قانائەت بابىدا بولساڭ بىر مىسال ، "
بۇ ھايات رىزقىڭغا چاچىدۇ چەشمە .  
  
تولا گەپ ئادەمنى قىلار قەدرىسىز ،  
ھالاۋەت كېلەمدۇ قولغا جەبرىسىز . 
ئىلمىساڭ ئاۋامنى پاتماي كوچىغا ،  
ئاقىۋەت دۇنيادا قالما قەبرىسىز.  
  
توخونىڭ  چىشى يوق تۇمشىقى يامان ،  
قالىدۇ يەنىلا چاشقانغا خامان .  
مەزىلىك لوقمىنى يىسىمۇ ئىتلار ،   
كالىلار سۈت بېرەر يىسىمۇ سامان .

ۋاقىتنى پارچىلاپ قىلدۇق نان ئۇۋاق ،  
بىخلانغان ئىللەتكە ياپمىدۇن تۇۋاق .  
كۆپكەچكە ھەر دائىم قورساقتا ھەسەت ،
سۆكۈلدى سېيرىتما ،تۇتمىدى سۇۋاق .  

چىۋىننى پالاقتا پاق قىلغان بىلەن ،  
كۆكۈيۈن ھاۋادا ئۇچىدۇ تېرەن .
نادانلىق بېتىدە ياتما كېرىلىپ ،  
روھىڭنى سۇغۇرۇپ ھېكمەتكە مىلەن .  


بىراۋلار كۆرسەتسە چىشنىڭ ئېقىنى .  
قولۇڭغا تېگىدۇ يۇمشاق بىقىنى .
تەقدىرىڭ قويغاندا ئالدىڭغا تۇخۇم ،   
پالاققا ئېسىلما ،تاللا سېقىنى .  
  

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

2179

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1095
مۇنبەر پۇلى
1071
ئىشەنىچ
1095
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 21:19:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
baxkiram يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 00:08
روبائىلار

قۇچقاچلار توپلىشىپ قىلغاندا  پەرۋاز ،   

بۇ روبائىلار ياخشى يىزىلىپتۇ . بۇنى بىز ئەملىيەتتىن مىسال ئىلىش دەيمىز .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

10

تېما

24

ئەگەشكۈچى

5279

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2816
مۇنبەر پۇلى
2643
ئىشەنىچ
2816
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 23:46:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتىياقىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن ئەجىر يەردە قالماس . تەشەككۈر سىزگە !
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 07:09, Processed in 0.104832 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش